تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭدا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى، بۈگۈندىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى بىر توكلۇق ۋېلىسىپىت مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا، خېرىدارلار توكلۇق ۋېلىسىپىت تاللىماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ فوتوسى
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ 1-باسقۇچى، ئىستېمالچىلار ھازىر كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىپ سالاھىيىتى بار بىراك ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بېرىۋېتىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان سېتىش كارخانىلىرىدىن يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالسا بولىدۇ. ئىستېمالچىلار توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغاندا باھانى چۈشۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۆزىنىڭ نامىدىكى كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بېرىۋەتكەن ھەم يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىتقا ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 500 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ كونا لىتىي ئىيونلۇق ئاككۇمۇلياتورلۇق توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بېرىۋەتكەن ھەم قوغۇشۇن كىسلاتالىق ئاككۇمۇلياتورلۇق توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا بىر قېتىمدىلا 600 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.
ھازىر توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ بازار باھاسى كۆپىنچە 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ، ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 500 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە پۇلنى ئاز تۆلەپ بىر يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ۋېلىسىپىت، توكسىكلىت كەسپى جەمئىيىتى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۆ بىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پۈتۈن شىنجاڭدا ھازىر بار بولغان 134 توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىش ۋە ياساش كارخانىسى بۇ قېتىمقى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، كېيىنكى مەزگىلدە مۇناسىپ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىش ۋە ياساش كارخانىلىرىمۇ قاتناشسا بولىدۇ، ھەم توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ماركا تىپى دائىرىسىمۇ داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. ئىستېمالچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەزگىلىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەرتىپى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قىسقارتىلىپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىستېمالچىلار ئاز قاتراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىگە تايىنىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇپا ئۇلىنىش ئېغىزى يۈنشەنفۇ، جيەنخاڭ شېڭخو ۋە يىجىفۇ APPسى ئېچىۋېتىلىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى، مال سېتىۋېلىش تالونى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئامىل شەرتى، ئۇچۇرلىرى، شۇنىڭدەك يامان غەرەزدە تولۇقلىما ئېلىۋېلىش، پايدا قوغلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۇپا ئارقىلىق «بىر پونكىت شەكلى»دە تاماملىنىدۇ.
«ھەرقايسى دۇكانلار ئىستېمالچىلارنىڭ دۇكانغا كېلىپ ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىشىنى كۈتىدۇ.» دېدى شىنجاڭ شاڭتۇ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دىڭ شۇلېي. بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا 70 سېتىش تور نۇقتىسى بار بولۇپ، ھازىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تەييارلىقى پۈتتى.