مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە كۆردى
10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ، 70 يىل ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىلدى؛ مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋر زەپەر مارشى يىراقلارغا تارالدى. 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي قاتارلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىللە كۆرۈپ، بىڭتۇەننىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان نەتىجە يارىتىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئەسلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سالدى.
ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسى خۇشال قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. «بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» ناملىق سىمفونىيەلىك خورنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىدە، ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. كېچىلىك ئۈچ سەھىپىگە بۆلۈنگەن.
بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، قاينام - تاشقىنلىق يىللار كۆپ بولدى. «ئازاد زامان» ناملىق ناخشىغا جور بولۇپ ئوينالغان «زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرىش» ناملىق ئۇسسۇل «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش» سەھىپىسىنى باشلاپ، كىشىلەرنىڭ خىيالىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاشۇ يىللارغا باشلاپ باردى. «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭ ناخشىسى» ناملىق ۋەقەلىك ئاساسىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل، «ياش شەھەر» ناملىق شېئىر، «ئىگىلىك تىكلەش يولى» ناملىق ۋەقەلىك ئاساسىدىكى ئۇسسۇل، «بىز ماڭىمىز داغدام يولدا» ناملىق ناخشا قاتارلىق نومۇرلار قالتىس ئورۇنلىنىپ، بىڭتۇەننىڭ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىگىلىك تىكلەش تارىخىغا، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان بىڭتۇەن روھىغا چوڭقۇر مەدھىيە ئوقۇلدى.
«باھاردىكى ھېكايە» ناملىق مۇزىكا بىلەن «يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» سەھىپىسى باشلاندى. «بىڭتۇەن سۈرەتتەك گۈزەل» «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا شىنجاڭ» قاتارلىق ناخشىلاردا بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئىپادىلەندى. «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مەشئەلنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش» ناملىق بالىلار ناخشا - ئۇسسۇلى، «دۆلەت» ناملىق ۋەقەلىك ئاساسىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىقلاردا بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت مەردانە ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.
يېڭى دەۋرگە كىرىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالى بىڭتۇەننى رىغبەتلەندۈرمەكتە، بىڭتۇەننى ئىلھاملاندۇرماقتا. «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» سەھىپىسىدە، «يېڭى ماكان» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل، «توغراقنىڭ ياشلىق قەسىمى» ناملىق ئۇسسۇل، «ئانار قىزاردى» «چېگرا ئۆتكىلىدىكى جۇشقۇنلۇق» ناملىق ناخشىلار، «تىيانشاننى قوغداش» ناملىق ئۇسسۇل ۋە سېرىك نومۇرى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىشەنچى ئىپادىلەندى.
«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇقەدەر ياڭراق!» پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتىشىغا ئەگىشىپ كېچىلىك ئاياغلاشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ خۇا ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئىلگىرى بىڭتۇەندە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئالاقىدار پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى.