□جياڭ جۇڭپىڭ
جۇڭگونىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىدا، 1954 - يىلى ئېنىقكى يېپيېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى.
شۇ يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلدى، شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان 100 نەچچە مىڭ ئەسكەر ئۆز جايىدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، «جەڭ قوراللىرىنى ساقلاپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قوراللىرىنى قولىغا ئالدى.» بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقە، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىجادىي ئىش.
ھەيۋەتلىك تىيانشان، ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ تۇپرىقىدا، بىڭتۇەنلىكلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايوننى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن سەمىمىي ساداقىتىنى بېغىشلىدى.
1
تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى مۇھىم شەھەر شىخەنزە شەھىرى بىڭتۇەن قۇرغان تۇنجى شەھەر. شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، ھەممە يېرىگە ياماق چۈشكەن ھەربىيچە پەلتۇ، داتلىشىپ كەتكەن كەتمەن قاتارلىقلار بار ئىدى، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر پارچە سۈرەت كىشىلەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ كۈچ ئۇلاپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئۇلۇغ ئىشنى سۆزلەپ بېرەتتى.
2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى. مۇزېيدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىنى قايتا بىر قېتىم ئەسلىدى، كېۋەز تېرىش بازىسىدا كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، توغاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش باغچىسىدا بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى سەمىمىي تاپشۇرۇق بېرىپ، يول بويى كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، بىڭتۇەنلىكلەرنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلىدى.
جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆز قولى بىلەن بىڭتۇەننى بەرپا قىلىپ تەشكىللىگەندىن تارتىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە، ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش»نى تەلەپ قىلىشقىچە، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەربىر قەدەمگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقى مۇجەسسەملەنگەن.
70 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. دەل پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بىڭتۇەنلىكلەر تولۇپ تاشقان «ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە ۋاپادار بولۇش»تەك سادىق قىزىل قەلب بىلەن چۆل - باياۋانلاردا يېڭىدىن يۇرت - ماكان بەرپا قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مۆجىزىلەرنى پۈتۈپ، بىڭتۇەننىڭ قىياپىتى، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
چېگرانى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ بولدى. «ئۈزۈلمەس دۆلەت زېمىنى رىشتى، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان بىڭتۇەنلىكلەر، بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چېگرا مۇداپىئە سېپى، يىمىرىلمەس ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھى»، 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن شەمشەرنى ساپان قىلىپ بوستانلىق بەرپا قىلدى، چىگرانى ئەمىن تاپقۇزۇپ، مۇستەھكەملەپ، «سېپىل» ھاسىل قىلدى، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئېڭى، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقنى تىنچىتىش، مالىمانچىلىقنى توسۇش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىدە، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋان - تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش كۈرىشى داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداشتا ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى.
ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچ بولدى. «شىنجاڭ قانچە چوڭ بولسا، بىڭتۇەننىڭ قاپلاش دائىرىسىمۇ شۇنچە چوڭ؛ جۇڭگو قانچە چوڭ بولسا، بىڭتۇەننىڭ قاپلاش دائىرىسىمۇ شۇنچە چوڭ»، ئالدىنقى يېرىم جۈملىدە بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن بولسا، كېيىنكى يېرىم جۈملىدە بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جاي - جايلاردىن كەلگەنلىكىدەك جاسارىتى نامايان قىلىنغان. 70 يىلدىن بۇيان، 8000 خۇنەنلىك قىز، شەندۇڭلۇق ئايال ئەسكەرلەر، شاڭخەيلىك ياشلار، ئارمىيەدىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى ئىرادىسىدىن قايتماي شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش دولقۇنىغا قوشۇلۇپ، تەرەپ - تەرەپلەردىن كېلىپ بىڭتۇەندە جەم بولۇپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركەزداش چەمبىرىنى سىزغانسېرى چوڭايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يىلتىز تارتقانسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈلگە رايونى بولدى. «چۆل - باياۋاندا يېڭى دۇنيا ئېچىلدى، تىيانشاندا چوڭ دولقۇن كۆتۈرۈلدى»، «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان»دىن يېزا ئىگىلىكىدە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكىچە، چۆل - باياۋانلاردىن باغچىلاشقان شەھەر - بازارلارغىچە، قۇرۇق قول ئىش باشلاشتىن «سانائەت بىڭتۇەنى»نىڭ قەددىنى رۇسلىشىغىچە، ھەيۋەتلىك قوشۇندىن غەربىي قىسىمنى قۇرىدىغان قۇدرەتلىك قوشۇنغىچە، «ساۋات چىقىرىش سىنىپى»دىن «قوش بىرىنچى قاتار»غىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئاشۇرۇشقىچە، بىڭتۇەن روھىدىن بىڭتۇەن مەدەنىيىتىگىچە... 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەنلىكلەر «ئالاھىدە جاپاغا چىدىيالايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان، ئالاھىدە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئالاھىدە ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان» پەزىلىتىگە تايىنىپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا دۇنياۋى مۆجىزە ياراتتى.
بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۈللەنسە، غەربىي قىسىم گۈللىنىدۇ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تاشلىنىپ قالسا، غەربىي قىسىم قالايمىقانلىشىدۇ. بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي تۆھپە شىنجاڭدا بىڭتۇەن قۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك چۈشەندۈرۈپ بېرىپ، تارىختىن بۇيانقى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى «ئۇزاق مۇددەتلىك زور ئىشنى شۇ دەۋردىلا ئاخىرلاشتۇرۇش»تەك قىيىن ۋەزىيەتنى ھەل قىلدى −
بۇ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەت چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى «مەڭگۈلۈك تەدبىر»نىڭ شىنجاڭدىكى غەلىبىسى! تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ غەلىبىسى!
2
بۇ يىل، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدا، شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، ئۇزاق يىللار ئېقىنىدا، بىڭتۇەن بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما بىر تۇپراقتا تەڭ ياشاپ، بىر دەريانىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ، بىر - بىرىگە ھەمدەم بولدى.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم يولى. بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان تەرەققىيات تارىخى.
دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىيىتى، بىڭتۇەن دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ چېگرا رايوننى ئورتاق قوغدايدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىللىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى. ئۆزئارا قوللاش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش باشتىن - ئاخىر بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى كىشى قەلبىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان ئاساسىي مېلودىيە.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى.
بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاۋات ناھىيەسى بىلەن ئارال شەھىرىگە تۆمۈريول تۇتاشماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛ ئاقسۇ - ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا ئۆستۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئېگىزلىكىگە ئايلاندى؛ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ ھەممىسىدە بىڭتۇەن رايون بۆلىكى بار... بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسى، بازار سىستېمىسى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق پىلانلاپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.
بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر مەقسەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەسىرلىك مېلودىيەسى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساق بىڭتۇەندىكى تۇەن - مەيدانغا ئىشلىگىلى بارغاندا يوۋ لياڭيىڭ بىلەن تونۇشقان، شۇنىڭدىن كېيىن، خۇش مۇئامىلىلىك يوۋ لياڭيىڭ ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، مەمەتتۇرۇپقا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا كېۋەز تېرىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشنى ئۆگىتىپ، مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى، يوۋ لياڭيىڭ مەمەتتۇرۇپنىڭ ئاچىسى بولۇپ قالدى. ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولدى، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئىللىق كۆرۈنۈشلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈش، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.
بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قوغداشتىكى ئاڭلىق ھەرىكىتى. تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلاردا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، توغراقلىققا «ئېكولوگىيەلىك سۇ» باشلاپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، تەكلىماكان ۋە قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇقنى ئوراپ تۇرىدىغان يېشىل ئېكولوگىيە بەلبېغىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، يەرنىڭ چۆللىشىشىنى ئۈنۈملۈك توستى؛ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى... سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە قويۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش - ئورتاق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق ھالدا مۇھىت قوغداشنى ياخشى تۇتۇپ، ئورتاق ھالدا ئېكولوگىيەنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدى.
ئىدىيەۋى قاراشنى يۇغۇرۇپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى گىرەلەشتۈرۈپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق تۈزىدى، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇردى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىكلەر بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى.
يىلمۇيىل يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش ئەمەلىيىتىدە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. «ئارىلىشىش»نىڭ ۋاسىتىسى ۋە يولى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «يۇغۇرۇلۇش»نىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ھەر مىللەت ئامما بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
يۇغۇرما تەرەققىي قىلغاندىلا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالغىلى بولىدۇ؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، تەرەققىياتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئىدىيەدە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەرىكەتتە بىردەك بولسىلا، جەزمەن زىچ ئۇيۇشۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقالايدۇ.
3
تارىخ چوڭايتىپ يېزىلغان روھ، روھ تارىخنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلۈشى، تارىخ قەيەردىن باشلانسا، روھ شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ.
70 يىللىق گۈزەل تارىخىي مۇساپىدە، بىڭتۇەنلىكلەر شىنجاڭدىكى قۇملۇق ئەتراپى ۋە چېگرا بويلىرىدا يىلتىز تارتىپ، قەدىمىي چۆل - باياۋاننى مەدەنىي بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتى، تەشۋىقات ئەترىتى، جەڭگىۋار ئەترەت بولۇپ، قۇرۇلۇش چوڭ قوشۇنى، مۇستەھكەم تۈۋرۈك، پولات سېپىللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غايە ۋە ئېتىقاد، قەتئىيلىك ۋە ئىجتىھات ئارقىلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىڭتۇەن روھى گۈللىرىنى سۇغاردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
«جىڭگاڭشەندە تۇغۇلۇپ، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلىش؛ نەچچە ئونمىڭ چاقىرىمنى ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، تىيانشاندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش.» ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا يارىتىلغان بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، تۈپ ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئىستىلىنى نامايان قىلدى، ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ پەزىلىتى مۇجەسسەملەنگەن، قىزىل ئەسلىمىلەر يۈكلەنگەن بولۇپ، دەۋر نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جەزمەن قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.
بىڭتۇەن روھىدىن ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلايلى. «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بارىمىز».... قەلبىگە ساداقەتمەنلىكنى پۈتۈپ، ۋەدىسىنى قان - قېنىغا سىڭدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەس ئېتىقادى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە يارىتىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان قويۇق ھېسسىياتنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
بىڭتۇەن روھىدىن كىشىلىك پەزىلەت كۈچىنى قوبۇل قىلايلى. «ھالاكەت دېڭىزى»نى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەر، غەربىي شىمال چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا تېشى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋېي دېيوۋ، «بىر ئۆمۈر بىرلا ئىشنى قىلغان، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولغان» ما جۈنۋۇ، تىيانشان ئېتىكىدە سەييارە كېسەل كۆرگەن «ئات ئۈستىدىكى دوختۇر» لى مېڭتاۋ... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قانچىلىغان بىڭتۇەنلىك ياشلىق باھارىنى ئۆمۈر بويى بېغىشلىدى، پۈتۈن ئۆمرىنى ئەۋلادلارغا بېغىشلىدى! ئۇلارنىڭ ساداقىتى، ئۆزىنى بېغىشلىشى، قۇربان بېرىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان پەزىلەتنى تاۋلاپ، توغراققا ئوخشاش شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
بىڭتۇەن روھىدىن ئەمەلىيەت كۈچىنى قوبۇل قىلايلى. شىنجاڭدىكى تۇنجى بىر كاللەك يىپنى ئېگىرىش، تۇنجى بىر توپ رەختنى توقۇش، تۇنجى چاقماق قەنتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن پاختا سۈپىتىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشكىچە، ئاندىن پېيى بازارغا سېلىنغان نۇرغۇن كارخانا بەرپا قىلىشقىچە، بىڭتۇەنلىكلەر «خەلق بىلەن پايدا - مەنپەئەت تالاشماسلىق» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تەك روھنى تاۋلاپ، قەتئىي تۈردە «مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار»نى «مۇمكىن»چىلىككە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى مۆجىزىلىرىنى ياراتتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
بىڭتۇەن روھىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلايلى. ليۇ شوۋرېن شىنجاڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تىپىدىكى ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى، چېن شۆگېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، يوپۇق يېپىپ كېۋەز ئۇرۇقى سېلىش ماشىنىسى ۋە يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىپ تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، يىن فېيخۇ تېمىتىپ سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى ۋە كېڭەيتتى، بىڭتۇەن تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۈچ ئاكادېمىكى «يېڭى بولۇش»قا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ ئۆرلەيدىغان بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بۈگۈنكى بىڭتۇەنلىكلەر يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا نامايان قىلماقتا، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە نامايان قىلماقتا. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىنى ساقلاپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
قايتا ئاتلىنايلى، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك مۇساپە باشلاندى؛ ئالغا ئىلگىرىلەيلى، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ئالدىمىزدا. بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق شانلىق تارىخىدىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىڭتۇەننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلىشىشتەك ئالاھىدە تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، جاسارەت بىلەن تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ناخشىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.