تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

​شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنىڭ كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

«2024 - يىللىق تاۋباۋ مول ھوسۇل بايرىمى دوكلاتى» ئېلان قىلىندى​

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنىڭ كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، تاۋتيەن گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزى جېجياڭ داشۆ جۇڭگو يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىشىپ «2024 - يىللىق تاۋباۋ مول ھوسۇل بايرىمى دوكلاتى»نى ئورتاق ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشى ۋە رەقەملىشىش دەرىجىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ بارغانسېرى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ساھەسىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان 50 ناھىيە ئىسىملىكىدە، غەربىي قىسىم رايونى يېرىمغا يېقىن ساننى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول، تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئالمىسى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەنگەن. بولۇپمۇ شىنجاڭ چوڭ قىسقۇچپاقىسى بۇلتۇر تاۋباۋ سۇپىسىدا تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل تىجارەتچى سانى ۋە ئەشيا ئوبوروتى بىلەن قاپلانغان رايونلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان. ئالتاي ۋىلايىتىدىن كەلگەن چوڭ قىسقۇچپاقا سودىگىرى يەنە ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق چوڭ قىسقۇچپاقا بېقىش كۆلچىكى قۇرۇپ، ھۆددە ئايروپىلانى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈپ، كۆپ قىسىم شەھەرلەرگە 24 سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن چوڭ قىسقۇچپاقىلارغا تېخىمۇ تېز ئېغىز تېگىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ گۈللىنىشىمۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.2 ئاشقان. سېتىلىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىشتا ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈر 20گە يەتكەن. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىمۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، سېتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭ يېزىلىرىدا توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى پارچە سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئېشىپ، يېزا بازارلىرى كۈچلۈك ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەرگەن.

جېجياڭ داشۆ جۇڭگو يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو خۇڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭ تاۋباۋ، تيەنماۋ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، توردىكى يېرىم ھاۋالىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ توردا سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىشى كېرەك.

كەلگۈسىدە، شىنجاڭ داۋاملىق تۈردە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.