تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي پار بىلەن تەمىنلىنىدۇ!

2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقى پۈتتى، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي پار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 98 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدىن باشقا ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىنى قاپلايدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 450دىن ئارتۇق پار بىلەن تەمىنلەش باشقۇرغۇچىلىرى ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش رايونلىرىغا بېرىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ مۇلازىمەت قىلدى.

خۇڭسەن يولىغا جايلاشقان جېڭتەي چېڭجى ئولتۇراق رايونى كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن باشقۇرغۇچىلار ئائىلىلەرگە كىرىپ پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش ياكى تېلېفوندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىدە سۇ ئېقىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى ياكى داتلىشىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىشنى، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىشنى ئەسكەرتتى.

ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرى پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى ۋە كونا پار تۇرۇبا تورىنى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ھەمدە پار قازان، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى، 1-، 2-قېتىملىق پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ئاسراش باسقۇچىغا كىرىدۇ. تەلەپ بويىچە، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىگە سۇ بېرىپ بېسىم سىناش ۋە سوغۇق ھالەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ ھەمدە پار بىلەن تەمىنلەش شەرتىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 258 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىلغۇ گاز ئارقىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 217 مىليون كىۋادرات مېتىر، يېقىلغۇ گازدا تام مەش ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 34 مىليون كىۋادرات مېتىر، توك ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 7 مىليون كىۋادرات مېتىر بولغان.

​مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.