تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBA | پەسىل ئالدى مۇسابىقىنىڭ 1- باسقۇچىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە بىلەن بۇ باسقۇچلۇق مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، 2024- 2025 مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA پەسىل ئالدى مۇسابىقىسىنىڭ 1- باسقۇچ 3- مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ يىلىتې ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 72گە قارشى 97 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ گوشىن دورىگەرلىكى كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىپ، پەسىل ئالدى مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇردى.

   مۇسابىقە باشلىنىپ، پىتېرسون بىلەن لاۋسون ئىككى چەت ئەللىك ماھىر بىرلىشىپ نومۇر ئالدى، شىنجاڭ تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ 8 نومۇر ئالدىدا تۇردى، ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم رىتىمى ئەسلىگە كەلدى، بىراق لاۋسون ئىچكى سەپتە كارامىتىنى كۆرسەتتى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ 7 نومۇر ئالدىدا تۇردى. ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقىدە، ئىلفۇرات يەككە چارەك مۇسابىقىدە 10 نومۇرغا ئېرىشتى، نومۇر پەرقى 15 نومۇرغا كېڭەيدى، ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە، ئىلفۇرات ئۇدا ئۈچ نومۇر ئالدى، ئىككى كوماندىنىڭ نومۇر پەرقى تەدرىجىي 20 نومۇرغا يېتىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 72گە قارشى 97 نومۇر بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىنى يەڭدى.

 سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.