تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ داشۆنىڭ يېڭى 100 يىللىق شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتەيلى

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەيۋەتلىك تىيانشان چەكسىز كەتكەن باياۋانلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ كەڭ تەبىئەتتە، يېڭى جەمئىيەتتىكى ياشلار تاۋلانماقتا، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى...» شىنجاڭ داشۆ بوران - چاپقۇن ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرەپ ۋە ئارزۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا جۇڭگودىكى 100 يىللىق داشۆلەر قاتارىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تارىخىدا يېڭى ئابىدە تىكلىدى.

100 يىل قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللار بولدى، ئەسىر مەشئىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭ داشۆ دۆلەت خارابلىشىپ خەلق نامراتلاشقان، دۆلەت خەۋپ ئىچىدە قالغان مەزگىلدە بارلىققا كېلىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تارىخىي دولقۇنىدا تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ پارلاق ھەم داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭ رۇس تىل - يېزىقى قانۇن - سىياسىي مەخسۇس مەكتىپىدىن «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش جۇڭگو خەلق ھەربىي - سىياسىي 2 - داشۆسى» دەپ تەرىپلەنگەن شىنجاڭ شۆيۈەنىگىچە، يەنە بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ داشۆگىچە، 100 يىللىق قالتىس مۇساپە دەل مىللەت بىلەن تەقدىرداش بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگەن كۈرەش تارىخى بولدى.

100 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا، شىنجاڭ داشۆ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم قىلىپ، سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئادەم تەربىيەلەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ، باشتىن - ئاخىر غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان 300 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، چېگرادىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەۋزەل، ئۆزگىچە پەنلەرنى بەرپا قىلىپ، بىر قاتار ئىلمىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ، بارلىق شىنجاڭ داشۆ كىشىلىرىنىڭ شەرىپى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخرى!

مېۋە يېگەندە دەرەخ تىككۈچىنى ئۇنتۇماسلىق، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. 100 يىللىق شىنجاڭ داشۆنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، كىچىكلىكتىن زورىيىشى، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى بېكەتتە شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مەكتەپنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات تېز يولىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى. «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشتىن ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقىچە، ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ داشۆ توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ داشۆنى ياخشى باشقۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بارلىق شىنجاڭ داشۆ كىشىلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ داشۆ جەزمەن سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشى؛ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى خاسلىقى روشەن، ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

100 يىللىق شىنجاڭ داشۆنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرماقتا. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم شىنجاڭ داشۆنىڭ يېڭى 100 يىللىق شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.