شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن ساياھەتچى تۇنجى بولۇپ ئارىلىق يىراق دېگەننى ئويلايدۇ. لېكىن دۇنيا خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، شىنجاڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك شىنجاڭنى ئەزەلدىنلا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ مەشھۇرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم يول بولغانلىقى.
2024-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن، چىراغلار چاقناپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن ئۈرۈمچى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
«خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «ئاشلىق ساقلاش ئامبىرى قەد كۆتۈرگەن مۇنبەت دالىدا، مۇھىم يول يېنىدىكى ئۆتەڭلەرگە ئۇچۇر يېتەر. بۇيرۇققا بىنائەن چاپار ئۆتەڭ ئاتلىرى ھەر كۈنى ئۈزۈلمەي، ھەر كۈنى قورۇلدا كۈتۈۋېلىنىدۇ كېلىپ - كېتىۋاتقان سودىگەر-تىجارەتچىلەر» بۇلار قەدىمىي يىپەك يولى سودىسىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
يىپەك يولى سودا بازىرىنىڭ لاي ھەيكەل مەنزىرىسى. تەڭرىتاغ تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى
شىنجاڭ خوتەندىكى مېلىكئاۋات خارابىسى، تۇرپان ۋە كۇچادىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خارابىلەردىن خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن پۇل ۋە پارس تەڭگىلىرى بايقىلىپ، يەنە بىر قېتىم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق قەدىمكى دەۋردىكى يىپەك يولى سودىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ كاتتا ئەھۋالىنى ئىسپاتلىدى.
خوتەن مېلىكئاۋات خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇجۇ يارمىقى. ماتېرىيال سۈرەت
ھازىرقى زامانغا كەلگەندە، شىنجاڭ «شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى كۆۋرۈك» بولۇشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا. شىنجاڭدىكى پورتلارمۇ ئەسلىدىكى تەبىئىي سودا يولىدىن ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ خادىملىرىنىڭ سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.
ئالاتاۋ پورتى بېكىتى گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا توختاپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ۋە چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغان باشقا يۈك پويىزلىرى (2023-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). سۇڭ يۈلۇڭ فوتوسى
ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى 1932-يىلى قۇرۇلغان، 1939-يىلى قومۇل-دىخۇا-ئىلى-ئالمۇتا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. 1973-يىلى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاۋىياتسىيە پورتى ھېسابلىنىدۇ؛
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى. سۈرەتنى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تەمىنلىگەن
1978-يىلى پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۇرغۇسىنى چالدى، 1982-يىلى 8-ئايدا، قونجىراپ پورتى يولۇچى ۋە يۈك توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان پەسىل خاراكتېرلىك پورت بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، بۇمۇ نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ؛
1988-يىلى، پاكىستان ئاپتوموبىل ئەترىتى جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى ئارقىلىق دۆلىتىمىز تەۋەلىكىگە كىرمەكتە. ۋۇ بىن فوتوسى
1983-يىلىغا كەلگەندە، قورغاس پورتى بىلەن تورغات پورتى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى، بۇ ئىككى پورت تېزلىكتە ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مال ئالماشتۇرۇش سودىسىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى؛
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى قورغاس پورتى. ماتېرىيال سۈرەت
تورغات پورتى 1983-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى. سۈرەتتە: 1995-يىلى يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلگەن تورغات پورتى. غەيرەت مەمتىمىن فوتوسى
1990 - يىلى، ئالاتاۋ پورتى سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۆمۈريول، تاشيولدىن ئىبارەت قوش پورتقا ئايلاندى؛
1990 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە گوللاندىيەنىڭ روتتېردام پورتىدا ئاخىرلىشىدىغان يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئالاتاۋدا تۇتاشتۇرۇلدى. ماتېرىيال سۈرەت
1991 - يىلىدىن 1992 - يىلىغىچە، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۆمۈرتام، ئۇلاستاي، تايكېشكېن، خۇڭشەنزۇيدىن ئىبارەت تۆت پورتنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلاستاي پورتى ئۈرۈمچىگە ئەڭ يېقىن قۇرۇقلۇق پورتى ھېسابلىنىدۇ؛
ئۇلاستاي پورتى (2021-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان). خو لىڭيى فوتوسى
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 19 پورت بار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى چېگرا قۇرۇقلۇق پورتلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكىگە ئايلاندى.
2023-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىر يۈك ئاپتوموبىلى قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۆتمەكتە. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
2023-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، يۈك ئاپتوموبىللىرى دولاتا پورتى دۆلەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ چىقماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
شىنجاڭنىڭ پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قەدىمى توختاپ قالمىدى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو − قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى. تاشلىنىپ قالغىنىغا 81 يىل بولغان بۇ پورت جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئەركەشتام پورتى، تورغات پورتىدىن كېيىن ئاچقان 3-قۇرۇقلۇق يولى پورتى ھېسابلىنىدۇ. پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، پورت 2027-يىلى يىل بويى ئېچىۋېتىلىدۇ. شۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ ئالتۇن يول قۇرۇلۇشى تارىخىغا يەنە بىر مۇھىم سەھىپە قوشۇلىدۇ.
