تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

تىيانشاندىكى سەددىچىن سېپىلى، چۆللۈكتىكى شانلىق سەھىپە

​− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى زىلياڭ، خې جۈن، گوۋ لىفېڭ

1954 - يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلدى. 70 يىلدىن بۇيان، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ئۆز جايىدا كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىن «8000 خۇنەنلىك قىز تىيانشانغا كېلىش»كىچە، مال بېقىپ چېگرانى چارلاشتىن چېگرا لىنىيەسىدە 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق پولات سېپىل بەرپا قىلىشقىچە، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نامرات، قالاق ھالەتتىن 2023 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 370 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىشقىچە، چۆللۈكتە «ياش شەھەر»نى قەد كۆتۈرگۈزۈشتىن 12 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىلىشىغىچە... بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 - يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تەڭداشسىز. كۆپچىلىكنىڭ بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۈنسايىن يېڭىلاندى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىدى... بىڭتۇەن ئۈزلۈكسىز شانلىق سەھىپە يارىتىدۇ.

70 يىل بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلدى، بىڭتۇەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ

«جەزمەن چىڭ قوغدايدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك.» سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ۋېي دېيوۋ غەرب تەرەپتىكى چېگرا لىنىيەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەمكىنلىك بىلەن شۇنداق دېدى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ 60 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ چېگرانى چارلىدى، چېگرانى قوغدىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ بۆلەكتىكى چېگرا لىنىيەسى تىنچ - ئامان بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ باقمىدى.

1964 - يىلى، ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ۋېي دېيوۋ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، سابىق بېيجىڭ ھەربىي رايونىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شى 161 - تۇەنگە كەسىپ ئالماشتۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنگە قەدەر، ۋېي دېيوۋ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى چېگرا لىنىيەسىنى 60 يىل چىڭ قوغدىدى، بېسىپ ئۆتكەن ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

70 يىلدىن بۇيان، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى بىر مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ھەرقايسى جايلاردىن تىيانشان ئېتىكىگە جەم بولدى، ئۇلار مۇز سۈيى ئىچىپ، قارلىق دالىلاردا يېتىپ - قوپۇپ، بوران - چاپقۇن، قۇم - بوران بىلەن ئېلىشتى. ۋېي دېيوۋغا ئوخشاش ئىشچى - خىزمەتچى ئامما خۇددى «تىرىك چېگرا تېشى»لىرىغا، تۈپ - تۈپ ئاق تېرەكلەرگە ئوخشاش ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، چېگرانىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى.

بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭدا ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۇچ كەلگەن بىر مەيدان «قاتتىق جەڭ» بولدى.

بىڭتۇەن جايلاشقان يەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس يەر ئىدى. ئىنتايىن ناچار مۇھىت ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ تۇرالغۇسى يوق ئىدى، داق يەرگىلا بىر ئادەم چوڭقۇرلۇقىدا ئورەك كولاپ، ئۈستىگە يۇلغۇن شاخلىرىنى يېپىپ، ئاستىغا قومۇش، ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يېيىتىپ ياسىغان ئاددىيغىنە گەمە كونا ئەسكەرلەرنىڭ ئۆيى بولدى، كەچتە ئۇخلىغاندا، 10 كىۋادرات مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان جايدا، بىر بەندىكى ئون نەچچە جەڭچى قىستىلىشىپ ياتاتتى. بەزىدە جەڭچىلەر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقاندا، ئۆگزىدىن ئۆتكەن ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ چاقى پېتىپ كېتىپ «گۈپپىدە» قىلىپ چۈشەتتى، ئەسلىدە يۇرتداشلار ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ گەمىنىڭ ئۆگزىسىدىن ئۆتكەنىدى.

مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا، بىڭتۇەنلىكلەر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، كەڭ كەتكەن قەدىمكى چۆل - باياۋاننى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، چۆللۈكتە قاتار - قاتار بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش شەھەرلىرى ۋە زامانىۋى سانائەت باغچە رايونلىرىنى قۇردى. كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەش، ئاز - ئازدىن غەملەش ئارقىلىق، بىڭتۇەن شىنجاڭدا 1 - تۈركۈمدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى زامانىۋى سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن «بىرىنچى» سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىنى سالدى.

«مەن نۇرغۇن جايغا بارغان، بۇ شەھەر ئەڭ ياش، ئۇ شۇنداق چىرايلىق، كىشىلەر بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ...» يېڭى جۇڭگونىڭ 1 - ئەۋلاد ئايال تىراكتورچىسى، بۈگۈنكى كۈندە 91 ياشقا كىرگەن جىن ماۋفاڭ «ياش شەھەر» − شىخەنزە شەھىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇ ھازىرمۇ «ياش شەھەر» دېگەن بۇ شېئىرنى دائىم ئوقۇپ تۇرىدۇ. جىن ماۋفاڭ شەخس ئەسلىي تىپىنىڭ بىرى بولغان «ئايال تىراكتورچى» ئوبرازى ئىلگىرى 3 - يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلىغا بېسىلغان.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئاي، بىڭتۇەننىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى توغراقلىقلاردا، يېشىللىق بىلەن ئالتۇن رەڭ گىرەلىشىپ كەتكەن، بىڭتۇەن باشقۇرۇشىدىكى شەھەرلەر توپى ئارىسىدا تۈپتۈز، ئازادە يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن، زامانىۋى ئىمارەتلەر قاتار - قاتار سېلىنغان بولۇپ، قاتار - قاتار زامانىۋىلاشقان شەھەرلەر ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىدى، بىڭتۇەنلىكلەر «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.

مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلدى، بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولى تەڭداشسىز

بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى مىڭ چاقىرىملىق چېگرا لىنىيەسىدە، چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ئىز باسارلىرى بار. 2017 - يىلى، ۋېي شيا شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئادەم شالاڭ بولغان جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىغا كېلىپ، ياشىنىپ قالغان دادىسى ۋېي دېيوۋنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىسى بولدى. بىڭتۇەن 10 - شى 185 - تۇەنىدىكى چېگرادا، ما جۈنۋۇ ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسىنىڭ يېنىغا يېڭىدىن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، ئىككىيلەن بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ كۆپچىلىكنى قوغدىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ چېگرا ئۇل ئەسلىھەلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، چېگرا مۇداپىئە قوماندانلىق مەركىزى، ئالدىنقى ئۇچ سېزىش سىستېمىسى قاتارلىق «ئاقىل چېگرا مۇداپىئەسى» ماس قەدەمدە قۇرۇلۇپ، تاسقاپ تەكشۈرۈش، سۈزۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش، توسۇشتىن ئىبارەت تۆت «توسۇق» ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئۇزۇنلۇقى 2019 كىلومېتىرغا يەتكەن چېگرا لىنىيەسىدە ئادەم كۈچى مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، ماددىي كۈچ مۇداپىئەسىنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۇەندىكى خەلق ئەسكەرلىرى خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەش جەھەتلەردە ئىزچىل مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، بىڭتۇەن ئىقتىسادى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

بىڭتۇەن ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن شىنجاڭنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ، 369 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر بىڭتۇەننىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

بۈگۈنكى بىڭتۇەن ئۆزىگە خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، 2023 - يىلى بىڭتۇەننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %0.39ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىغا %10.2 تۆھپە قوشتى، پاختا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %21.9ى ۋە %17.2ىنى ئىگىلىدى. «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىڭتۇەن بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك <نام كارتىسى بولۇشقا مۇناسىپ كەسىپ>نى يېتىشتۈردى، بۇ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا سىجىل تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ» دېدى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، تارىم داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ ئەيپىڭ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىڭتۇەن شىنجاڭ جەمئىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق ياراتتى، دوستلۇق مېھرى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يەرلىك ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ، دوستلىشىپ، تۇغقانلىشىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم خەنزۇ كادىرلار ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ھەم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار خەنزۇ ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ قايتا ئاتلىنىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىڭتۇەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچى مۇھىم، شەرەپلىك.

ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىغا تارقالغان بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىگە كىرگەندە، ھەممىلا يەردە بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن دادىللىق بىلەن ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سودا، سېلىنما، مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. 2024 - يىلى 6 - ئايغىچە، بىڭتۇەن رايون بۆلىكىدىكى بازار تىجارىتى سۇبيېكتلىرى 8000غا يېتىپ، 2023 - يىلى 11 - ئايدا ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغان ۋاقىتتىكىدىن 1100دىن كۆپرەكى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 35 تۈر يېڭىدىن كۆپىيىپ ماكانلىشىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 15 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بوشلۇق بايلىقى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بازار ئاساسى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل مۇھىتتا قوللىنىشقا بولىدۇ. شىخەنزە شەھىرىدە، ئومۇمىي سېلىنمىسى 800 مىليون يۈەن بولغان چوڭ تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ۋە ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى پات ئارىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. تۈر مەسئۇلى جۇڭ جىيۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سىستېمىسى ھەم ئادەملىك ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، ياساش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئاسراش، يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بەش يىل ئىچىدە يىلىغا چوڭ تىپتىكى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدىن 150نى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ھازىرلايدىكەن، كۆزلىمە ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىلىغا 2 مىليارد يۈەن مەھسۇلات قىممىتى يارىتالايدىكەن.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ساھەسىدە، بىڭتۇەن پۈتۈن مەملىكەت كاربون قويۇپ بېرىش سودا بازىرى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، قاتناش قۇرۇلمىسىنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تەڭشەشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. 2023 - يىلى بىڭتۇەننىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى ياسىمىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.9كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 22 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى.

كەچ كۈزدىكى شەبنەم چۈشكەن چاغ، كۈيتۈن دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى، ئىشچىلارنىڭ كېچىلەپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم بېتوننى قۇيۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى − لاۋخۇكوۋ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. «قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خۇياڭخې شەھىرى، شىخو شەھىرى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى بىڭتۇەن ۋە يەرلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.» تۈر مەسئۇلى گاۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: كۈيتۈن دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى بىڭتۇەندە قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ يەككە گەۋدىلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىڭتۇەننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى.

سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يول قاتنىشى، ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى... شىنجاڭدىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىڭتۇەن ئۇزاقتىن بۇيان زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقاردى.

ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىڭتۇەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا كەينى - كەينىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلدى. تيېمېنگۇەن شەھىرىدە، 1000 مو يەردە ئەتىيازدا تېرىلغان ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 1000 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، قۇملاشقان يەردە تۇنجى قېتىم تۇتاش كەتكەن «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ھەم بىڭتۇەننىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلىگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقانلىقى، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى «بىڭتۇەن ئەسلىمىسى» مەدەنىيەت ئىجادىيەت دۇكىنىدا، «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش» مەدەنىيىتى مايكىسى، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» سومكىسى، «باياۋاندىكى ئانا» تۈز سىزغۇچى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى... شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

«ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قىلىشتىكى كونكرېت تۇتقا.» بىڭتۇەن مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ زىبىن مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن دىققەتنى «شىنجاڭدا ساياھەت قىلىش، بىڭتۇەندە غىزالىنىش، قونۇش»قا سىجىل مەركەزلەشتۈرۈپ، «گۈزەل شىنجاڭ، گۈللەنگەن بىڭتۇەن»نىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەن روھى مۇجەسسەملەنگەن قىزىل ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، ۋەتەن ۋە خەلق ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۈن - تىنسىز ھالدا چېگرا رايوننى قوغداپ پۈتكەن شانلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى بىڭتۇەن روھىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.