تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ يىلتىزى ۋە جان تومۇرىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

پارتىيەمىز قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى بېكىتتى، ھەرقايسى مىللەتلەر سوتسىيالىستىك تۈزۈم شارائىتىدا ھەقىقىي مەنىدىكى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارغا جايلاشقان 420 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولغان 28 مىللەتنىڭ ھەممىسى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، مىللەتلەر رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

پارتىيەنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت شۇكى، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى ئىجادىي تېپىپ چىقتى. بۇ يولدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولى تامامەن توغرا.

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش، مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى... پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەم تومۇرداش بولۇپ ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ مۇھىم ئىدىيە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە يېڭى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، بۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى، بىز ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولى تارىخقا ھۆرمەت قىلىنغان، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلق رايىغا مايىللاشقان توغرا تاللاش بولۇپ، روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ يولدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئومۇمىي مەنپەئىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ بۇ يولدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مىللەتكە زۇلۇم سېلىش ۋە مىللەتنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر سىياسىي ھوقۇق ـ مەنپەئەتكە ھەقىقىي ئېرىشىشى، ئورتاق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ بۇ يولدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش بىلەن مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا ئىگىلىنىپ، بىرلىك بىلەن ئاپتونومىيەنى بىرلەشتۈرۈش، مىللەت ئامىلى بىلەن رايون ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، ئۇيۇشۇش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

«بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتۇق، يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ داۋاملىق يېڭى پارلاق نەتىجىلەرنى پۈتۈشىمىز كېرەك.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىگەندە، ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو چوقۇم ھەممىدە غەلىبە قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.