تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت.

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، مەزمۇنى مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ رەسمىي ئورنىتىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل ئالغا ئىلگىرىلىگەن، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان جانلىق ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.

دېموكراتىك سىياسىينى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شەكلى مول، رەڭدار. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق؛ ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ زور دەرىجىدە بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق؛ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. 75 يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى، نەزەرىيە ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ۋە روشەن سىياسىي ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىيات تارىخىدا ئۆزگىچە سىياسىي قىممەتكە ئىگە، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى ھەم ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىدۇ.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۇش، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ ئون ماددا 75 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتى توسۇۋالغۇسىز قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جانلىق - جۇشقۇن، تىنچ - ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتەيلى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملىسەكلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.