9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى ۋە خەۋىرى) «بۇ يىل بىز جەمئىي 530 مىڭ يۈەنلىك شىنمېي ساتتۇق، كېلەر يىلى مەن شىنمېينى تېخىمۇ ياخشى پەرۋىش قىلىمەن»، دېدى 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدىكى شىنمېي ئۆستۈرگۈچى كېجىم رېھىم.
گەرچە شىنمېينى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈزۈش پەسلى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەيزاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا شىنمېيلار يەنىلا يېڭى پېتى ساقلانماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىشچىلار سىرتلارغا توشۇلىدىغان شىنمېيلارنى ساندۇققا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
«پەيزاۋات ناھىيەسىدە نۆۋەتتە 570 مىڭ مو يەردە شىنمېي ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 410 مىڭ مو يەردىكى شىنمېي مېۋىگە كىردى، ئۆستۈرۈش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ %50ىنى، ھوسۇلىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ئېكسپورت قىلىندى»، دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داڭ يۈ.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش، تاللاش رايونىدا شىنمېيلارنى ساندۇققا قاچىلىماقتا.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار.
9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ ـ پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى