تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت جۇڭگو سەپىرى | جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

   تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لى خەۋەر قىلىدۇ) گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن شىنجاڭلىق پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد سەنئەتكارلارنىڭ ۋەتەنگە، يۇرتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تۇرمۇشقا بولغان تەسىراتىنى ھېس قىلىش. 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا باشلاندى.

9-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا باشلاندى.   لى لى فوتوسى

   شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سانجى شۆيۈەنى گۈزەل سەنئەت ۋە لايىھەلەش شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چىن تيەنشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە جەمئىي 450تىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى، ئەسەرلەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، سۇ بوياق رەسىم، چاتما رەسىم، ھەجۋىي رەسىم، ئۇنىۋېرسال ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باھالاش كومىتېتىنىڭ ئىنچىكە باھالىشى بىلەن جەمئىي 177 ئەسەر كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر 39، تاللانغان ئەسەر 138 بولۇپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كۆرگەزمە زالى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. مۇخبىر لى لى فوتوسى

كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. مۇخبىر لى لى فوتوسى

كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە. مۇخبىر لى لى فوتوسى

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «تىزناپتىكى چۈشلۈك زىياپەت». شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر «كوئېنلۇنغا مۇھەببەت». شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «بېلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش». شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «پارتىيە تارىخىنىڭ 100 يىلى». شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بازار». شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى تەمىنلىگەن سۈرەت


   بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.