− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (3)
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ
بۇ، سىجىل مۇستەھكەملەنگەن تەرەققىيات ئاساسى − كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، بىڭتۇەن ھەتتا شىنجاڭنىڭ سانائەتلىشىش تەرەققىياتىدىكى تۇنجى سەھىپىنى پۈتۈشتىن، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»غا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق يەتتە چوڭ يېتەكچى كەسىپ، 21 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى يېتىشتۈرۈشكىچە، بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى.
بۇ، ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈلگەن رىقابەت ئەۋزەللىكى − «بىڭتۇەن ياسىمىچىلىقى»نى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پائال راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى تەڭ ئۆستۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورى قوزغىتىلدى.
70 يىللىق شانلىق يىللار، 70 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى. يوق بولۇشتىن بار بولۇش، بار بولۇشتىن ئەلا بولۇش، ئەلا بولۇشتىن كۈچلۈك بولۇشقىچە... بىڭتۇەننىڭ 70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ھەيۋەتلىك سەھىپىسىنى ئېچىپ كۆرسەك، روھنى ئۇرغۇتۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن، پۇختا ئالغا سىلجىتىلغان يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىيات يولى بىردىنلا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، «يېزا ئىگىلىك بىڭتۇەنى»دىن «سانائەت بىڭتۇەنى»گە ئۆتۈشكە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىشتىن كۆپ خىل مۇسابىقە يولىغا يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. سانائەت ئىقتىسادى باشلامچى كارخانىلارنى يۈكسەلدۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ماددىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.
بوران - چاپقۇن، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ياساپ يۈكسەلدى
ھەربىي فورما كىيىپ، «ئېربا داگاڭ» ۋېلىسپىتىنى مىنىپ باغچە رايونىنى ئايلىنىش؛ پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكى پەرتۇق تاقىغان توقۇمىچى ئايال ئىشچىلار توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنىڭ يېنىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇش؛ بىر ناخشا ئېيتىش، بىر ۋاق ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تامىقى يېيىش... شىخەنزە چۆل - باياۋان تەسىراتى مەدەنىيەت - ساياھەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەر سەيلە - ساياھەت قىلىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىۋاتاتتى.
«1958 - يىلىدىكى سانائەت ئەسلىمىسى»، ئۆگزىدىكى بىرنەچچە چوڭ خەت بىڭتۇەن سانائەت تارىخىنىڭ ۋەزنىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
بۇ يەر شىخەنزە 1 - ئاۋغۇست پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت رايونىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ساياھەت باغچىسى. زاۋۇتتا 1958 - يىل 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، 1960 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇ، بىڭتۇەننىڭ چېگرا رايوننى ئېچىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم قۇرۇلۇش.
بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائىتىنىڭ ئۇل سالغۇچىسى. قۇرۇلۇشى بىلەنلا، بىڭتۇەنلىكلەر جاپالىق مۇھىتتا كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەكنى تېجەپ، شىنجاڭدا 1 - تۈركۈمدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى زامانىۋى سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدا نۇرغۇن «بىرىنچى» سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقاردى.
1960 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 1 - ئاۋغۇست قەغەز زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان شىنجاڭ ئۆزى ياسىغان بىرىنچى پارقىراق قەغەز بارلىققا كەلدى؛ 1960 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 - چوڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسى، بىڭتۇەندىكى 1 - چوڭ تىپتىكى پاختا توقۇمىچىلىق بىرلەشمە كارخانىسى − 1 - ئاۋغۇست پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇلۇپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 1960 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، 1 - ئاۋغۇست يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى شىنجاڭدىكى بىرىنچى يۇڭ يىپنى ئىشلەپچىقاردى...
1954 - يىلى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىن باشلانغان بىڭتۇەن سانائىتىنىڭ يىللىق قوشۇلما قىممىتى ئاران 24 مىليون يۈەن ئىدى. قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىۋاتقان بىڭتۇەنلىكلەر جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سانائەتنىڭ دەسلەپكى تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېمەكلىك پىششىقلاش، يېنىك سانائەت توقۇمىچىلىقى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانائەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.
يېڭى ئەسىرگە كىرگەندە، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېمەكلىك - ئىچىملىك، توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، يېڭى تىپتىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىلور ئىشقار خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىشتىن ئېغىر - يېنىك سانائەتنى تەڭ تۇتۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلدى.
سانائەت ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز زورايدى. سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1954 - يىلىدىكى 24 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2023 - يىلىدىكى 100 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى.
كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. بىڭتۇەننىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس قىلىشتىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش سانائىتى، يېشىللاشتۇرۇش سانائىتى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىقلارنى يېتەكچى قىلغان كەسىپلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
تيەنيې، تيەنفۇ، تيەنرۇن، تيەنكاڭ قاتارلىق بىڭتۇەندىكى بىر تۈركۈم «تيەن» ماركىسىدىكى كارخانىلار تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، زورىيىپ، تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى باشلامچى كارخانىلارغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى
يېقىندا، شىنجاڭ تيەنيې پاي چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ تيەنيې» دېيىلدى)نىڭ يىلىغا 250 مىڭ توننا كۆمۈردىن ئېتىل ئالكوگول ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ پۈتۈن جەريانى مۇۋەپپەقىيەتلىك راۋانلاشتۇرۇلۇپ، سۇسىزلاندۇرۇلغان ئېتىل ئالكوگول ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىلدى، بۇ، بۇ تۈرنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ تيەنيېنىڭ پېيىنى تىزگىنلىگەن پايچىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تيەنيې (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تيەنيې گۇرۇھى» دېيىلدى) زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ساھەسىدە كۆمۈردىن بىرىكمە گاز ئېلىشنى مەنبە قىلغان، مېتانول، ئوكسالىك كېسلاتا، ئېتىل ئالكوگول، ئېتىلېن گىلىكول قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈپ بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان «بىر باش، كۆپ لىنىيەلىك» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك شەكىللەندۈردى.
تيەنيې گۇرۇھى ئىلگىرى پولىۋىنىل خىلورىد سىمولا ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق ئىلغار تېخنىكىسى بىلەن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەنيې گۇرۇھى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سودا بىر گەۋدىلىشىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئايلانما ئىقتىساد رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، خىلور - ئىشقار خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ كۆپ خىللىشىش، يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، تۆۋەن كاربونلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.
تيەنيېدىكى ئۆزگىرىش بىڭتۇەننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش سەھىپىسىدىكى بىر كۈچلۈك سادا.
كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قېرى دەرەخنى «يېڭى شاخ چىقىرىش»، كەسىپلەرنى «قايتا گۈللىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −
خاس خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 13 - شى شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ 100 مىليارد دەرىجىلىك كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تيەنيې گۇرۇھىنىڭ بىرىكتۈرگۈچى يېشىل ئالاھىدە سىمولا قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلدى، يېشىل خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش قەدىمى تېزلىتىلدى.
پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. شەرقىي قىسىم رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ، پولىئېستېر قاتارلىق بىرىكمە تالادىكى كەمتۈكلۈكلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، توقۇمىچىلىق، گۈل بېسىش - بوياشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك توقۇمىچىلىق سانائىتى بازىسى ۋە كىيىم - كېچەك كەسپ توپى قۇردى.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. جۇڭشىنجيەن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق گۇرۇھىنىڭ بايلىقنى بىرىكتۈرۈشى، باشلامچى بەرپا قىلىشىغا تايىنىپ، خاس يېمەكلىك ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى، بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان يېڭى ھۆل مېۋە، شوخلا قاتارلىق يېشىل يېمەكلىكلەر سانسىزلىغان كىشىنى جەلپ قىلدى.
يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىلگىرىلەپ، بىڭتۇەن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، مەزمۇت قەدەم تاشلىدى −
ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.
يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان، ماگنىينى ئاساس قىلغان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليومىن − ئاليومىن ماتېرىيالى − ئاليومىن بۇيۇملىرى» كەسىپ زەنجىرى ۋە كىرېمنىي - ئاليومىن قېتىشمىسىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.
جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساشنى تېزلەتتى، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە تەربىيەسى تەتقىقات - ئۆگىنىش بازىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش بازىسى، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى بازىسى، ئايروپىلانلارنى چۇۋۇش، يىغىۋېلىش، ئايلانما پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ھەمتۈرتكە يېڭى تىپتىكى بازىسى، ئاۋىياتسىيە يۈرۈشلەشكەن كەسىپ بازىسىدىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ بازا»نى قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپ توپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.
ئۇدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىزچىل ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش ئارقىلىق، بىڭتۇەننىڭ كەسىپ تەرەققىيات دەرىجىسى سىجىل ئېشىپ، قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك يارقىن جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقتى.
«يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتتا «سۈپەت»نى ئۆستۈردى
شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسىدىكى «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش - تايلاش ماشىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ چىقىپ، بىڭتۇەندىكى ياسىمىچىلىق يەككە تۈرى بويىچە تۇنجى چېمپىيون كارخانا بولۇپ قالدى؛ شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭى مەھسۇلات «N تىپلىق يەككە كىرىستاللىق ماتېرىيال (كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي)» شىنجاڭنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى...
ئەڭ ئەلالىرىغا توغرىلىنىپ، ئەڭ كۈچلۈكلىرى بىلەن بەسلىشىپ، بىڭتۇەن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار» ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ئېشىش مىقدارى»نى بارلىققا كەلتۈردى.
بىڭتۇەن «ئون چوڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل بەرپا قىلىپ، سانائەت كەسپى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى، ياسىمىچىلىق كەسپى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇپ، «2 + 5» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى چوڭقۇر يۇغۇردى. ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كىچىكتىن يۈكسىلىپ كۆلەملەشكەن كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار، يەككە تۈردىكى چېمپىيون كارخانىلار، پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلاردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بويىچە يەككە تۈردىكى چېمپىيون كارخانىدىن بىرنى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 13نى، بىڭتۇەن دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 184نى، بىڭتۇەن بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىدىن 230نى يېتىشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى.
يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن سانائەتتە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن جەمئىي 22نى، يېشىل سانائەت باغچە رايونىدىن جەمئىي ئىككىنى قۇرۇپ چىقىپ، سانائەتنىڭ «قىممىتى» «ئەقلىيلىشىش تەركىبى» «يېشىللىق تەركىبى»نى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
شىنجاڭ دېشىن يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا، قالدۇق ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىپ ئېنېرگىيە تېجەش ئۈسكۈنىلىرى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئايلىنىۋاتاتتى. بۇ كارخانا قالدۇق گاز كۆيگەندىكى قالدۇق ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىپ، خۇياڭخې ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئالتە كارخانىنى سانائەت پارى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەپ، قالدۇق ئىسسىقلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى 3 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى تېجەپ، شىركەتنىڭ كىرىمىنى 10 مىليون يۈەن كۆپەيتتى؛
شىنجاڭ گۇەننۇڭ رەقەملىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار يېزا ئىگىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتى، نەرسە تورى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى، يىغىش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا نازارەت قىلىپ تىزگىنلەپ ۋە ئىز قوغلاپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ يەر تېرىشتىكى غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى؛
...
بىڭتۇەن سانائەت ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، تورلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش» مۇساپىسىنى تېزلەتتى. يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ئۇلنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئاساسنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇردى.
70 يىل بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىڭتۇەننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولى ماڭغانسېرى مۇقىملاشتى، ماڭغانسېرى كېڭەيدى. ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، بىڭتۇەن جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.