تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازار ئاۋات، كەسىپ ھالىتى يېڭى، ھاياتىي كۈچ يېتەرلىك بولدى

​− دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىغا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى قاتارلىق باش تېمىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قايناق كەيپىيات، سودا كەيپىياتى، ئاۋات مەنزىرىنىڭ داۋاملىق قىزىشىغا تۈرتكە بولدى. سودا تارماقلىرىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بىردەك كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۈن - سىن ئۈسكۈنىلىرى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرىنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتقان.

خەلققە قولايلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى كۆپ بولدى

ئىستېمال بازىرى ئاۋات بولدى

ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئىستېمال بېلىتى سوۋغا قىلىش، دۇكاننى بازار ئەھۋالىغا قاراپ تاقاش... دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودا ساراي، تاللا بازارلار «مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش + ئىستېمال + خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» بىرىكمە تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغاپ، ئارام ئىقتىسادىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ يەر ئاستى 1 - قەۋىتىدىكى تاللا بازارغا كىرگىنىمدە، پۇل ئېلىش پوكىيىنىڭ ئالدى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ، يېمەكلىك رايونى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ ئاۋات مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى شىڭ جيامىن خام، يېڭى مەھسۇلاتلار رايونىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «مەن توردىن ئىستېمال بېلىتىنى كوللېكتىپ سېتىۋالدىم، دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ بىر قسىم يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، دوستلىرىم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆڭۈللۈك جەم بولىمەن» دېدى ئۇ.

ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازار، يېمەك - ئىچمەك دۇكانلىرى ئادەم بىلەن لىق تولدى. دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تۇنجى كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان خەيدىلاۋ شىنجاڭ تۇنجى دۇكىنىنىڭ تىجارەت ۋاقتى سەھەر سائەت 3كىچە ئۇزارتىلدى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئالدىنقى تۆت كۈنىدە، بۇ دۇكاندا جوزا يىغىشتۇرۇلۇش نىسبىتى بىردەك ئالتە قېتىمدىن، كۈتۈۋېلىنغان خېرىدار 6000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

ئىستېمال بازىرى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بەس - بەستە «ئەمەلىي» ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سالماقنى زورايتىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچىگەن يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.39 ئاشقان.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «شەھەر بويىچە خۇشال مال سېتىۋېلىش . سوۋغاتتىن توختىماي بەھرىلىنىش» دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۇنىۋېرسال ئىستېمال بايرىمى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، 1200 ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىشى، سېتىلىش سوممىسىنىڭ 160 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى؛ قومۇل شەھىرى شۇ جايدىكى ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ «ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگۈسىدىن بەھرىلىنىش . يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەن كۈننى بىرلىكتە تەبرىكلەش» 2024 - يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق ئاپتوموبىل كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، «دۆلەت بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش، كاتتا ئېتىباردىن خۇشال بەھرىلىنىش» دۆلەت بايرىمىلىق بىرلەشمە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بايرىمىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى... ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىستېمال بازىرىنىڭ «باھار سۈيى»نى جانلاندۇردى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا يەنە كۈچ قوشۇلدى

يېشىل ئىستېمال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى

مۇھىت قوغداش ئېڭىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، يېشىل ئىستېمال دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى قىزىق سۆزگە ئايلاندى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، 2024 - يىللىق شىنجاڭ دۆلەت بايرىمىلىق خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل داڭلىق ماركىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېشىل ئىستېمال قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ خەيجۈن ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن بىرنى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالدى. «تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرغۇم بار ئىدى.» جاڭ خەيجۈن مۇنداق دېدى: ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىلەنگەندىن كېيىن، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېجەپ قالدىم.

ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت مول بولغان ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭىدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 18 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىغا يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

شىنجاڭ دامەيتيەن كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۈي جيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، سېتىلىش سوممىسى 750 مىليون يۈەندىن ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش سوممىسى تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىدى.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى نۇرغۇن كارخانىنىڭ «دۆلەت تولۇقلىمىسى كەلدى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرايلى» باش تېمىسىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

نۇرغۇن ئىستېمالچى دەم ئېلىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ «يېڭى مەھسۇلات» سېتىۋالدى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت قوغدايدىغان يېشىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلاندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى شياۋۋېي ئەمدىلا يېڭى ئۆيىنى بېزىگەن بولۇپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆيىگە يېشىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

«يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بولۇشنى ئالدىن ئويلىشىمەن.» لى شياۋۋېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلىغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىلەندىم، ناھايىتى ئەرزان توختىدى.

شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى ئاساسىدا، بەش خىل ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويدى. «دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈرىدىكىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %264 ئاشتى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %82كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65 ئاشتى.» شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ يېجى مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز يەنە يۈرۈشلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋېلىپ مەلۇم سوممىغا يەتسە سوۋغا بېرىش، بانكا كارتىسىدىن چىقىم قىلىنغان پۇل مەلۇم سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى.

سودا تارماقلىرىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئاپتوموبىل تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.46 ئاشقان، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەم ئۈن - سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.17 ئاشقان، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرىدىكىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.32 ئاشقان.

مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرۇلۇپ ھاياتىي كۈچ قوشتى

ئىستېمال بازىرىدا يېڭىلىق يېتەرلىك بولدى

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى مىگۇلى شىيۈ سۇ ئۈزۈش شەھەرچىسى ساھىلدىن نەرسە - كېرەك يىغىش، پەلەمپەيسىمان ئېتىزغا مايسا تىكىش قاتارلىقلارنى باش تېما قىلغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك مەيدان - ساراي بولۇپ، بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ داكا قىلىشتىكى «ئېقىم مىقدارىنى زىممىسىگە ئالىدىغان» جايغا ئايلاندى؛ ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا دېسنىي مەلىكىسى سەيلىسى، قىزىقچىلار كوللېكتىپى سەيلىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى؛ ئۈرۈمچى يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى ۋۇيۆ مەيدانىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋانگارت تىياتىر يىغىلىشى سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىستېمالچىلارنى تىياتىرنىڭ جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى... بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، خاس سودا چەمبىرىكى قاتارلىقلار قىزىق نۇقتا ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

تۇنجى دۇكان ئىستېمالى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى − شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتس رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ سودا سارىيى تىجارەت باشلاپ 36 سائەت ئىشىكىنى تاقىمىدى، سېتىش سوممىسى 51 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن، خېرىدارلار ئېقىمى 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

«بەك قىزىقارلىق ئىكەن، پۇتۇممۇ تېلىپ كەتتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى يۈەن دەم ئېلىش مەزگىلىدە شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتسكە بېرىپ ئايلاندى، تاماق يېدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرى سىجىل قىزىدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى ئويۇنى، يېڭى مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 12 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ . ماناس زۇمرەت مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، جۇخارگۈلى بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، خوتەن ۋىلايىتى 2 - نۆۋەتلىك «پىيالما تاتلىق ئانىرى پىشتى» مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قەشقەر ۋىلايىتى «قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى... ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، ئىستېمال مۇھىتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى. مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، ئومۇمىي ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.