تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش | تارىم دەرياسىنىڭ ئالتۇن كۈزى سۈرەتتەك گۈزەل

   تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جۇۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنى كۈتۈۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 578.7 كىلومېتىر بولۇپ، شۇ جاي سىجىل، ئۈنۈملۈك سۇ يەتكۈزۈش تەدبىرى ئارقىلىق، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا دەريا راۋان، سۇ سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلغان.

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، ئاق قۇم، زۇمرەتتەك كۆل بىر-بىرىگە ھۆسن قوشقان (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، كۆل سۈيى قۇملۇقتا ئاقماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، كەڭ كەتكەن سۇ رايونى ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇملۇقنى بۆلۈۋەتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، كەڭ كەتكەن سۇ رايونى ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇملۇقنى بۆلۈۋەتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، ئاپتوموبىللار قۇملۇق تاشيولىدا يۈرمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى لوپنۇر بۆلىكى ئەتراپىدىكى قۇملۇق مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا تۆگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.