ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك
9- ئاينىڭ 29- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك بېيجىڭدا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بايەكەنىڭ قىزى دۆلەتخان بايەكە ئادەتتىكىدىن بالدۇر ئورنىدىن تۇردى. ئۇ چىرايلىق كىيىنىپ، تاماق ئۈستىلىگە ھەر خىل قۇرۇق مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىك، قەنت - گېزەكلەرنى تىزىپ، ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ھويلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىنى ئاچتى.
9- ئاينىڭ 29- كۈنى، دۆلەتخان بايەكە رەتلىك كىيىنىپ، ئىشىكى ئالدىدا تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈشكە كەلگەن قوشنىلىرىنى قارشى ئالدى. مۇنىرە مەمەتتۇسۇن فوتوسى
«بۈگۈن دادام بېيجىڭدا مۇكاپات ئالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆيۈمگە كېلىپ، ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى»، دېدى دۆلەتخان.
تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىگە يەنە بىر سائەت قالغاندا، يۇرتداشلار كەينى-كەينىدىن بايەكەنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بولدى.
«سىڭلىم، مەن كەلدىم، قىلىدىغان يەنە قانداق ئىشلار بار؟» رابىيە تاھىر بىرىنچى بولۇپ بايەكەنىڭ ئۆيىگە كىردى.
رابىيەمۇ چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، كىچىكىدىن بايەكە ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، كۆڭلىدە ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. «بايەكە تاغام بىزنىڭ ئۈلگىمىز، ئۇ مۇكاپات ئالغىلى بارسا، بىز خۇددى ئۆزىمىز مۇكاپات ئالغاندەك خۇشال بولىمىز»، دېدى رابىيە.
تىزناپ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مىركامىل لالىبىك يارىشىملىق كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ يېتىپ كەلدى.
«بۇ بايەكە تاغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ شان - شەرىپى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن كەنتىمىزنىڭ شان - شەرىپى، شىنجاڭنىڭ شان - شەرىپى! بۈگۈن مەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ يەردە تارقىتىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم»، دېدى 27 ياشلىق مىركامىل.
تىزناپ يېزىسىدىكى كادىرلار كەلدى، بايەكەنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى كەلدى، دۆلەتخان كۆپچىلىكنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بايرام ئۆتكۈزگەندىنمۇ بەكرەك قىزىپ كەتتى.
سائەت 10دا، مۇكاپات بېرىش مۇراسىمىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلاندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلانغاندا، كۆپچىلىك ئورنىدىن تۇرۇپ «پىدائىيلار مارشى»نى بىرلىكتە ئېيتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىقىپ مۇكاپات تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرگەندە، ھەممە ئادەم دىققەت قىلىپ كۆرۈپ، ھەرقانداق بىر قىممەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرىدى.
«ھازىر دۆلەت شەرىپى نامى مېدالى تارقىتىلىدۇ» دېگەن ئېلان سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن ھاياجانلاندى.
9- ئاينىڭ 29- كۈنى، بايەكە كەلدىبېكنىڭ يۇرتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى بىرلىكتە كۆردى. مۇنىرە مەمەتتۇسۇن فوتوسى
«بايەكە تاغا سەھنىگە چىقىدىغان بولدى!» دېدى تىزناپ يېزىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇدىر ئەزاسى خۇشايىك دۆلەتخاننىڭ مۈرىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ خۇشال ھالدا.
تېلېۋىزوردا 72 ياشلىق بايەكە روھلۇق ھالدا باش شۇجىغا قاراپ ماڭدى، باش شۇجى ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، ئۇنىڭغا «خەلق قوغدىغۇچىسى» دېگەن دۆلەت شەرىپى نامى مېدالىنى تاقاپ قويدى.
تېلېۋىزور ئالدىدا يۇرتداشلار تەنتەنە قىلىپ، چاۋاك چېلىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ پەيتنى تەبرىكلىدى.
«بايەكە تاغام شۇنداق خۇشال كۈلدى، لاچىننىڭ روھىنىڭمۇ بۇ مەنزىرىنى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى بايەكەنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى كېشى رۇچايىك.
«پارتىيە ۋە دۆلەت بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ناھايىتى كۆپ غەمخورلۇق قىلدى، بۈگۈن باش شۇجى يەنە بېيجىڭدا دادامغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم»، دېدى دۆلەتخان.
كۆپچىلىك قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقاندا، مىركامىل يۇقىرى ئاۋازدا: «كەنت ئاھالە كومىتېتى گۈرۈچ، ياغ، گۆش، كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى، بىز بۈگۈن چۈشتە بايەكە تاغىنىڭ ئۆيىدە بىرلىكتە پولۇ ئېتىپ، بۇ مۇھىم كۈننى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى بولامدۇ؟» دېدى.
«بولىدۇ ...» دېيىشىپ، كۆپچىلىك تەنتەنە قىلىشتى!