تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

لىنىيە ئۇزارتىلدى! 66- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتسقىچە بارىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ شۇفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو نا) شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتسنىڭ تىجارەت باشلىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، يولۇچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش سەپىرىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي تەڭشەپ، 66- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسىنى 1.5 كىلومېتىر ئۇزارتتى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم- كېچەك سودا مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغىچە قاتنايدۇ.

شەھەر ئاھالىلىرى 66- يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقماقتا. مۇخبىر لياڭ شۇفاڭ فوتوسى

  9- ئاينىڭ 22- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئايرودۇرۇم ئەتراپى يېڭى رايونى ئىچىدىكى 66- يول ئاپتوبۇس لىنىيەسى شىمالدا شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتسقىچە ھەم توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم- كېچەك سودا مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغىچە ئۇزارتىلغان.

  يۈچىڭ يولى، شاپىڭ يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، «خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم- كېچەك سودا مەركىزى»، «شاجىچۇەن ئوتلېتس»، «توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم- كېچەك سودا مەركىزى ئاپتوموبىلس توختىتىش مەيدانى»دىن ئىبارەت ئۈچ جۈپ بېكەت يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.