تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

9-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئۇلانباي كەنتىگە جايلاشقان

مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى

رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مول تارىخىي مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەن بۇ قەدىمىي شەھەر

يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن

شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە سىرلىق يۈز ياپقۇسىنى ئاچتى

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى رەسمىي ئېچىۋېتىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ

ھازىرغا قەدەر

تەخمىنەن 5000 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان

    ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى كۆلىمى زور، تۈزۈلۈشى مۇكەممەل، بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى بولۇپ، خارابە سەل چاسا شەكىلدە، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 550 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 450 مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2000 مېتىر كېلىدۇ، شەھەر سېپىلى پۇختا، قاراۋۇل راۋىقى، قوۋۇق سېپىلى قاتارلىق خارابىلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخىي كۆرگەزمىخانىسىدا

كۆرگەزمە قىلىنغان «ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى»دە

«ھەيۋەتلىك تاغ-دەريالار»، «دۆلىتىمىزنىڭ بۈيۈك بىرلىكى»،

«تىيانشان گۇۋاھ»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك بويىچە

قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى

ۋە سۈرەت، ھۆججەت قاتارلىقلار سىستېمىلىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

خارابىلىك ئەتراپىدىكى پىيادىلەر يولىنى بويلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا

ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن

قەدىمىي شەھەر سېپىلى، قاراۋۇل راۋىقى ۋە قوۋۇق سېپىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ

بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

كۆرگەزمىخانىدا يەنە

ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى

بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى خارابىسى

تۇرپان ئاستانە قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سېلىشتۇرما قىلىنىپ

شۇ چاغدىكى بۇ ئۈچ جايدا

ئوخشاش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە پۇل ئىشلىتىلگەنلىكى نامايان قىلىنىدۇ

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىدا ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى، بېيتىڭ قۇچۇ خۇيخۇ بۇتخانىسى خارابىسى، تۇرپان ئاستانىدىكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

كېيىنكى قەدەمدە

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى

ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنى پىلانلاش

ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىش

مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇشنى زورايتىپ

قەدىمىي شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ

    ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىگە قانداق بارىدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يولغا چىقىپ، G30 لىنىيەسىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، ئۇلانباي شىمالىي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈپ، يەنە تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چىقىپ، باغلىما يولدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىنىڭ مەنزىرە نۇقتىسى يول باشلاش بەلگە تاختىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئىككى تەرىپى قارىياغاچ ئورمىنى بىلەن تولغان يولدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قەدىمىي شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مۇخبىر: جاڭ ۋەندې، گەي يۈ، ۋاڭ چاڭتۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.