تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئىككى تۈرلۈك سىياسەتتە ياردەم تولۇقلىمىسى كونكرېت قانداق بېرىلىدۇ؟

    شىنجاڭ ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ماس قەدەمدە يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى دېگەن نېمە؟ ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى دېگەن نېمە؟ قايسى ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرسا ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟ قانداق كونا ئاپتوموبىلنى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرغاندا ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ؟ ئاپتوموبىل ئىگىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ مەسىلىلەرنى مۇخبىر رەتلەپ چىقتى.

    ئالدى بىلەن، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئاپتوموبىل ئىگىسى كونا ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئېرىشىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار دۆلەتنىڭ ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى يېقىلغۇلۇق ماي ئاپتوموبىلى (2011-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن [شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ] تىزىمغا ئالدۇرغان بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا يېقىلغۇ تىپىدىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ) ياكى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياكى گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ ماي ئىشلىتىدىغان يېڭى ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالسا، نورما بەلگىلەپ بىر قېتىملىق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 20 مىڭ يۈەن، گاز چىقىرىش مىقدارى 2 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 15 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

    ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىستېمالچىلارنىڭ كونا ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ سېتىپ، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئېرىشىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، شەخسىي ئىستېمالچىلار ئۆزىنىڭ نامىدىكى يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، شىنجاڭ تەۋەسىدە (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى ياكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا، يېڭى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلىتىش خاراكتېرى تىجارەت خاراكتېرىدە بولمىسا، بىر قېتىملىق تولۇقلىما بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، 18 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ يېڭى سېتىۋالغان ئاپتوموبىل ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بولسا، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونىدىكى سومما 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى (50 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، 13 مىڭ يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

    ئاپتوموبىل ئىستېمالچىلىرى ۋىيشىن، جىفۇباۋ قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق «ئاپتوموبىلنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسىغا كىرىپ، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسىمۇ، 4S دۇكىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.