2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بەدەل پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ قىرغىزىستانغا ماڭغان تۇنجى جۇڭگو تەرەپ يۈك ئاپتوموبىلى. شۇ كۈنى جۇڭگو - قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىش مۇراسىمى جۇڭگو - قىرغىزىستان چېگراسىنىڭ 6 - نومۇرلۇق چېگرا تاختىسىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭدىكى 19 پورت چېگرا بەلبېغىنى بويلاپ، شەرق بىلەن غەربنى باغلاپ تۇرىدىغان ئالتۇن يولنى تۇتاشتۇردى. پورتنىڭ راۋانلاشتۇرۇلۇشى سودا ئالاقىسىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
قورغاس پورتىدىكى ئالتە ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ يېڭىلىنىشى دەل جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى ۋە جۇڭگو - قازاقىستان سودا ئالاقىسىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قۇرۇلغان قورغاس بىرىنچى ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى. ماتېرىيال سۈرەت
2024 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 2024 - يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىپ يىپەك يولىدا جەم بولۇش مۇسابىقىسىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمى قورغاس 6 - ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى
بۇ سۈرەتنىڭ باش قەھرىمانى قورغاس شەھىرىدىكى قازاق سودىگەر ئابدۇللا. ئۇ قورغاس پورتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر كىرىپ ئورۇنلاشقان سودىگەر. ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى پورتقا تايىنىپ، يايما ئاچىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىدىن مەخسۇس گىلەم، نوركا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاشقى سودا سودىگىرىگە ئايلاندى.
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئابدۇللانىڭ دۇكىنىدا گىلەملەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. نۇرغۇن خېرىدار تونۇشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس ئابدۇللانىڭ دۇكىنىغا كېلىپ ماللارنى تاللاپ سېتىۋالىدىكەن. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى
ئابدۇللا پەقەت شىنجاڭ پورتىنىڭ ئېچىۋېتىلىش چوڭ دولقۇنى ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ بىر كارتىنىسى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مىليونلىغان سودىگەر شىنجاڭ پورتىدا ئۆزىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇردى.
2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باقتۇ پورتى جۇڭگو - قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسىدە، بىر سودىگەر تاۋارلىرىنى رەتلىمەكتە. تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
پورتنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، گۈللىنىشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىستراتېگىيەسى چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەر بىر كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.
باقتۇ پورتىنىڭ قۇرۇقلۇق سودا پورتى بولۇش تارىخىغا 200 يىلدىن ئاشتى. 2013-يىلى، باقتۇ پورتى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش تۇنجى «يېشىل كارىدور»ىغا ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش ۋاقتى بىراقلا بىر سائەتكە قىسقاردى. بۇ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات چۈشتىن بۇرۇن ئۈزۈلسە، چۈشتىن كېيىن قازاقىستاندىكى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىسىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
2023-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ شىبوتۇ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق، ياغلارنى قاچىلاپ-چۈشۈرمەكتە. باقتۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شىبوتۇ سودا چەكلىك شىركىتى تاشقى سودا قىلىدىغان ۋە ئاشلىق، ياغنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان كارخانا. تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار چۆچەك شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ يۇڭشېڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ساقلاش ئامبىرىدا باقتۇ پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان رەڭلىك لازىنى ئايرىماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2018-يىلى باقتۇ پورتى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان پورت قىلىپ بېكىتىلدى. 2019-يىلى، باقتۇ جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا رايونى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. چۆچەك شەھىرىدىكى 4000دىن ئارتۇق چېگرا ئاھالىسى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى، 2023-يىلى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىغا تايىنىپ 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش بۇ يەردە كونكرېت ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
2023-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ باقتۇ پورتى جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئار سودا بازىرى يىپەك يولى مەدەنىيەت تاۋارلىرى شەھەرچىسىگە قاراپ ماڭماقتا. گۇ لىفېڭ فوتوسى
شىنجاڭلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پورت پەقەت سودىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە دۆلەت دەرۋازىسى بىخەتەرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپى. چېگرا بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنى دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدۇردى.
«دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ 70 يىل چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ھېكايىسى كەڭ تارقالدى. «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدو چېگرا لىنىيەسىدە نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو تېشى»نى ئويۇپ چىقتى ... بۇ چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھى سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلارنى تەسىرلەندۈردى.
2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، لاچىن بايەكە چېگرا لىنىيەسىنى چارلاۋېتىپ، قار - شىۋىرغان ۋە قاتتىق سوغۇقتا چۈشلۈك تاماق يېمەكتە. ۋاڭ ليې فوتوسى
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدا، بۇرماقان مولدو چېگرا لىنىيەسىدىكى قارلىق تاغقا نەزەر سالماقتا (2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان). جياڭ ۋېنياۋ فوتوسى
شىنجاڭنىڭ 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسىدە، ۋەتەننى سۆيۈش ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقاردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بەش چوڭ مەركەز» ۋە پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، پورتنىڭ كۆزنەك ئۈنۈمى تېز قويۇپ بېرىلدى. شىنجاڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.
2023-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قىسمەن كۆرۈنۈشى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
2023-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاپتوموبىللار قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (2022-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان). تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ئەسەر چىقارغۇچى: چېڭ لىشىن
باش پىلانلىغۇچى: شى فېڭ، شياۋ چۈنفېي
نازارەت قىلغۇچى: چاۋ جىن، لياڭ ۋېي
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇڭ جۈن، يۈ لېي
مەزمۇن تەييارلىغۇچى: چېن چياڭۋېي
فىلىم ئىشلىگۈچى: مياۋ رۇڭ
چۈشەندۈرگۈچى: خې ۋېيۋېي
سۈرەت: شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى