تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مول ھوسۇل پەسلى | ئالمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى شېرىن ئالمىلار شاخلارغا لىق تولدى

   مۇھەرىردىن: كۈز كىرىشى بىلەن، بارچە ھوسۇل مەزگىلىگە كىردى، يەنە بىر يىل مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، 7-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى. ئوتقاشتەك قىپقىزىل لازا، ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق، سۆسۈن رەڭلىك ئۈزۈم، سېرىق، يېشىل نەشپۈت ...... مول ھوسۇل ئالتۇن كۈزدىكى ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رەڭ. مۇشۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ رەڭدار تۈسى كۈز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى. بىز بىرلىكتە مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنايلى.

    يېقىندا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چوڭ بۇغرا بازىرى چوڭ بۇغرا كەنتىدىكى مېۋىلىك باغنى قويۇق مېۋە ھىدى قاپلىدى، قىپقىزىل ئالمىلار شاخلارغا لىق تولۇپ، يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا جۇلالىنىپ، خۇش ھىدى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. باغۋەنلەر بۇ يەردە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى،  بەزىلەر ئېگىزدە ئالما ئۈزسە، بەزىلەر ئالمىلارنى كۆڭۈل قويۇپ خىللايتتى، چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بەي لى فوتوسى

يېقىندا، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سەيۋېيشى دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خوڭگەيلۇ مېۋىلىك بېغىدا، ئالما شاخلىرى سانجاق-سانجاق مېۋىلەر بىلەن تولدى، قىپقىزىل ئالمىلار كۈزنىڭ ئاپتىپىدا كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى. يۇڭ خەي فوتوسى 

ھازىر، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئالمىلار ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، باغدىكى خۇش ھىد ئەتراپنى بىر ئالدى. بۇ ناھىيەنىڭ شىجىر بازىرى ئالمىلىق كەنتىدىكى كونا مېۋىلىك باغ ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدا، باراقسان ئۆسكەن ئالما دەرەخلىرىدىكى سۈزۈك ئالمىلار كۆزنى چاقنىتىپ، شاخلارنى ئېگىپ تۇرغان ئاچ قىزىل ئالمىلار مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ليۇ رۈي فوتوسى

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى قامغاقلىق كەنتىدىكى ئالمىلىق باغقا كىرگىنىڭىزدە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دىماققا بىر خىل قويۇق مېۋە ھىدى ئۇرۇلىدۇ. يىراققا نەزەر سالغىنىڭىزدا، باغدىكى ئالما دەرەخلىرىدىكى سانجاق-سانجاق قىپقىزىل ئالمىلار خۇددى ياقۇتتەك قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇراتتى، باغۋەنلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالما ئۈزۈۋاتاتتى. مېھرىبان مۇختەر فوتوسى

يېقىندا، تېكەس ناھىيەسىنىڭ چولاقتېرەك بازىرى ئاقتېرەك كەنتى (ئالما كەنتى) دىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان ئالمىلارنى ئايرىپ يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا. جيا جيا فوتوسى

يېقىندا، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسى يىخېيۈەن كەنتىدىكى 600 مودىن ئارتۇق ئالمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، قىپقىزىل ئالمىلار شاخلارغا لىق تولغانىدى. تۇخۇلۇ يېزىسىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىسىدا، يېڭىلا ئۈزۈلگەن ئالمىلار رەتلىك تىزىلغان، باغۋەنلەر خېرىدارلارغا ئالما تاللىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. گاۋ جىخۇا فوتوسى

رەتلىگۈچى: سۈي داۋشېڭ

ماتېرىيال مەنبەسى: سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.