ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىخەنزە شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەربىر پارچە سارغايغان كونا سۈرەت ۋە ھەربىر قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى، تارىخىي ماتېرىيال بىزگە بىڭتۇەندىكى ئەجدادلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىق يىللىرى ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ھېكايىلىرىنى باران قىلىپ تۇراتتى.
مۇزېيدا ئالتە كۆرگەزمە بۆلىكى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، مۇقەددىمە زالى، «چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش»، «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئاساس سېلىش»، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»، «يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» ھەمدە ئاخىرقى زال «بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت ۋە 1400 پارچە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋاسىتە قىلىنىپ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا نامايان قىلىندى.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىڭتۇەندىكى ئەجدادلار ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىڭتۇەندىكى ئەجدادلار ئىشلەتكەن توقۇمىچىلىق ماشىنىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىڭتۇەن جەڭچىلىرىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ نامايان قىلىنغان مەنزىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇم دېڭىزىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ھەيكىلىنى كۆرمەكتە.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچى 296 پارچە ياماق چۈشكەن ھەربىي پەلتۇ ئالدىدا قەدەملىرىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچىلەر ليەندۈي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ نامايان قىلىنغان مەنزىرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچى يىپ ئېگىرىش چاقى ئالدىدا سۈرەتكە تارتماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى