□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ
ئەمدىلا كەلتۈرۈلگەن كۆكتاتلار يېڭى، مىقدارى يېتەرلىك، مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى مول، بېلىقلار يېڭى، راكلار گۆشلۈك، قىسقۇچپاقىلار مەززىلىك ئىدى... ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى، توپ سېتىش بازارلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن، سېتىۋېلىش - سېتىش تەڭ جانلانغانىدى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا.
«تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى، قاغىلىقنىڭ ئانىرىنى ھەممە ئادەم تەرىپلەيدۇ، كورلىنىڭ نەشپۈتى جاھانغا داڭلىق، ئىلىنىڭ ئالمىسى ئەڭ ياخشى... بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە مېۋە بار، شىنجاڭغا كەلگەنلەر ئۆيىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ»، خۇددى ھەممە ئادەم ئالقىشلايدىغان بۇ قوشاقتا بايان قىلىنغىنىدەك، ھازىرقى شىنجاڭدا مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تاراپ، شېرىن تەمى كىشىنى مەپتۇن قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا كىرسىڭىز، ھەر خىل مېۋىلەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ، خۇش ھىدى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
مېۋە يايمىسى ئالدىدا ئىشچىلار يېڭىلا كەلگەن مېۋىلەرنى توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يايمىچىلارنىڭ بەزىلىرى خېرىدارلارغا مېۋە تاللاپ بەرسە، بەزىلىرى مېۋىلەرنى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتقا بېسىپ بېرىۋاتاتتى...
ئالما، نەشپۈت، قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىق ئەنئەنىۋى مېۋىلەردىن باشقا، شىنمېي، كۇڭلۇڭدەن، ئەنجۈر قاتارلىق ئالقىشلىق مېۋىلەرمۇ بەس - بەستە بازارغا كىردى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋىلىرىنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى.
«جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدا مېۋە بولمىسا قانداق بولىدۇ» مېۋە سوۋغاتلىقى تاللاۋاتقان شەھەر ئاھالىسى لى خانىم مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، مېۋىلەرنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى.
جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بازاردا سودا بولىدىغان مېۋە تۈرى 250 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، كۈندىلىك سودا مىقدارى 3800 توننىدىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇمشاق ئۇرۇقلۇق ئانار، شىنمېي، قوغۇن قاتارلىق ئېسىل مېۋىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ ئالقىشقا ئېرىشكەن يەرلىك خاس مەھسۇلاتلاردا.
قۇرۇق ئۈزۈمدىن ئەنجۈر قېقىغىچە، ئانار شەربىتىدىن چۈلىگىچە، يايما ئالما قېقىدىن جىغان كەمپۈتكىچە... يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى يايما ئورۇنلىرى ئالدىدا، سودا بازىرىدىكى مال جازىلىرىدا سەھرا پۇرىقىغا باي يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.
شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى يەرلىك خاسلىققا ئىگە نۇرغۇن يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان بۇ يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن داڭلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلاندى.
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان «رىجاۋ جىنشەن مۇلازىمەت پونكىتى»دىكى چىرىكچى يېزىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، رەڭلىك يېپىشقاق قوناق، «مېنىڭ ئالتىيىم» ماركىسىدىكى لاۋجياۋ ھارىقى، يەرلىك قېتىق قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار تىزىلغان بولۇپ، دۇكانغا كىرىپ سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. «بۇ مەھسۇلاتلار ناھايىتى تەملىك، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى ئىكەن! مەن نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالدىم، كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن ئالغاچ كېتەي دەيمەن!» دېدى گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ خۇي توختىماي ماختاپ.
خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئالتاي شەھىرى جەمئىيەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، «رىجاۋ جىنشەن مۇلازىمەت پونكىتى»نى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، خەلققە پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى پونكىتقا كىرگۈزدى.
بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا(بازار)لارنىڭ «رىجاۋ جىنشەن مۇلازىمەت پونكىتى» سۈت مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى 100 خىلدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى جازىغا تىزىپ سېتىپ، جەمئىي 15 مىليون 783 مىڭ 700 يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سوممىسىنى تاماملاپ، 4600دىن ئارتۇق ئائىلىلىك دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى 6 مىليون 328 مىڭ 600 يۈەن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپ پۈتۈن زەنجىرى، يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىي قىلىپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ ياخشى مول ھوسۇل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ يېڭى بېلىق، گۆشلۈك قىسقۇچپاقا قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونلىرىدا.
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئالتاي شەھىرى سىجىچىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش رايونىدا، بىرقانچە چوڭ كۆلچەككە يېڭى، تىرىك قىسقۇچپاقىلار لىق سېلىنغان بولۇپ، يايما ئورنى ئالدى باھاسىنى سوراۋاتقان، سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى.
«8 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ، ئالتاينىڭ يەرلىك قىسقۇچپاقىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، قار سۈيىدە بېقىلىدىغان بولغاچقا، قىسقۇچپاقىلار ناھايىتى گۆشلۈك، مەززىلىك، يېڭى، تاتلىق، بىر قىسقۇچپاقىنىڭ ئېغىرلىقى 200 گىرامدىن ئاشىدىغان بولغاچقا، سېتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، ھازىر بىز ھەر كۈنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا مال سېلىۋاتىمىز» دېدى سودىگەر شيې شۈەنچيۇڭ.
قار سۈيىدە بېقىلغان قىسقۇچپاقىدىن باشقا، يەنە قۇملۇق قىسقۇچپاقىسى بار! بۇ ئىككى كۈندە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى تولغانجى كەنتىدىكى قۇملۇق رايوندا بېقىلىۋاتقان قىسقۇچپاقىلار مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى، چوڭ قىسقۇچپاقىلار شۇ جايدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا تېز سۈرئەتتە ئېلىپ كېلىنىپ سېتىلدى.
خوتەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قىسقۇچپاقا بېقىشتىكى ئاساسلىق سۇ مەنبەسى يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن كېلىدۇ، سۇ مول مەزگىلدە دەريا سۈيى باقمىچىلىق كۆلچەكلىرىگە باشلىنىپ، ئىلمىي باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق قىسقۇچپاقىلارغا مۇۋاپىق ياشاش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.
شۇ جاي يەنە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چوڭ راك قۇمچاقلىرى، لوشى كۆلچەك راكى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پىراۋ راكى، ئوكۇن بېلىقى قاتارلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى سىناق قىلماقچى بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسقۇچپاقا، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پىراۋ راكى، سېرىق كۇمجا بېلىق قاتارلىقلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا ماكانلاشتى. بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 183 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى.