− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋۇ جىڭ، ۋېن جىڭخۇا، سۇڭ چېن
خۇاشيانىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئالەمگە ئۇچۇش ئارزۇسى چاڭئېنىڭ 20 يىلدا ئاينى تەكشۈرۈپ قايتىپ كېلىشى بىلەن رېئاللىققا ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىر بەلگىلەپ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئالەمگە ئۇچۇپ ئاينى چارلاش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتىكى ھەربىر دادىل تەسەۋۋۇر، ھەر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇشنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ پىلانېتالارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى».
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن يېڭى تۆھپە قوشۇلدى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بېرىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل دۆربۈد خوشۇنىدىكى ئامغۇلۇڭ يايلىقى. كۆپكۆك ئاسماندىن ئاق - قىزىل رەڭ ئارىلاش كەلگەن بىر يوغان پاراشۇت ئاستا - ئاستا چۈشتى − چاڭئې 6 - نومۇرنىڭ قايتىش ئۈسكۈنىسى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى!
53 كۈن داۋاملاشقان ئالەم بوشلۇقى سەپىرىنى تاماملىغان چاڭئې 6 - نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە بېسىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاڭئې 6 - نومۇر ۋەزىپىسىدە ئېلىپ كېلىنگەن ئەۋرىشكە ئاي شارى ۋە يەرشارىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەتقىق قىلىشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن، بۇ، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى جەھەتتە كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ بىر قاتار ئاينى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدە يەنە بىر قېتىم غەلىبە قازانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
2004 - يىلىدىن باشلىنىپ يولغا قويۇلغان جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا قەدەملەر جىپسىلاشتۇرۇلدى، سىجىل ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئۇدا غەلىبە قازىنىلدى:
2007 - يىلى، چاڭئې 1 - نومۇر ئاينى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلىنىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئايغا چىقىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى؛
2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە، چاڭئې 2 - نومۇر ئاي شارىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا ئۆلچەپ سىزىش، قۇياش - يەر شارى لاگرانژې L2 نۇقتىسىنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تۇتاتىس ناملىق كىچىك سەييارىنىڭ سىيپاپ ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛
2013 - يىلى چاڭئې 3 - نومۇر «يۈتۇ» ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ ئاي شارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى؛
2019 - يىلى، چاڭئې 4 - نومۇر ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە قونۇپ چارلىشى، تەكشۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛
2020 - يىلى، چاڭئې 5 - نومۇر ئاي شارى ئالدى يۈزىدىن 1731 گىرام ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ يەرشارىغا قايتىپ كەلدى؛
2024 - يىلى، چاڭئې 6 - نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن تۇنجى قېتىم قىممەتلىك بولغان 1935.3 گىرام ئاي تۇپرىقىنى ئېلىپ قايتتى...
يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى، پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى بىلەن چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىشى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى −
«ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى سەۋىيەسى بىر دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى»؛
« پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش پەن - تېخنىكا رىقابىتىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسى بولۇپ قالدى»؛
« ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يولى تۈپتۈز ئەمەس، پەقەت يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلىگىلى بولىدۇ»؛
......
جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ ۋېيرېن ئاشۇ كۆرۈنۈشنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى: 2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يېرىم كېچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالايىتەن بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى تىزگىنلەش مەركىزىگە كەلدى.
شۇ پەيتتە، يەرشارىدىن 380 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، چاڭئې 3 - نومۇر ئاي شارىدىكى ھەسەن - ھۈسەن قولتۇقى رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، «يۈتۇ» ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلىمۇ قونۇش ئۈسكۈنىسىدىن بىخەتەر ئايرىلىپ ئاي يۈزىگە يېتىپ باردى. سائەت 23تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، يەر يۈزىدە سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ زالىدىكى چوڭ ئېكراندا «يۈتۇ» ناملىق ئاي شارى ئاپتوموبىلىنىڭ ئېنىق سۈرىتى كۆرۈندى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق جۇلالىنىپ تۇراتتى.
« باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆردى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە چاۋاك چالدى، يەنە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىدى» دېدى ۋۇ ۋېيرېن ئەسلەپ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چاڭئې 3 - نومۇر، چاڭئې 4 - نومۇر، چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم ۋەزىپىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
« سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، ھەربىر كەسىپ، ھەربىر كىشى ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ھەر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ، جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ۋە ئۇدا كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».
