ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو تاشيول ئىلمىي جەمئىيىتى تور بېكىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 33 تۈرنى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى تىپىك مىسال قاتارىغا كىرگۈزۈشنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى ئىككى تاشيول بار.
تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن ئىككى تاشيول ئايرىم-ئايرىم ھالدا: S232 لىنىيەسىنىڭ K48 + 485 ئاچا يول ئېغىزى-قۇم كەنتى-قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى تاشيولى، نارات بازىرى قېيىنساي خەلق ئۆرپ-ئادىتى كەنتى-ئارشاڭ كەنتى چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسى يولى.
S232 لىنىيەسىنىڭ K48 + 485 ئاچا يول ئېغىزى-قۇم كەنتى-قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى تاشيولى. سۈرەتنى بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، S232 لىنىيەسىنىڭ K48 + 485 ئاچا يول ئېغىزى-قۇم كەنتى-قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى تاشيولى بۇرچىن ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 48.2 كىلومېتىر كېلىدىكەن، تاشيول دۆلەت ئورمان باغچىسىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، لىنىيە بويى قاناس كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى، جيادېڭيۈ دۆلەت ئورمان باغچىسى، قاناس كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونى، «مەملىكەت بويىچە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت» قۇم كەنتىگە تۇتىشىدىكەن. پۈتۈن لىنىيەدە يول ئارقىلىق مەنزىرىگە جەلپ قىلىنىدىكەن، يول ئورمانلىقتىن ئۆتىدىكەن، مۇساپىدىكى جىلغا، قارلىق تاغ، ئېقىن، ئوتلاق قاتارلىق مەنزىرىلەر كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىكەن.
ئارشاڭ كەنتى قازاق خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى — قازاق بىرىنچى كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلدى، بۇ يەرنىڭ قويۇق قازاق خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. سۈرەتنى ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
نارات بازىرى قېيىنساي خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتى-ئارشاڭ كەنتى چارۋىچىلىق گۇرۇپپىسى يولى كۈنەس ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، نارات يايلىقىدىن ئۆتۈپ، گۈزەل ئېكولوگىيە-مۇھىت، قويۇق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادەت مەنزىرىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر ئارشاڭ كەنتىدىكى %70 كەنت ئاھالىسى نارات مەنزىرە رايونىنى چۆرىدەپ ساياھەت مۇلازىمەت تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، بۇلتۇر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 26 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن بىر قاتلانغان.
2014-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئون يىلدا جەمئىي 119 مىڭ 900 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالدى، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 155 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يەتتى. ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق يولى، كەسىپ يولى، ساياھەت يولىدىن 7121 كىلومېتىر ياساپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «يېزا تاشيولى + كەسىپ» «يېزا تاشيولى + ئېلېكتىرونلۇق سودا» «يېزا تاشيولى + ساياھەت» قاتارلىق تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا كەسىپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى