2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 9:00دىكى مايتاغ - كۇچا تاشيولى نىلقا ناھىيەسى چورما يول بۆلىكى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 8دە، G217 لىنىيەسى مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ نىلقا باشقۇرۇش تەۋەلىكى يول بۆلىكىدىكى 730 - 672 كىلومېتىرلىق جايدا ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ۋاقتىنچە يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىدى، ھازىر نىلقا ناھىيەسى چورما مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلدى، بىكار قىلىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.
نىلقا ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كەڭ شوپۇر دوستلار سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن يول ئەھۋالى ۋە ھاۋارايى ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، سەپەر جەريانىدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى، ھەرگىز مەجبۇرىي يانداپ ئۆتمەسلىكى كېرەك، بىخەتەرلىك ئۆيگە قايتىدىغان ئەڭ يېقىن يول. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېڭ يۈەنخاۋ، جۇ لىن)