ئاپتور: جوۋ پېڭ
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باقمىچىلار باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقا تۇتماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدىغان باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلى كۈتۈۋېلىندى.
شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باغراش كۆلىنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول، تەبىئىي يەمچۈكى يېتەرلىك بولۇپ، قىسقۇچپاقا بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان قىسقۇچپاقا بالىسى ئېكولوگىيەلىك يېتىشتۈرۈلگەچكە ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، يېتىلگەن قىسقۇچپاقىلار چوڭ ھەم تولغان، گۆشى سېمىز ھەم قىزىل بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى مەنبەدىن تۈزەش، تازىلاش بىلەن بۇلغىمىنى ئايرىش، بۇلغىمىنى تارقاقلاشتۇرۇش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، سۇنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە باغراش كۆلىدە ئوتخور بېلىق، لاققا بېلىق، كارپ بېلىقى، سازلىق ئەركەك بېلىقى قاتارلىق 32 خىل بېلىق ۋە كۆك راك، جۇڭخۇا دەريا قىسقۇچپاقىسى، دەريا سەدەپ قۇلۇلىسى قاتارلىق كۆپ خىل سۇ مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 4000 توننىدىن ئاشىدۇ.
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باقمىچىلار باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقا تۇتماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باقمىچىلار باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقا تۇتماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باقمىچىلار باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقا تۇتماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، باقمىچىلار باغراش كۆلىدە قىسقۇچپاقا تۇتماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى