□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
شال ئېتىزلىرى ئالتۇن رەڭگە كىردى، قوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالى مول ھوسۇل كاتتا مەنزىرىسىگە تولغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ دەل قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان مۇشۇ سەھنىدە. شادلىققا چۆمگەن خۇش چىرايلار، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتقان سىيمالار، مول ئەمگەك مېۋىلىرىدىن گۈزەل مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.
بەخت كۈيلىرى ياڭراپ، شادىيانە ئۇسسۇللار ئوينالدى، كۈزلۈك يىغىم نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، بەختلىك كۈنلەردە چېھىرلەردە كۈلكە جىلۋىلەندى ... 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرىدا 3 ـ نۆۋەتلىك دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. «ئەڭ گۈزەل جۇڭگو» «ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت» ناملىق ئۇسسۇللار، «دافېڭ بازىرىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر» ناملىق كۇەيبەن نومۇرى، سېرك ئويۇنى قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار ئارقا ـ ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، مول ھوسۇل شادلىقى يەتكۈزۈلدى.
«مول ھوسۇل بايرىمى بىز دېھقانلارنىڭ بايرىمى، بىز قەلبىمىزدىكى خۇشاللىقىمىزنى ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئەمگەكتە بەسلىشىش ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەيمىز، كېلەر يىلى يەنە ياخشى مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى پاختا تېرىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ليۇ لېيجۈەن سەل ھاياجانلىنىپ.
دافېڭ بازىرىدىكى كېۋەزلىكتە، ئاپئاق پاختىلار خۇددى بۇلۇتتەك كەڭ يېيىلغانىدى. پۇشتەكنىڭ چېلىنىشى بىلەن، ليۇ لېيجۈەن ۋە باشقا 25 پاختا تېرىش ماھىرى تېزلىكتە بېلىنى ئەگدى، ئىككى قولى خۇددى كېۋەزلىكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان كېپىنەكتەك ئۇسسۇلغا چۈشتى. كېۋەزلىكتە پەقەت «شاراق ـ شاراق» قىلغان پاختا تەرگەن ئاۋازلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇ خۇددى شادىيانە ئەمگەك مېلودىيەسىگە ئوخشايتتى.
«ھازىر پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋالىدىغان بولدۇق، مول ھوسۇل بايرىمىدا ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا تېرىشنى ھېس قىلدۇق، كەيپىيات قىزغىن بولدى، ناھايىتى خۇشال بولدۇق» دېدى ليۇ لېيجۈەن.
بۇ قېتىمقى پاختا تېرىش مۇسابىقىسى ماھارەت جەھەتتىكى بىر مەيدان كۈچ سىنىشىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، ئەمگەكنى مەدھىيەلەش مۇسابىقىسى بولدى.
9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ھەم قىزىقارلىق «كەنت تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ناھايىتى قىزىپ كەتتى.
14 كەنت كوماندىسىدىكى 300دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى بازىرى پۇقرالار چوڭ سەھنىسى ئالدىنى ئورىۋېلىشتى، بەزىلىرى ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويۇنىنى كۆرگىلى، بەزىلىرى «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنىدى، بەزىلىرى يېڭى ئالقاتنى قىسىپ يۆتكەش، يېڭى قوناقنى ئاقلاش، شاپتۇل يېيىش، خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇش قاتارلىق تولىمۇ قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشنى كۈتۈپ تۇراتتى.
باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ شياڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات بىر قوي، 2 ـ، 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى غاز، بىر ئورمان توخۇسى».
«مەن ئالقاتنى قىسىپ يۆتكەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 ـ بولۇپ بىر قوي مۇكاپات ئالدىم.» باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك 4 ـ ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ گۇاڭچىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە ئىلگىرى ئالقات ئۆستۈرەتتۇق، شۇڭا بۇنىڭغا خېلى ئېپىم بار. باجياخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئالقاتتەك جۇلالىنىشىنى، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«مول ھوسۇل قەيەردە؟ دەل مول بايلىققا تولغان مۇشۇ سەھنىدە. بۇ سەھنىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار «باش پېرسوناژ» بولدى. ئۇلار سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنى نامايان قىلىپ، كەسكىن PKنى قانات يايدۇردى.
«قوي شاھى» «كالا شاھى» «ئانار شاھى» «ئالما شاھى»... ھەرقايسى جايلاردا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىلىرى نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. مول ھوسۇل بۇ جايدا ماددىي مولچىلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدە نامايان بولدى.
9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسى لىجيې 3 ـ قارارلىق كىچىك مەيدانىدا، ئەلىجان ئىسمايىل ئۆزى ئۆستۈرگەن ئالما، شىنمېيلارنى ئېلىپ كېلىپ، مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشتى، «مەن ئۆستۈرگەن تۈرلۈك مېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئالدىم، مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتىگە ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمە قىلىپ ساتتىم، بايرام ئۆتكۈزۈپ، يەنە كىرىم قىلىپ، قوش پايدىغا ئېرىشتىم».
زاراڭزا قېزىسى، ئات گۆشى، ئەلا سۈپەتلىك كالا ـ قوي گۆشى، قەغەز ياڭاق، كۆكباش قوناق، ھەسەل، ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرى، مېۋە ـ كۆكتاتلار... شۇ كۈنى تېكەس ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «<مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى> تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، مول ھوسۇللۇق شىنجاڭنى مەدھىيەلەش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، سەككىز كۆرگەزمە رايونىدىكى 20 نەچچە كۆرگەزمە ئورنى تېتىپ باقىدىغان، سۈرەتكە تارتىدىغان، سېتىۋالىدىغان كىشىلەر بىلەن تولدى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ دەل چەكسىز ئىجادىيلىققا تولغان مۇشۇ سەھنىدە. بۇ سەھنىدە كىشىلەر رەسىم قەلىمى ۋە رەڭ ئارقىلىق مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى تام ۋە قەغەز يۈزىدە نامايان قىلىپ، مول ھوسۇلغا مەدھىيە ئوقۇدى.
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنى ئايلانغاندا، مول ھوسۇللۇق ئېتىز ـ دالىلار، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مېۋىلەر، تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن چىرايلار... ناھايىتى جانلىق سىزىلغان 160 پارچە تام رەسىم ئەسىرىدە كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى نامايان قىلىنغانىدى.
مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى بالباغاي يېزىسى «<مول ھوسۇل پەسلى، بەختكە تولغان بالباغاي يېزىسى>، بارلىق شەيئى ئۆسۈپ يېتىلىش» باش تېما پائالىيىتى بويىچە يۈرۈشلۈك رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلىدى. رەسىملەردە مول ھوسۇل ئېلىنغان زىرائەتلەر، قوتانغا لىق تولغان كالا ـ قويلار، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەربىر پارچە مول ھوسۇل رەسىمىگە ئۆزگىچە ھېكايىلەر مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەنىدى.
«مەن شال، كاۋا، قوناقلارنى سىزدىم، ھەممىسى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان مەنزىرە.» بالباغاي يېزىسىنىڭ قاراغاش كەنتىدىكى «كىچىك رەسسام» ئۇلاس قابىلغازى: دېھقان تاغىلىرىمنىڭ ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
يەنە مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. تۇرمۇشىمىزنىڭ خۇددى مۇشۇ سەھنىلەرگە ئوخشاش رەڭدارلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇشىنى، مەڭگۈ مول ھوسۇل شادلىقى ۋە بەختكە چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.