− «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چېگرا قوغداش ھېكايىسى (5)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۇرخان لاچىن بوۋىسى بايەكە كەلدىبېككە ھەمراھ بولۇپ بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقتى، ئۇلار بېرىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشاتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن دۇرخان بېيجىڭغا ئۈچ قېتىم بارغانىدى.
1 - قېتىم ئۇنىڭ دادىسى لاچىن بايەكە قۇربان بولغان يىلى، ئۇ بوۋىسى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ لاچىن بايەكەنىڭ «دەۋر نەمۇنىچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ تېخى دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ، كەيپىياتى چۈشكۈن ئىدى.
2 - قېتىم 2022 - يىلى، دۇرخان مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا بېرىپ «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سەھنىدە بوۋىسى ۋە دادىسىنىڭ چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. «ئەينى چاغدا كۆڭلۈمدە ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئائىلىمىزنىڭ ھېكايىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم» دېدى دۇرخان.
3 - قېتىم 2023 - يىلى، دۇرخان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ «لاچىن بايەكە» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىرنىڭ تۇنجى قويۇلۇشىنى كۆردى. «ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ، ۋەتىنىمىز پايتەختىنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، كۆڭلۈمدە ناھايىتى يېقىن ھېس قىلاتتىم، مۇشۇنداق كۆپ قېتىم بارغاندىن كېيىن، ھازىر بېيجىڭنى قەلبىمدە تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلىدىغان بولدۇم» دېدى دۇرخان.
بۇ قېتىم بېيجىڭغا بېرىشتا، بوۋاي بىلەن نەۋرىسىنىڭ قەلبى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، دۇرخان بوۋىسىنى ئىزچىل كۆزىتىپ، بوۋىسىنىڭ بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. «بوۋاممۇ بېيجىڭغا كۆپ قېتىم بارغان، لېكىن بۇ قېتىم ئوخشىمايدۇ، ئۇ شى بوۋام بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى، ھەتتا سەل جىددىيلەشتى» دېدى دۇرخان.
دۇرخاننىڭ نەزەرىدە، مۇلايىم ۋە يېقىملىق بوۋىسى ئىنتايىن قەيسەر، قالتىس ئىدى. لاچىندىن ئايرىلغان بۇ بىرنەچچە يىلدا، نۇرغۇن كىشى بايەكەنىڭ ئائىلىسىگە يوقلاپ بېرىپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تەدرىجىي ئازابتىن قۇتۇلدۇردى. ئۆيىمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئىلگىرىكى كىچىك ئۆيدىن رېمونت قىلىنىپ يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن چوڭ ئۆيگە ئايلاندى.
بايەكە دائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئائىلەم ۋەتىنىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ ئائىلىسى، كىملا كەلسە قارشى ئالىمىز، كىملا تۇرسا بولۇۋېرىدۇ!»
2022 - يىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مېھمانساراي، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ سانى ھازىرقىدەك يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ئىككى ئاپتوبۇس بايەكەنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختاپ، ئىزچىل ماڭمىدى. بايەكە بېرىپ قاراپ، ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«سىلەر نېمىشقا مېھمانخانىغا بارمىدىڭلار؟» بايەكە ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ سورىدى. ئەسلىدە، ئۇلار يۈننەندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بولۇپ، تاشقورغانغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن مېھمانخانىلارنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانىدى، ياتاق زاكاز قىلالماي، ئامالسىز ئاپتوبۇستا ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغانىدى.
«كېلىڭلار، كېلىڭلار، ھەممىڭلار مەن بىلەن مېڭىڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۇخلاڭلار.» بايەكە كۆپچىلىكنى تەكلىپ قىلىپ، «سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ بالامغا ئوخشاش، مەن سىلەردىن پۇل ئالمايمەن، ھەقسىز تۇرىسىلەر!» دېدى.
شۇنداق قىلىپ، شۇ كۈنى بايەكەنىڭ ئائىلىسى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان 30 - 40 ناتونۇش ئادەمنى كۈتۈۋالدى. 2 - كۈنى ساياھەتچىلەر قايتقاندا پۇل تەڭلىۋېدى، بايەكە پەقەتلا ئالغىلى ئۇنىمىدى.
شۇ چاغدا، دۇرخان يازلىق تەتىلگە چىقىپ ئۆيدە بولغاچقا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەنىدى. دۇرخان مۇنداق دېدى: «مەن دادام ۋە بوۋامنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن. مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن».