شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈز، قىش پەسلىدە ئورمان - ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئوت ئۆچۈرۈش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون سىنلىق يىغىن ئېچىپ، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان - ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئوت ئۆچۈرۈش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈز، قىش پەسلىدە ئورمان - ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ساياھەت، ئوت مۇداپىئەسى، يېقىلغۇ گاز، كان، يول تىرانسپورتى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، قۇرۇلۇش قىلىش، سانائەت - سودا ساھەسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە چىڭ قادىلىپ پۇختا تۇتۇشى كېرەك؛ ئورمان - ئوتلاقتا ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قار - يامغۇر، قۇم - بوران، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، سوغۇق ئېقىم قاتارلىق ھاۋارايى ئېلىپ كەلگەن خەتەر ۋە پايدىسىز تەسىرگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كەسپىي قوشۇنلىرى جەڭ ئالدىدا بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىرىپ، ھادىسە ۋە خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققان ھامان ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ئاتاكىغا ئۆتەلەيدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.