تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى مەكتەپداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

  مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى بولغان شۆگاۋنى سېتىشتىن تارتىپ، خاس پوچتا بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقىچە، شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، مەكتەپ بىر قاتار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەكتەپداشلارنىڭ ئانا مەكتىپىگە بولغان ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  بىر قاراپلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان شىنجاڭ داشۆنىڭ خاس كالتە يەڭ مايكىسى، ئۇزۇن يەڭ مايكىسى، يان تېلېفون تىرىكى، خاتىرە دەپتەر، ياستۇق... شىنجاڭ داشۆنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكىنىدىكى مول مەزمۇنلۇق مەھسۇلاتلار ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، مەكتەپداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا قوشۇلغان مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى تېخىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ». شىنجاڭ داشۆ نەشرىياتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى گو چيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى جەمئىي 70 يۈرۈش، 100 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئىجادىيەت ۋە لايىھە مەكتەپ ئىچىدە ئىجادىيەت توپلاش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ قاتنىشىش، بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، شۇنداقلا مەكتەپ ئىچىدىكى ئىمارەتلەر، مەكتەپ تەلىمى قاتارلىق بەلگە بۇيۇملىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئانا مەكتىپىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى يۈكلەنگەن.

  ئوخشاشلا مەكتەپداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن مەھسۇلاتلاردىن يەنە شىنجاڭ داشۆ خوڭخۇ مەكتەپ رايونى ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە سېتىلغان شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش شۆگاۋسى بولۇپ، «مەن شىنجاڭ داشۆنى سۆيىمەن»، مەكتەپ ئىزنىكى، مەكتەپ دەرۋازىسى قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىدىكى ليۇليەن، ساۋمېي، قوغۇن قاتارلىق كۆپ خىل تەملىك شۆگاۋلار بار.

  ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ 2016- يىللىق ئىقتىساد كەسپى 1- سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ۋېي ۋېن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەندىلا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شۆگاۋسىنى سېتىۋالغىلى كەلدىم، بۇ قېتىمقى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئانا مەكتىپىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم، مۇراسىم تۇيغۇسىغا تولغان بۇ خىل شەكىلنى بەك ياخشى كۆردۈم. نەچچە كۈن ئىلگىرى مەكتەپداشلىرىمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا يوللىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شۆگاۋسى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەقەززا بولغان ئىدىم».

  بۇ قېتىم، جۇڭگو پوچتىسى يەنە شىنجاڭ داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پوچتا بۇيۇملىرىنى تارقاتتى، «100 يىللىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، شانلىق نەتىجە يارىتىش» باش تېمىسى، «شىنجاڭ داشۆ قىزىل رېڭى» ئاساسىي رىتىمىلىق شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ ئىزنىكى ۋە مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش Logoسىدا ئىپادىلەندى، ئومۇمىي لايىھە سالماق، كۆركەم بولدى.

  پوچتا ماركىسى ئالبومى لايىھەلەش سەھىپىسىدە شىنجاڭ داشۆنىڭ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنلىرىدىكى تارىخىي سۈرەتلىرى، شىنجاڭ داشۆنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، كەلگۈسىگە بولغان نەزىرى ھەمدە مەكتەپ مەنزىرىسى تاللىنىپ، سۈرەت، يېزىق ۋە پوچتا ماركىسى ئارقىلىق شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەش سالاپىتى ۋە بۇ 100 يىللىق ئالىي مەكتەپنىڭ شەرەپلىك مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۈ، جاڭ مېڭتىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.