تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان»دىن يېزا ئىگىلىكىدە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكىچە

− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان ( 1 )

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

كۈز كىرىپ، يىغىم باشلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى مۇنبەت دالىلار ئالتۇن رەڭگە كىردى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى تۈسى قويۇق نامايان بولۇپ تۇرغان كەڭ تۇپراق كىشىلەرنىڭ بىر يىللىق جاپالىق ئەمگىكىگە جاۋاب قايتۇرماقتا.

يېزا ئىگىلىكى بىڭتۇەننىڭ ئاساسى ۋە ئەۋزەل كەسپى. 70 يىلدىن بۇيان، «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان»دىن باشلاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، پارچە ـ پارچە بوستانلىقلار ۋە 10 مىڭ گېكتار مۇنبەت ئېتىزلارنى ئېچىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەملىكەت بويىچە سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بازىسى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

تاڭدىكى ساپان

سۈرەتتىكى كۆرۈنۈشتە، ئالدىدا بىرنەچچە ئادەم ساپاننى سۆرەۋاتاتتى، كەينىدە بىر ئادەم ساپاننى يۆلەۋاتاتتى. ساپان يۆلىگۈچىنىڭ پاختىلىق ئىشتىنى يىرتىلىپ ئىككى تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان بولۇپ، پۇچقىقىنى تىزىغىچە تۈرۈۋالغانىدى...

«ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان» ناملىق بۇ سۈرەت نۇرغۇن شىنجاڭلىقلارغا ناھايىتى تونۇش. سۈرەتتىكى ئوبرازلار بىڭتۇەن تارىخىدىكى مۇھىم نام كارتىسى بولۇپ قالدى.

يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان 41 ـ تۇەن بىڭتۇەن 3 ـ شىدىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان تۇەن ـ مەيدان بولۇپ، تۇەن ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي ساۋخۇ «ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان»نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغان − ئۇ 1950 ـ يىلى ئەتىيازدىكى بىر سەھەر بولۇپ، ساۋخۇدىن ئىبارەت بۇ قاقاسلىقتا ياش جەڭچىلەر ياغاچ ساپاننى سۆرەپ، ئۈمىد ئۇرۇقىنى بۇ تۇپراققا تېرىغانىدى.

«بۇ سۈرەتنى يۈەن گوشياڭ جياڭجۈن تارتقان، ئەينى چاغدا ئۇ قىسىمنىڭ فوتوگرافى ئىدى.» 41 ـ تۇەننىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ـ خىزمەتچىسى جاڭ يۇڭگاڭ دائىم شۇ جايدىكى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسقىچە تارىخى سارىيىغا كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ: «<ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى ساپان> جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى».

«ئاممىنىڭ ئالىقانچىلىك يېرىنى ئىگىلىۋالماي، چۆللۈكتە باغۇ ـ بوستانلىق بەرپا قىلىمىز.» بىڭتۇەن قۇرۇلغاندىن كېيىن، 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن «خەلق بىلەن مەنپەئەت تالاشماسلىق» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، قاقاس چۆل ـ جەزىرە ۋە ئادەم شالاڭ، مۇھىتى ناچار بولغان چېگرا لىنىيەسى بويى ئەتراپىدا قۇرۇق قول ئىش باشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كىيىم ـ كېچەك ۋە يېمەك ـ ئىچمەكنى تېجەپ، بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بەرپا قىلدى.

ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىڭتۇەن بارلىق ئاماللار بىلەن بىر تۈركۈم تىراكتورلارنى كىرگۈزدى. يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا بارغانسېرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، تىراكتور قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. جەڭچىلەر شادلىققا چۆمدى: «يەر ئاغدۇرساق كالا ئىشلەتمەيدىغان بولدۇق، ماشىنىلار ھەممە يەرنى قاپلىدى».

كەتمەن چېپىش، ئادەم ساپان سۆرەشتىن تارتىپ تىراكتور، كومبايىن ھەيدەشكىچە، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ، قۇم تىزگىنلەپ، شور تىزگىنلەپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، ئېتىزلار تۇتاش كەتكەن، ئېرىق ـ ئۆستەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ئورمان بەلباغلىرى تورلاشقان، يوللىرى راۋانلاشقان بوستانلىق ئېكولوگىيە ئىقتىسادى تورىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.

تۇنجى ساپاندىن باشلاپ، بۇ تۇپراقتا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقىلى 70 يىل بولدى. ساپانغا مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى نۇر تۈركۈم ـ تۈركۈم كېيىنكى ئەۋلادلارنى يورۇتتى.

