تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4270 كىلومېتىر! «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېك بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى كەلدى، مانا بۇ بىز قوغلىشىدىغان چولپان

شىنجاڭدا بىر ئۆمۈر چېگرا چارلىغان بايەكە 

بېيجىڭغا باردى!

9-ئاينىڭ 26-كۈنى 

«خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى 

بايەكە كەلدىبېك بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى باردى 

 ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈچۈن 

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى يېڭى پاسوندا ياساتتى 

بايەكەنىڭ يۇرتى 

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى 

تىزناپ يېزىسىنىڭ 

بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 4270 كىلومېتىر كېلىدۇ 

يولغا توپتوغرا ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ 

ئۇ ئاۋۋال يېزىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بەش، ئالتە سائەتتە قەشقەرگە باردى 

قەشقەردىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى

ئاندىن ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچتى 

سەپەردە چارچىغان بولسىمۇ،

لېكىن ئۇ ھارغىن كۆرۈنمەيتتى، ئەكسىچە شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىدى 

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، بايەكە كەلدىبېك 

ئايروپىلانغا چىققاندا بىر ئىللىق كۆرۈنۈش نامايان بولدى 

نۆۋەتچى ئايروپىلان گۇرۇپپىسى رادىيوسىدا «خەلق قوغدىغۇچىسى»غا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى

 دەپ ئاڭلىتىش بېرىلدى 

كىشىلەر: مانا بۇ بىز قوغلىشىدىغان چولپان، دېيىشتى 

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئازادلىق ئارمىيە چېگرا ئېغىزىدا قاراۋۇلخانا قۇردى، لېكىن تاغ يولى ئەگرى ـ توقاي، مۇرەككەپ بولغاچقا، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر يولنى پىششىق بىلمەيتتى، بايەكەنىڭ دادىسى كەلدىبېك تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېگرا چارلىغۇچى ئازادلىق ئارمىيەگە يول باشلىدى ھەمدە 20 نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى. 

   1972-يىلى 20 ياشلىق بايەكە دادىسىنىڭ ئىزىنى باستى. قونجىراپنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. چېگرا چارلاش يولىدا قارلىق تاغ، مۇز دەريالاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، بېرىپ كېلىشكە ئاز بولغاندا يېرىم ئاي، كۆپ بولغاندا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. دەسلەپتە بايەكە بۇنداق قىلىشنى ئانچە چۈشەنمەيتتى، لېكىن دادىسى ئۇنىڭغا چېگرا چارلاشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا - قايتا تاپىلاپ، ئۇنىڭغا ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى چوقۇم ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. كېيىنكى 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، بايەكە كەسپىنى قەدىرلەپ، چېگرانى قوغداپ، جەڭچىلەر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى ھەمدە شەرەپ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدى. 

   2009- يىلى، 57 ياشلىق بايەكە چېگرا چارلاش يول باشلىغۇچىسىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئوغلى لاچىنغا تاپشۇرۇپ بەردى. 

  2021- يىلى 1- ئايدا، لاچىن قەشقەردە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا بەختكە قارشى قۇربان بولدى، شۇ يىلى ئۇ 41 ياشتا ئىدى، كېيىن ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ نام بېرىلدى. 

   قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە، ھەر قېتىم يېڭى ئەسكەرلەر ليەنگە كەلگەندە، پېشقەدەم جەڭچىلەر بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى، بۇ كۆپچىلىككە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

   بايەكە نەۋرىسىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ 4- ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   بۇ قېتىم بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى بارغاندا، بايەكە ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئېلىپ باردى، ئۇ مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا  تۇنجى قېتىم كەلگەن خوتۇنىنى ئېلىپ بادالىڭ سەددىچىن سېپىلىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

 «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.