تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەيۋەتلىك سەپەر، پارلاق ئىستىقبال

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

مېۋىلىك دەرەخ ئەتىيازدا چېچەكلەپ كۈزدە مېۋە بېرىپ، مول ھوسۇللۇق يىل بولدى. بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. ھەيۋەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، چەكسىز پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

«خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ». 1949 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تيەنئەنمېن مەيدانىدا كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئاتلىنىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى.

75 يىل جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىدۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىز «ئىككى چوڭ مۆجىزە» يارىتىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدۇق، دەۋرنىڭ ئارقىسىدا قېلىش، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدۇق. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىك ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ كەلدۇق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئۇدا 20 يىل مول ھوسۇل» ئالدۇق، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز شەكىللەندى، «چاڭئې» ئاينى چارلىدى، «تيەنخې» بوشلۇقتا تۇردى، «تيەنۋېن» مارسنى تەكشۈردى... دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچنى ھازىرلىدى.

75 يىل جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدۇق، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى. كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشقىچە يەنە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە، بىز مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئۇزاق يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش ـ ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي ھالقىشنى، ھەر تەرەپلىمە ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 78.6 ياشقا ئۆرلىدى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى... خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

75 يىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولدى. «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت تارىخىي جاۋاب»تىن «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ دەۋر جاۋابى»غىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇردى. يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەمەلىيەت سۇپىسى قىلىش... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان شانلىق بايراققا ئايلاندى.

قىيىنچىلىق ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. 75 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ھەممە يەردە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئىجادىيەت بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى. بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللىتى دۇنياغا گۈللەپ ياشناۋاتقان كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، توسۇۋالغۇسىز قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا.

يۆنىلىش ئىستىقبالنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان يول، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى پارلاق يول، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ باراۋەر ـ ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇقەررەر يول. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. «ئىككىنى تىكلەش» يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى سىياسىي كاپالەت، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىشىمىز شەرت. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرو جەھەتتىن نەزەر سېلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر، بىز بېكىتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون نەچچە يىل ۋاقىت قالدى، بىز بېكىتكەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ پەقەت 20 نەچچە يىل ۋاقىت قالدى. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

ئىتتىپاقلىق − كۈچ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. «ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈل، ئېغىرلىقى مىسلىسىز، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.» بۇ مۇساپىدە پارتىيەمىز خەلققە زىچ تايىنىپ ئارقا ـ ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يەنىلا خەلققە تايىنىپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتساقلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ.

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. «بىز ھەممىمىز كۈرەش قىلغۇچىلار، ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە كۈرەش قىلىپ، مۇشۇنداق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىمىز ناھايىتى ئېنىق، ناھايىتى ئۇلۇغ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا داۋاملىق ئەمەلىي ئىشلىشىمىزگە، كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئىجادىي ئىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نۇرغۇن يېپيېڭى تېمىلارغا دۇچ كېلىمىز، ھەر خىل جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلارغا يولۇقىمىز، نۇرغۇن بوران ـ چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرىمىز، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز شەرت. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دادىل ئىشلەش داۋامىدا يول ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىر، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، بىز تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىمىز، تېخىمۇ تىرىشىشىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.» يېڭى تارىخىي ئورۇن، يېڭى كۈرەش مۇساپىسى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.