تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ھەيۋەتلىك قوشۇندىن غەربىي قىسىمنى قۇرىدىغان قۇدرەتلىك قوشۇنغىچە

​− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (4)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

ئىلگىرىكىلەر بولدى تۆمۈر چەۋەنداز، بۈگۈنكىلەر بولدى قۇرۇلۇش ئۇستىسى.

تىيانشاندا تاۋلاندى شەمشەر، داغدام يولدا باشلاندى سەپەر.

غەربىي قىسىمدا ئارزۇ قوغلىشىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇردى قۇدرەتلىك قوشۇن.

جاي - جايدا ھالقىش ئىشقا ئېشىپ، ئۇلۇغ ئىشلار ھەر تەرەپتە چىقتى ۋۇجۇدقا.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەت ئىچىدە ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى، بىپايان چېگرا رايونغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. مۇشۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىڭتۇەندە بىناكارلىق كەسپىنى ئاساس قىلغان بىر ئالاھىدە قوشۇن − 11 - شى بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى زاۋۇت ئۆيلىرى، تۇنجى ئېگىز بىنا، تۇنجى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۇنجى تۆمۈريول، تۇنجى تاشيولنىڭ ھەممىسىدە بىڭتۇەن قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ ئىزلىرى بار. 70 يىلدىن بۇيان، ئۇلار شان - شەرەپ ۋە جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۆجىزە يارىتىپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

ئۆزگىرىش ياساش داۋامىدا تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى

بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

1953 - يىل 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بۇيرۇقى»غا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1 - دالا ئارمىيەسى 1 - بىڭتۇەن ۋە 5 - جۈننىڭ كۆپ قىسمى، ھەمدە 22 - بىڭتۇەننىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش قىسمىغا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 22 - بىڭتۇەندىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر 8 - شىسىنىڭ نامى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش 1 - شىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ <قۇرۇلۇش 1 - شى» دېيىلدى)گە ئۆزگەرتىلىپ، شىخەنزىگە ئورۇنلىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ شەھەر، بازار، سۇچىلىق، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالدى.

بۇ بىر تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپ، ھەيۋەتلىك قوشۇننىڭ ھەربىي قوشۇندىن قۇرۇلۇشچىلارغا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

1978 - يىلى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى تەدرىجىي ساغلام تەرەققىيات يولىغا ماڭدى. ھەرقايسى شىلاردىكى بىناكارلىق كارخانىلىرىمۇ تەڭشەلدى ۋە كۈچەيتىلدى، بىڭتۇەن بىناكارلىق قوشۇنى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، نېفىتلىك ۋە سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، نۇقتىلىق تاشيول، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.

«113 كىلومېتىر يولنىڭ ھەممىسىنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ كولىدۇق، ئۇ چاغلاردا ماشىنا ئاز ئىدى، پەقەت جوتۇ، گۈرجەكلا بار ئىدى، شورلۇق توپا ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلغاچقا بارماقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ھەممىسى <توم بارماق> بولۇپ كەتكەنىدى.» 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 11 - شىدىكى پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ۋاڭ فۇشياڭ ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنى قۇرغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى تىلغا ئېلىپ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دەل مۇشۇ بىڭتۇەن قۇرۇلۇشچىلىرى شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەنىدى.

ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى كۆلەم جەھەتتە ئۈزلۈكسىز زورىيىپلا قالماي، نۇرغۇن ساھەدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

1998 - يىلى، قۇرۇلۇش 1 - شىنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىسىغا ئۆزگەرتىلدى، بۇ، ئۇنىڭ بازارلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم بىر قەدىمى ئىدى. بىڭتۇەننىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ئىشتاتلىق ئورۇنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كارخانا قۇرۇشتەك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. 2014 - يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11 - شىسى» دېگەن ۋىۋىسكا قوشۇپ ئېسىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىرلەشكەن ئالاھىدە تۈزۈلمە يولغا قويۇلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

11 - شى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىڭتۇەننىڭ بىناكارلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى. 70 يىلدىن بۇيان، ئۇ بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكە قاراپ ئۆزگىرىپ، كۆلىمىنىڭ تېز كېڭىيىپ، ھاياتىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئۈنۈمىنىڭ يىلمۇيىل ئاشقانلىقىدەك تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.

يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا قۇرۇلۇش يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 2024 - يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا باشلىقلار مۇنبىرىدە، «2024 - يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىناكارلىق قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2024 - يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 439 - ئورۇندا تۇرۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 18 ئورۇن ئۆرلىدى.

11 - شىغا بىۋاسىتە قاراشلىق «بەش چوڭ گۇرۇھ» بار، بىڭتۇەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش گۇرۇھى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «باشلامچى» بولۇپ، سەككىز قېتىم «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىغا كىرگەن. 11 - شى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جىن خۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى 11 - شىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرگەنلىكى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئون چوڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى چۆرىدەپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەپ، «شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتى، مەملىكەت سىرتى»دىكى ئۈچ چوڭ بىناكارلىق بازىرىنى سىجىل بەرپا قىلدى. قۇرۇلۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، بازار رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، 11 - شىدا دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى تىزگىنلەنگەن كارخانىدىن 227سى بار بولۇپ، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، كەسىپلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى 23 دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلغان تۈر جەمئىي 1000دىن ئاشتى.

مەملىكەت سىرتى بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، بېيشىن يول كۆۋرۈك گۇرۇھى خەلقئارا قۇرۇلۇش ئىشلىرى بۆلۈمى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ لياڭشيۇڭ «ئۇچۇپلا يۈرىدىغان» ئالدىراش ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇ ئالدىنقى ھەپتىدە تېخى موزامبىكتە كېڭەشكەنىدى، بۇ ھەپتىدە بولسا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا كۆپ قېتىم بېرىپ كەلدى. 2009 - يىلى تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان، ۋاڭ لياڭشيۇڭ ئانگولا، ئالجىرىيە، تۇنىس قاتارلىق 12 دۆلەتتە 52 قۇرۇلۇش تۈرى ۋە بازار ئېچىشنى قانات يايدۇرۇپ، 11 - شىدىكى مەملىكەت سىرتى بازىرىنى ئاچىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

جۇڭگو - پاكىستان تاشيولى، تىيانشان تاشيولى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى، چىڭخەي - شىزاڭ تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى 2 - قوش لىنىيەسى، ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، كېڭسۋات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىڭتۇەن قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، 11 - شى يەنە شەرەپ بىلەن دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش مۇكاپاتى، جۇڭگو سۈپەت مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا، شۇنداقلا لۇبەن مۇكاپاتى، جەن تيەنيوۋ مۇكاپاتى، دايۈ مۇكاپاتى قاتارلىق جەمئىي 400دىن ئارتۇق چوڭ - چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

چۆل - باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈش، تاغ - دەريا، دېڭىزلاردىن ھالقىش. 70 يىلدىن بۇيان، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ئەگىشىپ، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى يەككە ھالەتتىن كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلىپ چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەتنى قاپلىغان، قاتناش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپ سىستېمىسىغا چېتىلىدىغان، بازىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتى ھەم مەملىكەت سىرتىغا تارقالغان، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. 11 - شى شۇ سەۋەبتىن غەربىي قىسىم قۇرۇلۇشىدىكى ھەيۋەتلىك قوشۇن دەپ تەرىپلەندى.

يېپيېڭى قىياپەت بىلەن كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى

يېڭى تارىخىي مەزگىلگە كىرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇق ھەم سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇلتۇردىن بۇيان، 11 - شى يېڭى ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، كانچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كان، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشنى باش ھۆددىگە ئېلىش سالاھىيىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، شىنجاڭ بىڭجيەن مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بىڭجيەن توك بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ بېيشىن كانچىلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت تۈرىدىن جەمئىي بەشنى، 5G تورى تۈرىدىن جەمئىي ئىككىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۆلەك كەسىپلىرىدىكى نۆل ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ بەش يىلدىن بۇيان، بۇ شى جەمئىي 227 مىليارد 908 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى بىناكارلىق كەسپى توختامى ئىمزالاپ، بىناكارلىق ئاساسىي كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، G3036 لىنىيەسىدىكى ئاقسۇ - ئارال يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ 2 - توختام بۆلىكىدە، ماشىنا ئادەم كەپشەرلىگەن تۇنجى لىم رامكىسىنى يېپىش تاختىسىنى قۇراشتۇرۇش تاماملاندى. بۇ توختام بۆلىكىنىڭ تېخنىكا باش ئىنژېنېرى ما جۈنلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «كەپشەرلەش مېخانىك بىلىكى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى توغرىلىق دەرىجىسى ئۆسۈپ %98كە يەتتى، بۇنى ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس. بۇ تۈردىن باشقا، 11 - شى يەنە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى 284 تۈردە ئاقىل قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇشنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تولۇق ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللاندى.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېيتەي جەنۇبىي يولى بىلەن تيەنئېخۇ يولى كېسىشكەن جايدىكى بېيشىن سارىيىغا كىرگىنىمدە، بېيشىن يول - كۆۋرۈك گۇرۇھى بېيشىن مەبلەغ سېلىش شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لۈ چۇنلېينىڭ بىناغا ماكانلىشىش ئالدىدا تۇرغان بانكا ۋەكىللىرىگە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بېيشىن سارىيى دۆلەت ئىككى يۇلتۇز دەرىجىلىك يېشىل ئىمارەت بولۇپ باھالانغان شىنجاڭدىكى تۇنجى بىنا. بۇ يېشىل ئىمارەت بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپىنىڭ دۆلەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

2023 - يىلى، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 110 مىليارد 306 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.2 ئېشىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىڭتۇەن بىناكارلىق كەسپى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تىرەك، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يول، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەت، كۆپ خىل كەسىپ تەرەققىياتىنى يۆنىلىش، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كارخانا گۇرۇھى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.