2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ، ئىللىق كەيپىياتقا تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يېشى 90دىن ئاشقان تۇنجى باش لايىھەلىگۈچىسى، ئاكادېمىك سۈن جيادۇڭ بىلەن ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يېشى 80دىن ئاشقان تۇنجى باش قوماندانى، ئاكادېمىك لۇەن ئېنجيې ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
ھەربىر پارچە سۈرەت تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن چىرايلارنى خاتىرىلىدى؛ ھەربىر قېتىملىق تاپشۇرۇق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى.
«ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجاد قىلىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك»؛
«بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆتكۈر كۆز بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تونۇپ، مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى دادىل ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىشى، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك»؛
«تېخىمۇ كۆپ ئىلىم - پەن ئالىملىرى، باشلامچى ئىختىساسلىقلار، ياش ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك»؛
……
ئارزۇدىن باشلاپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش.
20 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.
چاڭئې 6 - نومۇر ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، فىرانسىيە، ئىتالىيە، پاكىستاندىن كەلگەن تۆت يۈرۈش خەلقئارا ئىلىم - پەن يۈكلىمىسىنى توشۇدى؛ چاڭئې 7 - نومۇر ۋەزىپىسىگە ئالتە يۈرۈش خەلقئارا يۈكلىمە تاللاندى؛ چاڭئې 8 - نومۇر ۋەزىپىسى خەلقئارا جەمئىيەتنى تەخمىنەن 200 كىلوگىراملىق يۈك توشۇش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، 30دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
بۇ يىل 5 - ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى خولا مېينى چاڭئې 6 - نومۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى نەق مەيداندا كۆرگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۈكلىمىسىنى توشۇغاندا نامايان قىلغان خەلقئارا ھەمكارلىق روھىنى تەرىپلىدى، جۇڭگونىڭ ئىنسانلارنىڭ تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ يىل 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى»نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم خەلقئارا سورۇنلاردا خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ئوندىن ئارتۇق دۆلەت (خەلقئارا تەشكىلات) ۋە 40تىن ئارتۇق خەلقئارا ئاپپارات جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
«جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىپ، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ».
يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسى ئىنتايىن جاراڭلىق بولدى!
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى دۇنيا ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئىنسانلار ئايغا تەلپۈنۈپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ كەلدى، كۆرگىنى پەقەت ئاينىڭ ئالدى يۈزىلا بولدى. ئاينىڭ باشتىن - ئاخىر بىزگە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان ئاشۇ تەرىپى سىرلىق ھەم قەدىمىي بىلىنەتتى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن باشلاپ، دۇنيا بويىچە ئاي شارى 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈلۈپ، ئون قېتىمدا ئاي شارىنىڭ ئالدى يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كەمدىن - كەم ئاياغ بېسىلغان ئاينىڭ ئارقا يۈزى نامەلۇم بولۇپ، خىرىسقا تولغانىدى. ئامېرىكا بىروۋن داشۆسىنىڭ ئالىمى جامۇس خېد ئىلگىرى ھاياجانلانغان ھالدا، ئەگەر ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئەۋرىشكە بولمىسا، ئالىملار ئاي شارىنىڭ بىر مۇكەممەل ئاسمان جىسمى بولۇشتەك ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس چۈشەنمىگەن بولاتتى، دېگەنىدى.
«باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش».
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوماندانلىق قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە دۇنيا ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.
2019 - يىلى 1 - ئايدا، چاڭئې 4 - نومۇر ئاينىڭ ئارقا يۈزىگە قونۇشتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى.
2020 - يىلى 12 - ئايدا، چاڭئې 5 - نومۇر ئاي شارىنىڭ ئالدى يۈزىنىڭ شىمالىي يېرىم شارىدىن بۈگۈنگە قەدەر تەتقىق قىلىپ بايقالغان «ئەڭ ياش» ئاي تۇپرىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ قايتتى.
2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چاڭئې 6 - نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئاي ئارقا يۈزى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كەلدى.
«بىز ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتا نېمىگە تاياندۇق؟» چاڭئې 5 - نومۇر، 6 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇ خاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىزمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بولمىسا، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ تىرىكى بولمىسا، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 17 يىل داۋاملاشقان <ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش>تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش يىرىك پىلانىنى قەرەلىدە تاماملىغىلى بولمايتتى».
«يېڭىدىن تۈر تۇرغۇزۇلغان ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئۆرنەك قىلغۇدەك تەييار لايىھە يوق ئىدى، بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئۆزىنىڭ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى غايەت زور ئىدى» دېدى دۆلىتىمىزنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ تىپىنى تاللاپ دەلىللەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لۇڭ لېخاۋ ئوچۇق قىلىپ.
قونۇش، ئۇچۇش سىناق مەيدانى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سىناق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتىن چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى سانلىق مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىش پونكىتى، ئەۋرىشكە ساقلاش مەركىزى ۋە ئامېرىكا، ياۋروپادىن قېلىشمايدىغان يەرشارىۋى چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى ئۆلچەش - تىزگىنلەش تورىنى قۇرۇپ چىقىشقىچە، چاڭجېڭ 5 - نومۇر توشۇغۇچى راكېتاسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن تۆۋەن كەڭلىكتىكى خەينەن ۋېنچاڭ قويۇپ بېرىش مەيدانىنى قۇرۇشقىچە... بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر تاختا شاھمات بولدى.
ھۆكۈمەت، ئارمىيە، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار ماس ئالغا سىلجىتتى، قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى (سۈنئىي ھەمراھ)، توشۇغۇچى راكېتا، قويۇپ بېرىش ۋە يىغىۋېلىش، ئۆلچەش - تىزگىنلەش، يەر يۈزىدە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق بەش چوڭ سىستېمىنى توپلاپ بىر گەۋدىلەشتۈردى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر سىستېمىنى ئايرىم ئېلىپ ئېيتساقمۇ ھەممىسىگە «كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەن» دېيىشكە بولىدۇ.
20 يىلدىن بۇيان، مۇشۇنداق كۆلىمى زور، سىستېمىسى مۇرەككەپ، يۈكسەك دەرىجىدە توپلاشقان قۇرۇلۇشتا، يەرشارى - ئاي شارى يۆتكىلىش ئوربىتىسىنى لايىھەلەش، ئاي يۈزىگە سىلىق قونۇش، ئاي يۈزىدىن ئۇچۇپ كۆتۈرۈلۈش، ئاي شارى ئوربىتىسىدا ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش، يۇقىرى سۈرئەتتە قايتا كىرىپ قايتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى زاپچاس، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى تېخنولوگىيە، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «كۆرسەتكۈچنى تۆۋەنلەتمەسلىك، سۈرئەتنى ئاستىلاتماسلىق، خىراجەتنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش»تەك جۇڭگو مۆجىزىسى يارىتىلدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2035 - يىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى تىكلەپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
جاسارەت ۋە كۈچ كۈرەشتە تاۋلاندى.
«يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى يارىتىدىغان دەۋر».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقى نەچچە مىڭ ئورۇن، نەچچە ئونمىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئويلىغان ئىشنى دادىل قىلىدىغان، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولغان زور بىر تۈركۈم ئاينى تەكشۈرۈپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈردى.
نۇرغۇن كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى، نۇرغۇن قېتىم ئىشنى قايتىلاپ قىلدى. يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، چاڭئې 6 - نومۇرنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچىلار چاڭئې 5 - نومۇر ئاساسىدا زور مىقداردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش لايىھەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «لايىھەنى ۋايىغا يەتكۈزدى»، «بىر تال بۇرما مىخنى چۈشۈرۈپ قويۇشتەك بىخەستەلىكنىڭمۇ سادىر بولۇشىغا يول قويمىدى».
ئەزەلدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدى، چۈنكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىلىك ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان سۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمىدى −
2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «چاڭئې 5 - نومۇر» قاتارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈشتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان زور بۆسۈشنى مىسال كەلتۈردى.
2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۆپچىلىكنى «يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىش كېرەك» دەپ ئىلھاملاندۇردى.
يەر - ئاي يېڭى «چۆچياۋ كۆۋرۈكى» ياسىلىپ، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە «قالتىس قونۇش»، «گۆھەر قېزىش»تا ئاساسلىقى «تېز، مۇقىم، دەل جايىدا» بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئۇچۇپ «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ»، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئېلىنغان قىممەتلىك ئەۋرىشكە «ئۆيگە قايتىدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىل»غا ئېلىپ چىقىلدى...
