تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بېكىتىلدى! بۇ مۇسابىقە 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 61 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن جەمئىي 1226 ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ كۆپ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
شيا جيەنۋېي فوتوسى

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ماھارەت ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

     بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان 61 ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار (كارخانىلار، بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەر، ئالاقىدار ساھەلەردىكى نازارەت، ئىدارە، جەمئىيەت قاتارلىقلار)دىن كەلگەن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 14 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 30 ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىندى.

    ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە «ئىككى كۆرگەزمە» ۋە «ئۈچ لېكسىيە» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئىككى كۆرگەزمە»، يەنى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كۆرگەزمىسى ۋە ماھارەت كۆرسىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى بولۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، قىسمەن كارخانا ۋە تۆت تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىدۇ. «ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ماھارەت تەربىيەسى، ماھارەت مۇسابىقىسى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ «ئۈچ لېكسىيە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا تەجرىبە ئۆگىتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.