9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن-تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «2018-يىلى تۇنجى قېتىم دېڭىز شېلى تېرىلىپ، شۇ يىلى مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگرامغا يەتتى، 2023-يىلى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 598.2 كىلوگرامغا يەتتى، بەزى يەرلەرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 853 كىلوگرامغا يېتىپ، ھوسۇلىدا ئۇدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. ھازىر، تېخنىكا جەھەتتە بىرقەدەر پىشقان 23 خىل سورت شۇ جايدا كېڭەيتىپ تېرىلىۋاتىدۇ» دېدى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شالى بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر دىرېكتورى دۇەن خاۋرەن مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ.
قىزىل دەرياسى بىلەن تەلۋىچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان پاختەكلى يېزىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يىراق-يېقىنغا داڭلىق «شال ماكانى» بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان شورلۇق يەر ۋە ئەنەنىۋى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ شال ھوسۇلى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەنىدى.
2018-يىلى 6-ئايدا، شېنجېن شەھىرىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شېنجېن يېزا ئىگىلىك گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن «قەشقەر شورلۇق شال ئېكولوگىيە مەركىزى ۋە قەشقەر شورلۇق شال ئېكولوگىيە كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى» ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە ئاشلىق ئامبىرى قەشقەر مەركىزى تۈرىنى باشلىدى. شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، دېڭىز شېلى پاختەكلى يېزىسىدا يىلتىز تارتىپ ماكانلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قەشقەر شەھىرىدە تېرىلغان دېڭىز شېلى 13 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، 10-ئاينىڭ بېشىدا ئورۇشقا باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتراپىدا ئورۇش تاماملىنىدىكەن.
«بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەمىز كۈنىگە 100 توننا گۈرۈچ پىششىقلىيالايدۇ، پاختەكلى يېزىسىنىڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقارغان، پىششىقلىغان گۈرۈچىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 60 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن» دېدى قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيەنفاڭ.
قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان دېڭىز شېلى سورتلىرى (9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).
قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىغا جايلاشقان قەشقەر گاگالې زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار مەھسۇلات ئامبىرى (9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ماشىنىلارنى ھەيدەپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پاختەكلى يېزىسىدا تېرىلغان دېڭىز شېلىدىن پىششىقلانغان گۈرۈچلەرنى تىزماقتا.
قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دېڭىز شېلى قەشقەر پەن تەتقىقات تەجرىبە بازىسىدا تېرىلغان دېڭىز شېلى (9-ئاينىڭ 29-تارتىلغان).
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى