تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇنبەت تۇپراق ئالتۇن رەڭگە پۈركىنىپ، مول ھوسۇل شادلىق ناخشىسى ياڭرىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

فۇكاڭ شەھىرىدىكى مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، داقا - دۇمباقلار چېلىنىپ، ئۇسسۇل ئوينالدى، ئاشلىق ئامبارلارغا كىرگۈزۈلدى، كۆلچەكلەر بېلىقلارغا لىق تولدى، شاللار مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر تەرەپكە تارالدى؛ بورتالا شەھىرىدىكى بورتالا ئوبلاستى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى كۆرگەزمە رايونىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار «قالتىس ماھارەت»لىرىنى كۆرسىتىپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلىدى؛ چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، ئالتۇن رەڭلىك ئەنجۈرلەر، يوغان قىپقىزىل چىلانلار، مەرۋايىتتەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەسەللەر كۆرگەزمە سۇپىسىغا لىق تىزىلدى...

كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى، مول ھوسۇل پەيتى. 7 - قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» قەرەلىدە يېتىپ كەلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.

كۆپ تۈرلۈك پائالىيەت قالتىس ئورۇنلاندى

مول ھوسۇل بايرىمى يۈز مىليونلىغان دېھقانلارغا تەۋە بايرام. ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مول ھوسۇل مېۋىلىرىنى نامايان قىلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

فۇكاڭ شەھىرى جۇيۇڭگەي بازىرى مودەنگۈل باغچىسىدا، ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، مول ھوسۇل باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى. «گۈللەنگەن دەۋردىكى شادلىق ناخشىسى» «شېرىن تۇيغۇ» قاتارلىق شادىيانە ئۇسسۇللاردا فۇكاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى نامايان قىلىندى؛ «ۋەتىنىمىزنىڭ ياخشى جياڭنەنى» ناملىق كىيىم - كېچەك مودىللىرى ماھارەت كۆرسىتىشتە مول ھوسۇل شادلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، ئارتىسلار قولىغا ئاپئاق پاختا، قىپقىزىل لازىلارنى ئېلىپ، تاماشىبىنلارنى مول ھوسۇل نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى.

«بىز ئالايىتەن مول ھوسۇل بايرىمى ئۇسسۇلىنى تەييارلىدۇق، كېلەر يىلى ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئەمدىلا «داقا - دۇمباق چېلىپ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش» نومۇرىنى ئورۇنلاپ بولغان لىن ئې.

بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسىدا چوڭ ئانىلار، ھەدىلەر قوللىرىدا لوبو كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە لازا تىزىقى، بوينىغا قوناق تىزىقى ئېسىپ، شوخ مۇزىكا ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، پاختا، خۇڭشۇ، كاۋىلارنى كۆرگەزمە قىلدى، سەھنە ئاستىدىكىلەر بارىكاللا ئېيتتى.

توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تىكئېرىق بازىرى شاربۈچۈن كەنتىنىڭ «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆممىقوناق سويۇش، شال توشۇش، كاۋا تالىشىش قاتارلىق تۈرلۈك سەھرا پۇرىقىغا باي، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا يېقىن يېزا - كەنت قىزىقارلىق مۇسابىقىلىرى نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قالتىس ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نەق مەيداننى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

ئاپتاپپەرەس، كۆممىقوناق، كاۋا، قۇرت، قىمىز، ئالتاي قويى... 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئالتاي ۋىلايىتى مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدە، دېھقان - چارۋىچىلار ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ، تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى: «مول ھوسۇل بايرىمىدا، بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بىز تېرىغان مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى يېيىشىنى بەك ئۈمىد قىلىمىز.» «ئالتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزگىمىز بار».

ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار مەركەزلىك نامايان قىلىندى

9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى جېگدە بۇلاق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2024 - يىللىق شىنجاڭ «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ھەم بىڭتۇەندىكى جەمئىي 150 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى 1000 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.

ئالقات يېڭى مېۋە شىرنىسى، توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان ئالقات، ئالقات ھارىقى، قارا ئالقات... شىنجاڭ چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا، 20 خىلدىن ئارتۇق ئالقات مەھسۇلاتلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىپ تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. 2022 - يىلى 8 - ئايدا قۇرۇلغان چىمىڭشىڭ ئالقات كەسپى تەرەققىيات شىركىتى دەسلەپتە جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئاساس قىلاتتى. بۇ يىل شىركەت 5000 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيى سېلىپ، ئالقات زامانىۋىلاشقان يېڭى مېۋە شىرنىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، قاچىلاش - ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە ئالقاتنى توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئالقات ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاش، ئالاقە تورىدا سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئالقات پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

«بۇ يىل، شىركىتىمىز شىنجاڭ داشۆ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالقات ئېنزىمى، ئالقات پېپتىد ئىچىملىكى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ دۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، شىركىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مول ھوسۇل بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بولۇپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە توڭلىتىپ ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان ئالقاتنى تونۇتىمىز.

«بۇ، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، چولپان ئۆرۈك قېقى، تاتلىق ئۆرۈك مېغىزى، كىلىياڭ شۆجۈسى، پىيالما ئانىرى...» خوتەن ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، گۇما ناھىيەسى سازام يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىمجان مەمتىمىن شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بۇ شىركەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قۇرۇلغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كەسپى باغ - ئورمان ئۆستۈرۈش، يېڭى مېۋە سېتىۋېلىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. نۆۋەتتە، شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان تۈرلۈك مەھسۇلات 17 خىل، يىللىق سېتىش سوممىسى 23 مىليون يۈەن بولۇپ، 280 كىشىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالىمجان مۇنداق دېدى: ياخشى مەھسۇلات مول ھوسۇل نەتىجىسىنىڭ نامايەندىسى، ياخشى مەھسۇلاتنى ياخشى باھادا ساتقاندىلا، ئاندىن مول ھوسۇلنى ھەقىقىي پايدىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

مول ھوسۇل مېۋىلىرى خۇش چىرايلاردا ئەكس ئەتتى

«مول ھوسۇلنىڭ تەمى قانداق بولىدۇ؟»

ئارشاڭ ناھىيەسى تاشۇ يېزىسى زاكىن بۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ يۇڭچىڭ: «ئەمەن تەمىدەك» دەپ جاۋاب بەردى.

2018 - يىلىدىن باشلاپ ئەمەن ئۆستۈرۈشكە قىزىقىپ، 300 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئەمەن ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 50 خىلدىن ئارتۇق ئەمەن مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقىچە بولغان يەتتە يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، جاۋ يۇڭچىڭ ۋە 60 ياشلىق ئانىسى خەن يۈخۇا ئەمەن مايسىلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىش، ئەمەن ئېچىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىق قاتارلىق كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈردى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، داۋاملاشتۇرۇش ئانا - بالا ئىككىيلەنگە ئۈمىد بېغىشلىدى. «ئانام ئەمەن بىلەن داغلاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئەمەن بىلەن داغلاپ فىزىكىلىق داۋالاش ئورنى ئاچتى، مەن شىنجاڭ سىرتىدىكى جايلارغا بېرىپ ئەمەن ئۆستۈرۈش، ئېچىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆردۈم.» جاۋ يۇڭچىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز «دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كارخانا» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ 2000 مو يەردە ئەمەن ئۆستۈردى. يەنە ئەمەن ھېس قىلىش قورۇقىدا 700 توخۇ بېقىپ، ھەممىسىنى ئەمەن بىلەن بېقىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردۇق.

جاپالىق ئەجىر مول ھوسۇل ئېلىپ كەلدى ۋە چىرايلارغا خۇشاللىق بېغىشلىدى.

ھازىر، چۆچەك شەھىرى ئەرگۇڭ بازىرىنىڭ ۋۇلى كەنتىدىكى لازا ئۆستۈرۈش بازىسىدا قىپقىزىل لازىلار ناھايىتى ياخشى ئۆسمەكتە. 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھوسۇلنى ئۆلچەش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق «نەتىجە قەغىزى»نى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

ھوسۇلنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ۋۇلى كەنتىدىكى لازا ئۆستۈرگۈچى دۇڭ گوۋېي ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتتى: «بۇ يىلقى ھوسۇل مۆلچەرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كەتتى، بىز مەخسۇس يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تېرىقچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، ھوسۇلنى ئۆلچىگەندە مەھسۇلات مىقدارى 600 كىلوگىرامدىن ئاشتى. بۇ يىل لازىنى سېتىۋېلىش باھاسىمۇ يامان ئەمەس، ھەقىقەتەن مول ھوسۇللۇق يىل بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.