9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1ـ شىسىنىڭ كۇچا شەھىرىنىڭ چېڭنەن كوچا باشقارمىسى قارا ئۈجمە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جۇڭخۇا قىسقۇچ پاقىسىنى سېتىشىغا ياردەم بەرمەكتە. ھازىر قىسقۇچپاقىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل بولۇپ، باقمىچىلار بېلىق تۇتۇش، ئىلغاش، بازارغا سېلىپ سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ۋۇ لې فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئانار ئۈزمەكتە. يېقىندا، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق بازىرىدا ئۆستۈرۈلگەن 400 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئانارلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، بۇ بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئانارلارنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ، قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەم بەردى. جەي رۇزېڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى لېيجياتاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شالدىن ھوسۇل ئالدى. خۇاڭ جىنيۈەن فوتوسى
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى چاڭشېڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئاپئاق پاختىلارنى كۆتۈرۈپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى يۈەندىڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىدا ياڭاق توشۇماقتا. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرى شياخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى لازا قۇرۇتماقتا. يېقىندا، بۇ بازار بۇ يىل تېرىغان لازىدىن مول ھوسۇل ئالدى، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ ئاپتاپقا سالدى، ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىپقىزىل مەنزىرە بارلىققا كەلدى. داۋۇت رىشات فوتوسى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، دېھقانلار كومبايىننى ھەيدەپ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نەسىللىك قوي فېرمىسى تەۋەلىكىدە كۆممىقوناق ئورماقتا. خۇا يەنمىڭ فوتوسى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
سالقىن كۈز شامىلى دانلىق زىرائەتلەرنىڭ خۇش ھىدىنى ئەتراپقا تاراتماقتا. ئالتۇن كۈزدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرى مول ھوسۇلغا تولماقتا، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل ھېكايىلىرى بارلىققا كەلمەكتە.
شىنجاڭ تۇپرىقىدا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان غايەت زور مول ھوسۇل مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمى ئاستا-ئاستا نامايان بولماقتا. قىزىل لازا، ئانار، سېرىق كۆممىقوناق، شال باشاقلىرى، مول ھوسۇلدىن تۇپراققا سىزىلغان گۈزەل مەنزىرە تولۇپ تاشقان ئىللىق رەڭ سىستېمىسى، ئۇنىڭغا بىر قاراش بىلەنلا، جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىن كېيىنكى خۇشاللىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ئالتۇن رەڭلىك مول ھوسۇل تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا تەر ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ ئەمگەكچان كىشىلەر توقۇغان ھاياتىي كۈچكە تولغان ئارزۇ. ئىشلىسەڭ ئالارسەن قاپلاپ ئاش، ئىشلىمىسەڭ قالارسەن چايناپ تاش. كۈزدىكى مول نەتىجىلەر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشنىڭ جاۋابى، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئالقىش. ئىككى قولىمىز ۋە قان-تەرىمىز بىلەن تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشىنى كۈتۈۋالغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز. كۈزنىڭ ئاپتىپىدا ئەمگەكچىلەر ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىق ۋە رازىمەنلىكتە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت ئەكىس ئەتمەكتە.
مول ھوسۇلنىڭ ئىللىق رەڭگى يېزا-قىشلاقلاردا، شۇنداقلا شەھەرنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مەۋج ئۇرماقتا. مول ھوسۇل ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئۇ بىر يىلدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايە.