تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، پارتىيەمىزنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئىپادىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيىتى داۋامىدا ياراتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان مۇھىم دېموكراتىيە شەكلى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭىشىش خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە ـ نىزاملار بېسىپ تارقىتىلدى، «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم، ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. كېڭىشىش مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى، كېڭىشىش شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى، كېڭىشىش يوللىرى تېخىمۇ كېڭەيدى... كېڭىشىش دېموكراتىيەسى دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، سايلام دېموكراتىيەسى بىلەن بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر ـ بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئەقىل ـ پاراسەتنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. «توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش» «كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» «كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇش» «كېڭىشىش شەكلى ۋە سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش» «پائال تۈردە ياخشى كەيپىيات ۋە شارائىت يارىتىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيە رەھبەرلىكى كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ھەم خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ھەم دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى ۋە تەشكىلىي پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ؛ ھەم خەلق دېموكراتىيەسى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ ھەم ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلققە زىچ تايىنىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىشنىڭ قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلۇشى، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ تېخىمۇ زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشقا، تېخىمۇ زور ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، پائال ئىزدىنىشكە، مول ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق» دەپ تەكىتلىدى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش، ھۆكۈمەت كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كېڭىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ھەم ئوخشاش بولمىغان كېڭىشىش يوللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ھەم تۈرلۈك كېڭىشىش يوللىرىنىڭ ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، نىشان بىردەك بولۇش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى ۋە تەدبىرنى يولغا قويۇش داۋامىدا كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېڭىشىش ئۇسۇلى ۋە سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، ئالاقىلىشىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى توپلاشنى تېخىمۇ مېخانىزملاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش كېرەك. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ھەقىقىي، ھەر تەرەپلىمە بولۇشى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىردەك ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. ياخشى كەيپىيات ۋە شارائىتنى پائال يارىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ھەم كەڭ ـ كۇشادە سۆزلەيدىغان، ھەر كىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ھەم ئىدراكىي ئۆلچەم بولغان، قانۇنغا ئۇيغۇن، نىزامنامىگە ئاساسلىنىدىغان ياخشى كېڭىشىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. بار مەسلىھەت ئىش قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىش بولسا كۆپ كېڭىشىش، ئىشقا يولۇققاندا كۆپ كېڭىشىش، ئىش قىلغاندا كۆپ كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، كېڭىشىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەقىل ـ پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلىساقلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.