تېرىقچىلىقتىكى ئۆزگىرىش

نەچچە ئون يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىڭتۇەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، بۇ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى شىنجاڭ تيەنئې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيىگە كىرگەندە، يېپيېڭى ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ـ تايلاش ماشىنىلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. «شىركىتىمىز ئومۇمىي گەۋدىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %92تىن ئاشىدىغان يېڭى تىپتىكى ئالتە قۇرلۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ـ تايلاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، چەت ئەلنىڭ پاختا يىغىش ماشىنىسى ئۇزاقتىن بۇيان دۆلىتىمىز بازىرىنى مونوپول قىلىۋېلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى» دەپ تونۇشتۇردى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ جيەننىڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ـ ياساش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرىنى يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بىر تۈركۈم كارخانىلار يۇقىرى دەرىجىلىك پاختا يىغىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ـ ياساشنى چۆرىدەپ، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ساھەلەردىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، بارغانسېرى كۆپ «بىڭتۇەندە ياسالغان» مەھسۇلاتلار كەڭ كەتكەن كېۋەزلىكلەردە «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ نۇرى»نى چاقناتتى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ شىنجاڭ بازىرىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، ئېتىزلاردا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۇرغۇدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن 9 ـ شى 168 ـ تۇەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تېز پويىزىغا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«قوناقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، مېنىڭچە بۇ يىلقى ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ» دېدى 168 ـ تۇەن 4 ـ ليەننىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىسى يەن شېڭ. بۇ يىل، يەن شېڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنىنى كىرگۈزدى. قايسى ۋاقىتتا سۇغىرىش، قايسى ۋاقىتتا ئوغۇتلاش كېرەك، ئىلگىرى تەجرىبىگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بۇ مەشغۇلاتلارنى بۈگۈنكى كۈندە يان تېلېفونAPP سىنى يېنىك چەكسىلا تاماملىغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۈنۈمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ھازىر، چەكسىز كەتكەن كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئېتىزلاردىكى ئاساسلىق «ئەمگەك كۈچى»گە ئايلاندى، شوپۇرسىز تىراكتور، تېرىش ـ ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا، ئاپتوماتىك تۇمانلىتىپ پۈركۈش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى... بارغانسېرى كۆپ پەن ـ تېخنىكا مۇھىم ئامىللىرى ئېتىزلارغا توپلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «تەر ئاققۇزۇپ تۈرتكە بولۇش»تىن «ئەقىل ـ پاراسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»قا ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، بىڭتۇەننىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.

مول ھوسۇل ناخشىسى

بىڭتۇەن دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى.

بىڭتۇەندىكى كۆپ قىسىم تۇەن ـ مەيدانلار قۇملۇق گىرۋىكى ھەم چېگرا بىرىنچى سېپىگە تارقالغان. قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان تۇپراقتا، ئۇلار يۈز مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى، مىڭ مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى، ئون مىڭ مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلىكىدە بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولۇشتەك ئەلا نەتىجىنى ياراتتى.

سۇچىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، بايلىق ئېچىش، پايدىلىنىش، تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، تېجەش، قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ كۆپ قۇرغاق رايون قۇملۇقتىكى بوستانلىققا ئايلاندى.

چەكلىك سۇ بايلىقى شارائىتىدا، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېز يولغا قويۇپ، سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بىر مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى.

نۆۋەتتە، بىڭتۇەننىڭ سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 21 مىليون 50 مىڭ موغا، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %94.8كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى». بىڭتۇەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۇرۇقچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بۇغداي، قوناق ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

شىخەنزە يېزا ئىگىلىك پەنلىرى تەتقىقات يۇرتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان «شىندۇڭ 52 ـ نومۇر» شىمالىي شىنجاڭ رايونى ئۈچۈن مەخسۇس يېتىشتۈرۈلگەن كۈزگى بۇغداي سورتى بولۇپ، تۈپلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، سوغۇققا چىداملىق بولۇش، قۇرغاقچىلىققا چىدامچان بولۇش، تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىش ۋە ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ بۇغداي سۈپىتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇردى. گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا، «شىندۇڭ 52 ـ نومۇر» شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى ئۇدا يېڭىلىدى.

2023 ـ يىلى، بىڭتۇەننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 4 مىليون 59 مىڭ توننا بولۇپ، ئېشىش مىقدارى شىنجاڭنىڭ %30.2ىنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %10.2ىنى ئىگىلىدى.

شامال چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلدى، يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يېرىش كېرەك؛ ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، تېخىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل ـ پاراسەت قەلەمگە، تۈمەن چاقىرىملىق ئېتىز كىمخابقا ئوخشايدۇ، ھەيۋەتلىك مول ھوسۇل مەنزىرىسى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن تۇپراقتا سىجىل نامايان قىلىنماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.