□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن
تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بۇ مۇھىم دەريادا، «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن» سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تۇنجى قېتىم ئورنىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
تارىم دەرياسى ۋادىسى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ قۇرغاق، ئېكولوگىيە - مۇھىتى ئەڭ ئاجىز رايونلارنىڭ بىرىدە بولۇپ، دېڭىز - ئوكياندىن يىراق، قۇملۇققا قوشنا، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي توغراقلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش شۇ جاينىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تېتىما كۆلى ھەم تۆۋەن ئېقىنىدىكى 400 كىلومېتىرغا يېقىن دەريا يولى ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ قۇرۇپ كەتتى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ ئورنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تەبىئىي بوستانلىق ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، قۇم - بوران ھۇجۇم قىلىپ شەھەر - بازار، ئېتىزلارنى يۇتۇپ كەتتى، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىدا سۇنى ئىلمىي ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.
1990 - يىلى، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلاندى؛ 2000 - يىلى، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇنجى قېتىم تارىم دەرياسىغا 99 مىليون كۇب مېتىر جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى باشلىدى، سۇنىڭ بېشى تۆۋەن ئېقىندىكى سېرىق قۇم قامال قىلغان دەريا يولىدا 106 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە يېتىپ باردى؛ 2001 - يىلى، گوۋۇيۈەن جەمئىي 10 مىليارد 736 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «تارىم دەرياسى ۋادىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش يىرىك پىلانى دوكلاتى»نى تەستىقلاپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ «10 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى قاتارىغا رەسمىي كىرگۈزۈپ، تارىم دەرياسىغا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى دائىملاشقان ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشكە ئۆزگەرتتى؛ 2011 - يىلى، ئاپتونوم رايون ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، يەكەن دەرياسى، قايدۇ − كۆنچى دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەنبە ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى پۈتۈن تەشكىلىي تۈزۈلمە بويىچە تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن» سۇ بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ 2016 - يىلىدىن بۇيان، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋادىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىلان بويىچە مەنبە ئېقىن ۋە غول ئېقىننىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، «تۆت مەنبە ئېقىن» ۋە تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى تەبىئىي توغراقلىق رايونىغا كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى.
بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىق رايونىغا جەمئىي 13 مىليارد 731 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى باشلىنىپ سۇ تولۇقلىنىپ، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئۇدا 25 قېتىمدا جەمئىي 9 مىليارد 825 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلدى، سۇنىڭ بېشى 19 قېتىم تېتىما كۆلىگە يېتىپ باردى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 400 كىلومېتىرغا يېقىن «يېشىل كارىدور»دىكى تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قوغدالدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلگەندىن بۇيان، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى كۆرۈنەرلىك كۆتۈرۈلۈپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ئىككى قىرغاقتىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە توغراقلىق قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان، قۇملىشىش كۆلىمى 700 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە ياخشىلىنىش كۆلىمى 2285 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلاش كۆلىمى 362 كىۋادرات كىلومېتىر بولغان.
30 نەچچە يىل مابەينىدە، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇشتا دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپ تارماق ۋە رايون «ھەركىم ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ»، باشقۇرۇش ھوقۇقى تارقاق، تەدبىرلەر ئاجىز بولدى؛ ئوتتۇرا مەزگىلگە كەلگەندە، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» «بىر كۆلگە بىر تەدبىر» لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ ئاندىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھازىر بار بولغان «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن»نى باشقۇرۇش ئاساسىدا، ئۆگەن دەرياسى، چەرچەن دەرياسى، دىنار دەرياسى، كېرىيە دەرياسى، قەشقەر دەرياسى ھەم بەش سۇ ئامبىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن» سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، قىسمەن ئىدارە قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشقا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«<توققۇز مەنبە، بىر غول ئېقىن>نى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرتۇتاش ئىدارە قىلىش، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش مۇقەررەر ھالدا تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ» دېدى تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ فۇيۇڭ.