− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، ۋاڭ پېڭ، شۈ جۇاڭ
مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ.
5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىيات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتكە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، يۈزمىليونلىغان خەلقنى يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك كۈچ توپلىدى.
خەلق ھەممىدىن ئەلا
2024 ـ يىلى 2 ـ ئايدا، بېيجىڭ خەلق سەنئىتى تىياتىرخانىسىنىڭ «چايخانا» ناملىق كىلاسسىك دىرامىسى يەنە بىر قېتىم سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. 1958 ـ يىلى تۇنجى قېتىم قويۇلغاندىن بۇيان، بېيجىڭ خەلق سەنئىتى تىياتىرخانىسىنىڭ بۇ «كوزىر ئويۇنى» باشتىن ـ ئاخىر سۇسلاپ قالمىدى، بىرەر بېلەت تېپىشمۇ تەس بولدى.
«چايخانا»دا كونا دەۋردىكى قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاب ـ ئوقۇبەتلەر چوڭقۇر سۈرەتلىنىپلا قالماي، ئەينى چاغدىكى ئاممىنىڭ يېڭى دۇنياغا بولغان تەخىرسىز ھېسسىياتى يورۇتۇپ بېرىلگەن، تېخىمۇ مۇھىمى قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا ئوخشاش بولمىغان دەۋرنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە شەھەر تۇرمۇشى نامايان قىلىنغان.
خەلقنى مەنبە قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ تۈپ مەيدانى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نامرات، ئارقىدا قالغان ھالەتتىن زور دەرىجىدە گۈللەنگەن، راۋاجلانغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يېڭى جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەت تارىخىغا سىڭدۈرۈلگەن مەنىۋى تومۇر بولۇپ قالدى.
20 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ، 60 ـ يىللىرىدا، كىشىلەر «ئىگىلىك تىكلەش تارىخى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، «بىز داغدام يولدا كېتىۋاتىمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ھاياجان ئىلكىدە قۇرۇلۇش چوڭ دولقۇنىغا ئاتلاندى؛ 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ، 90 ـ يىللىرىدا، كۆپچىلىك «ئۈمىدكە تولغان دالىدا» دېگەن ناخشىنى ئاڭلاپ، «ئاددىي دۇنيا» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ، «ئارزۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دەۋر ئېقىمىغا ئاتلاندى؛ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كىشىلەر «چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «سەرگەردان يەرشارى» ناملىق كىنودىن بىر چوڭ دۆلەتنىڭ سالاپىتى ۋە ئىجادىيىتىنى ھېس قىلدى.
75 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان، كۆپ تەرەپلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسايىن بېيىپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.
ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىدە نادىر ئەسەرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى −
«قىزىل ئاياللار قوشۇنى» «كۈچلۈك باھار شامىلىدا قەدىمىي شەھەردە كۈرەش قىلىش» «تيەنيۈنشەن رىۋايىتى» «لۇشەنگە مۇھەببەت»تىن «سېرىق تۇپراق» «چيۇ جۈنىڭ ئەرز قىلىشى» «ئا تەرەپ، ب تەرەپ» «چاڭجىنخۇ كۆلى» گىچە؛ «شۈ ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى» «تەشكىلات بۆلۈمىگە بىر ياش كەلدى» «بەيلۇيۈەن»دىن «رەڭگارەڭ گۈللەر» «بۇ دۇنيا» «قارلىق تاغ، بىپايان زېمىن»غىچە... ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق دەۋر باش تېمىسى ۋە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىغا ئىنكاس قايتۇردى.
مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى −
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن كەمچىل ئىدى، 1949 ـ يىلى، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن ئاران 55ى، مۇزېيدىن 21ى بار ئىدى. 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 3246 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 6833 مۇزېي بار بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
مەدەنىيەت كەسىپلىرى گۈللەندى، راۋاجلاندى −
2003 ـ يىلى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقىچە، مەدەنىيەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز سۈرئەتتە گۈللەندى. 2023 ـ يىلى، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى مەدەنىيەت ھەم ئالاقىدار كەسىپ كارخانىلىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 12 تىرىليون 951 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولدى، مەدەنىيەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىرەكلىك رولى كۈچەيدى، مەدەنىيەت يېڭى كەسىپ ھالىتى ساھەلىرىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كۆزلەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش
1979 ـ يىلى چوڭ تىپتىكى مىللەتلەر ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا دۇنياغا كەلدى. ئىجادىيەتچىلەر دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى تام رەسىملىرى ۋە رەڭلىك ھەيكەللەردىن ئىلھام ئېلىپ، مىڭ يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەت گۆھىرىنى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان سەھنە ئەسىرى قىلىپ تەييارلاپ چىقتى.
بۇ يىل 5 ـ ئايدا «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» تۇنجى مەيدان ئويۇن قويغانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. مۇشۇ يىللاردا، «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» دائىم قويۇلدى، ھەم دائىم يېڭىلاندى، يىپەك يولىدىكى ئۆرپ ـ ئادەتلەر بىلەن دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېلىپ بېرىلىپ، دۇنياغا مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلدى.
دۆلەتنىڭ روھى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ. 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش قىياپىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا چىقىرىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىچە دەۋر نۇرىنى چاقناتتى.
ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ياخشى قوغداش −
يېقىندا «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى»نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ 59 ـ تۈرلۈك دۇنيا مىراسى بولۇپ قالدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، قوغداش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، قوغداش ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، قوغداش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن 5058ى بولۇپ، 1961 ـ يىلى ئېلان قىلىنغان 1 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان 180 مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىغا سېلىشتۇرغاندا 20 نەچچە ھەسسە ئاشتى؛ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن 1557سى بار بولۇپ، 43 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، دۇنيا بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.
قەدىمكىدىن پايدىلىنىپ يېڭىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش −
ئۆزگىچە ھۈنەرۋەنلەر روھىغا ئىگە بولغان ئارخېئولوگىيەلىك تەلەي قۇتىسى، نەپس ۋە تەملىك بولغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شۆگاۋلىرى... بۈگۈنكى جۇڭگودا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلۈپ، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شامىلى» ئەۋج ئالدى.
كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش − جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى خىسلىتى.
1972 ـ يىلى خۇنەن چاڭشادىكى ماۋاڭدۈي خەن سۇلالىسى قەبرىستانلىقىنى قېزىشنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققەتنى قوزغىشىدىن تارتىپ «دۆلەت خەزىنىسى» «قەدىمىي كىتابلاردىكى جۇڭگو» «ئەگەر دۆلەت گۆھىرى سۆزلىيەلىسە» قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي پىروگراممىلىرى يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقىچە؛ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشتىن تارتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ 6700دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىشكىچە... جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى، ئىجادكارلىقى، تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.
يەلكەن چىقىرىپ دېڭىزغا ئاتلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش −
2023 ـ يىلى 5 ـ ئايدا جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى «چاڭئەندە يەنە كۆرۈشتى». ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا سوۋغا قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ ئىچىدە بىر «خې زۇن» بار ئىدى. غەربىي جوۋ سۇلالىسىدىكى خې زۇنغا ئويۇلغان «بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو» ئارقىلىق دۇنيا «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو»نى تېخىمۇ چۈشەندى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىز ئاساسلىقى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ھەم ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دوستانە دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىرت بىلەن بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى؛ بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت سودىسى ۋە مەدەنىيەت سېلىنمىسىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى «مەدەنىيەتنى سىرتقا چىقىرىش» جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى كۈنسايىن كۈچەيتتى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىمپورت ـ ئېكسپورت كۆلىمى 17 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن ئېشىپ 124 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەن. «لاڭياباڭ» «كېلىنچەكنىڭ گۈزەل دەۋرى» قاتارلىق كىنو ـ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، تور ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى مەملىكەت سىرتىدا نۇرغۇن «مەستانە»لەرنى جەلپ قىلدى، مەملىكەت سىرتىدا جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى 25 مىليوندىن ئاشتى، جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگەنگەن ۋە ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 200 مىليونغا يېقىنلاشتى... مەدەنىيەت ئارقىلىق يول ئېچىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چوڭقۇر، ئۇزاق مەزگىللىك مەدەنىيەت كۈچى قوشۇلدى.
ئىرادە تىكلەپ روھنى تاۋلاش
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى. 2021 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كۆرگەزمىخانا ئېچىلغاندىن بۇيان، نەچچە مىليون ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.
100 يىللىق قاينام ـ تاشقىنلىق ئەسلىمىلەر يۈكلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى سەلتەنەتلىك قىياپەت نامايان قىلىنغان بۇ سارايدىكى ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر كۆرگەزمە تاختىسى، ھەربىر پارچە سۈرەتتە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى خاتىرىلەنگەنىدى.
جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئالاھىدە رايون روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش روھى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى... ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ماكانىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.
75 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، 75 يىلدا قەھرىمانلار ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.
ئالدىنقى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ھاياتىدا مىلتىق بىلەن خەلقنى قوغدىغان، كېيىنكى ئۈچتىن بىر قىسىم ھاياتىدا ئوتىغۇچ بىلەن خەلققە بەخت ياراتقان دۆلەت قۇرۇشقا قاتناشقان جياڭجۈن گەن زۇچاڭ، «20 يىل ئاز ياشاشقا رازىمىزكى، جان تىكىپ بولسىمۇ چوڭ نېفىتلىكنى بويسۇندۇرىمىز» دېگەن نېفىت ئىشچىسى ۋاڭ جىنشى، «ئەڭ يۇقىرى مەنزىل خەلقنى سۆيۈش» دېگەن شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر كۇڭ فەنسېن، شەخسىيەتسىز مېھىر ـ مۇھەببىتى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى ئارقىلىق مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان يېزا ـ كەنت قىزلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى جۇلالاندۇرغان «قەلبلەرنى يورۇتقان مەكتەپ مۇدىرى» جاڭ گۇيمېي... قۇربان بېرىش، كۈرەش قىلىش، ئىجاد قىلىش، ئىنقىلاب يىللىرىدىكى «بۈگۈن ھەققانىيەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش»تىن، ئىسلاھات يىللىرىدىكى «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس»كىچە، يەنە يېڭى دەۋردە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز»غىچە، يېڭى جۇڭگونىڭ قەھرىمان نەمۇنىچىلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەزىلىتى ۋە خىسلىتىنى ئىزاھلىدى ۋە كەڭ ئەۋج ئالدۇردى.
ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ.
75 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قولدا ماددىي مەدەنىيلىكنى تۇتۇش، بىر قولدا مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىىپ، ئىرادە تىكلەپ، شىجائەتنى كۈچەيتىپ، جاسارىتىنى چىڭىتتى.
ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھقا ئېھتىياجلىق. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
«باي ـ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق بولۇش، ئەركىن، باراۋەر، ئادىل، قانۇنچىل بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، سەمىمىي، دوستانە بولۇش»، 24 خەتلىك بۇ تەلەپتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەمەلدە كۆرسەتكەن يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىلمىي تاۋلاش بولۇپ، جۇڭگو روھىغا يېڭى ئېنېرگىيە قوشتى.
خەلقتە ئېتىقاد بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ.
پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرگۈزۈلۈپ»، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركەزلىرى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىپ چېچەكلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بەرپا قىلىنىپ، سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال، ئۇزۇن سەپەر، خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى مەدەنىيەت تومۇرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىشەنچ نامايان قىلىندى.
تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، توردىكى ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسى زورايتىلىپ، تور بوشلۇقى مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش كۈچەيتىلىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، «زور ئېقىم مىقدارى» ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ ئۇرغۇتۇلدى.
...
ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.
توسۇۋالغۇسىز ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو تارىخى سىياھ تولۇق سىڭدۈرۈلگەن موي قەلەم بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)