چاڭئې 6 - نومۇر ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۆنىلىش ئوربىتىسى بويىچە لايىھەلەش ۋە تىزگىنلەش، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەۋرىشكە ئېلىش، ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئۇچۇپ كۆتۈرۈلۈش قاتارلىق ئۈچ چوڭ تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرغىچە ئەڭ مۇرەككەپ بولغان چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرىدا ئىنتايىن قالتىس ھەم تەڭداشسىز بولغان بىر مەيدان ئالەمدە كۈچ ئۇلاشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
«سىلەرنىڭ قوشقان گەۋدىلىك تۆھپەڭلارنى ۋەتەن ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 6 - نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكى دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئاينى تەكشۈرۈش ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى مەركىزىنىڭ مۇدىرى گۇەن فېڭنى چەكسىز روھلاندۇردى: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم تاشلىدى، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى!»
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ گۈزەل دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى مۇقەررەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخ بېتىگە نەقىشلىنىدۇ
7 - ئاينىڭ ئاخىرى، تايلاند شىلىيجيې خانىش دۆلەت يىغىن مەركىزىدە، جۇڭگو چاڭئې 5 - نومۇر ئېلىپ كەلگەن ئاي تۇپرىقى ئەۋرىشكىسى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى.
باڭكوك شەھىرىنىڭ 77 ياشلىق ئاھالىسى ۋېيجىدا جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئاي تۇپرىقىنى ئېلىش جەريانىغا ئالاقىدار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئوقۇغاچ، قايتا - قايتا «ھەيران قالارلىقكەن» دېدى.
جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باشتىن - ئاخىر «باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا سەمىمىي قۇچىقىنى ئاچتى، «چاڭئې تېشى»، ئاي تۇپرىقىدىكى ئىيونلۇق سۇ قاتارلىقلارنىڭ بايقىلىشى ئىنسانلارنىڭ ئاي شارى ۋە قۇياش سىستېمىسى ھەققىدىكى بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.
بۈگۈننى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرساق، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.
جۇڭگو ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاي شارى ئىلمىنى ئەمەلىي قوللىنىش بويىچە تۇنجى باش ئالىم، ئاكادېمىك ئوۋياڭ زىيۈەن شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، 1978 - يىلى 5 - ئايدا، ئامېرىكا جۇڭگوغا بىر گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر پارچە ئاي شارى تاغ جىنسى ئەۋرىشكىسىنى سوۋغا قىلغانىدى، دۆلەت ئەۋرىشكىنىڭ يېرىمىنى پەن تەتقىقاتقا ئىشلىتىش، يېرىمىنى ئاممىغا كۆرگەزمە قىلىشنى قارار قىلغانىدى. «ئەينى چاغدا مەن جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوچۇم ئاي تۇپرىقىنى ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم».
2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردە، ئىچكى موڭغۇل دۆربۈد خوشۇنى، نۆلدىن تۆۋەن 30 - 20 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدىغان قارلىق دالىدا، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر ياشانغان كىشى كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى − ئۇ دەل ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش لايىھەسىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى باش قوماندانى، ئاكادېمىك لۇەن ئېنجيې ئىدى.
«مەن چوقۇم چاڭئې 5 - نومۇرنى ئۆزۈم قايتۇرۇپ كېلىمەن، بۇ بىزنىڭ ۋەتەنگە بەرگەن ۋەدىمىز» دېدى لۇەن ئېنجيې.
ئاي ئوردىسىدىن گۆھەر ئىزدەش جۇڭخۇا مىللىتى قان تومۇرىغا سىڭگەن رومانتىك ئىنتىلىش، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىكى ئىخچام كۆرۈنۈش.
1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش مۇقەددىمىسىنى ئاچقانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئەينى چاغدا يەنچۇەن ناھىيەسىنىڭ لياڭجياخې كەنتىدە زىيالىي ياش بولۇپ تۇرۇۋاتقانىدىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم!»
ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمىمىز.
چاڭئې 1 - نومۇر ئاي شارى ئوربىتىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندە، بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ئاكادېمىك سۈن جيادۇڭ كۆپچىلىك بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا قۇچاقلاشتى؛ چاڭئې 4 - نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە سىلىق قونغاندا، ئاكادېمىك يې پېيجيەن بىلەن چاڭئې 4 - نومۇر ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى تۈرىنىڭ ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى جاڭ خې قوللىرىنى چىڭ سىقىشتى؛ «پاڭۋۇ» چاڭجېڭ 5 - نومۇر ناملىق توشۇغۇچى راكېتا مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن تارتىپ تيەنۋېن 1 - نومۇر، چاڭئې 5 - نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر چاڭجېڭ 5 - نومۇر ناملىق يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالارنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، ئاكادېمىك لى دۇڭ ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرى ئۇزاققىچە ئۆرە تۇرۇپ، ئاسمانغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن نەزەر سالدى...
«چوقۇم قىلالايمىز، چوقۇم قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن غايە - ئېتىقادقا ئەمەل قىلىپ، ئالەم قاتنىشى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى بېغىشلىدى، قۇربان بەردى!
چاڭئې 3 - نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، چاڭئې 4 - نومۇر زاپاس بولۇش سۈپىتىدە ئالدىنقىلىرىنىڭكىنى تەكرارلاپ، ئاي شارىنىڭ ئالدى يۈزىگە يەنە بىر قېتىم قونامدۇ ياكى ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىگە باتۇرلۇق بىلەن بېرىپ، «ئادەمسىز رايون» ئۈستىدە ئىلمىي ئىزدىنىشكە ئاتلىنامدۇ؟
قايتا - قايتا دەلىللەپ، ئاخىرىدا مۇنداق قارار قىلىندى: چاڭئې 4 - نومۇرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى پەقەتلا بېرىپ باقمىغان ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك!
چاڭئې 5 - نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا «ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش»تىن ئىبارەت 16 خەتلىك ئاينى تەكشۈرۈش روھىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ كېجيەن مۇنداق دېدى: ئاينى تەكشۈرۈش روھى ھەم «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىق ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىق، ھەم روشەن يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
«جۇڭگو ئارزۇسى تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كېلەچەك ئارزۇسى؛ دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاخىرقى ھېسابتا كەڭ ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمى دائىم سۈن زېجوۋنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇرىدۇ.
2013 - يىلى 4 - ماي ياشلار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، سۈن زېجوۋ قاتارلىق ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.
34 يېشىدا چاڭئې 1 - نومۇر ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسىلىكىگە تەيىنلىنىشتىن 38 يېشىدا چاڭئې 3 - نومۇر ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسىلىكىگە تەيىنلىنىشكىچە، يەنە بۈگۈنكى كۈندە مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولۇشقىچە، سۈن زېجوۋ باشتىن - ئاخىر «ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىغا تىرەك بولايلى» دېگەن بۇ سۆز ئارقىلىق كوللېكتىپتىكى ياشلار بىلەن بىر - بىرىگە مەدەت بېرىپ كەلدى.
ئىلگىرى چاڭئې 6 - نومۇر ناملىق ئوربىتا ئۈسكۈنىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېخنىكا مەسئۇلى چېن ۋېنچېڭ بىلەن «95 - يىللاردا تۇغۇلغان» شاگىرتى گۇ ۋېيدې «مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان ۋاقىت جەدۋىلى»نى «جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش ۋەزىپەنامىسى»گە كىرگۈزدى −
2026 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە چاڭئې 7 - نومۇر قويۇپ بېرىلىپ، ئاي شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ مۇھىتى ۋە بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ 2028 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە چاڭئې 8 - نومۇر قويۇپ بېرىلىپ، ئاي شارى بايلىقىدىن ئەسلىي ئورنىدا پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى دەلىللەش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ 2035 - يىلىدىن بۇرۇن خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتىنىڭ ئاساسىي تىپى قۇرۇپ چىقىلىدۇ...
جۇڭخۇا مىللىتى بوشاشماي ئىنتىلگەن ئاينى تەكشۈرۈش ئارزۇسى يېڭى دەۋردىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەرنى چاقىرماقتا. بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى ئاڭلىدى، بازالىتتىن «توقۇلغان» بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدە يېيىلغانلىق كۆرۈنۈشى ساۋاقداشلارنى ھاياجانغا سالدى.
«يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تەلپۈنۈپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولىمىز» دېدى چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شيۇڭ يۈفەن.
يۈكسەك ئارزۇ ئالغا ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئاينى تەكشۈرۈشىگە نىسبەتەن، قانچىلىك يۇلتۇزلار دېڭىزى بولسا، شۇنچىلىك ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بار.
گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىغا نىسبەتەن، قانچىكى قىيىنچىلىق، خىرىس بولسا، شۇنچىكى قايناق ھېسسىيات ۋە كۈچ بار!
«سىلەرنىڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالەم قاتنىشىدىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئارزۇ چاقىرماقتا، بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل دەۋر شانلىق سەھىپىسى پۈتۈلمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى مۇقەررەر ھالدا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىگە نەقىشلىنىدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)