تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى

    بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېما تەشۋىقاتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىش» بويىچە مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى بايىنغولىن ئوبلاستىغا كىردى

    «بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى»

    يېقىندا، «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش  جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېما تەشۋىقاتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىش» بويىچە مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى بايىنغولىن ئوبلاستىغا كىردى. سۈرەتتە: زىيارەت ئۆمىكى بايىنغولىن ئوبلاستىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە سارىيىدا زىيارەت قىلماقتا. مۇخبىر ليۇ جۈنخۇي فوتوسى

    بايىنغولىن گېزىتى، كورلا، 9- ئاينىڭ 24- كۈنى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈەن خەيجۈن، ليۇ جۈنخۇي) ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېما تەشۋىقاتى «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يېڭى ناخشىلارنى ئېيتىش» بويىچە مەركەزلىك زىيارەت قىلىش پائالىيىتى بايىنغولىن ئوبلاستىغا كىردى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەلگەن 50كە يېقىن مۇخبىر بايىنغولىن ئوبلاستىدا تۆت كۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى، زىيارەت قىلدى. ئۇلار كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى، يەنجى ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسىگە بېرىپ، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا، كارخانا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قولىدىكى قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى.

    «2018- يىلى 12- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئوبلاست› دېگەن نامغا ئېرىشتى. بۇ يىل 1- ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە ‹مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ئوبلاست› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.» بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمە سارىيىدا، مۇخبىرلار چۈشەندۈرگۈچىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرىلىدى، سۈرەتكە ئالدى.

    كورلا شەھىرى لىشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بۇ مەكتەپ كۆرگەزمە قىلغان شېئىر، ھۆسنخەت، قەغەز قىيما قاتارلىق ئەسەرلەر مۇخبىرلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەكتەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كۇرژۇك پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلغان.

    كورلا شەھىرى چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى ئىتتىپاق مەھەللىسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىچىك مەيدانى»دا، ئانار دانىلىرى مۇزىكا ئەترىتى مەھەللە ئاھالىلىرىگە نومۇر ئورۇنداۋاتقان ئىدى. ئاھالىلەر مۇخبىرغا ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

    لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدە، رەتلىك گىرەلەشتۈرۈلگەن ئۆيلەر بىلەن پاكىز كوچىلار بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى، ھەممە ئائىلىنىڭ قىلىدىغانغا ئىش بار بولۇپ، ياكى كۈزلۈك يىغىم بىلەن ئالدىراش بولاتتى، ياكى يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلاتتى، ياكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال تونۇشتۇرۇپ ساتاتتى... مۇخبىرلار داشى كەنتىدە سەيلە قىلىپ، «يانچۇقنى تومپايتىش، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»نىڭ كۈچىنى نۆل ئارىلىقتىن ھېس قىلدى. «داشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.» شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى مۇخبىرى رېن چىنچىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن داشى كەنتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا- كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ئويمانلىقىدا ئۈزۈم ھارىقى كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جەلپ قىلدى. «مەن كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم.» دېدى گۇاڭشى گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىرى تەن ۋېنۋۇ.

    باغراش ناھىيەسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پائال تۈرتكە بولدى، مۇخبىرلار بۇ يەردە مول مەدەنىيەت- ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىنى ھېس قىلدى، باغراش ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلدى.

    كورلا ۋوگزالىغا كىرگەندە، مۇخبىرلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ناملىق پويىزنىڭ باشلىقى مېھرىبان ھېيتنى كۆردى، ئۇ كۆپچىلىككە پويىزدا يۈزبەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. جۇڭگو ياشلار گېزىتى شاڭخەي مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مۇخبىرى ۋېي چىمېڭ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىملىق پويىز، بىر قېتىملىق ساياھەتتە، بۇ پويىزدا شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھى مۇجەسسەملەنگەن».

    مۇخبىرلار بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپتۇ. بىز بۇ يەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.