ساۋەن شەھىرىنىڭ دۇڭۋەن بازىرىدىكى قوناقلىقتا دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ قوناق يىغماقتا. يېقىندا، بۇ بازاردىكى قوناقلار ھوسۇل يىغىش مەزگىلىگە كىردى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىر تال داننىمۇ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. □ شۈ گۇاڭيۇڭ فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى، بۆلەك - بۆلەك ئېتىزلار مول ھوسۇل شادلىقىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ ئېتىز باشلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىدا.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مۇنبەت دالىلاردا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ قوشۇنى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا مول ھوسۇلغا بولغان ئۈمىد ۋە ئارزۇنى زىممىسىگە ئالدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىدىكى ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش قوناقلىقىدا، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئۈزۈلمىدى، بۇ ئاۋازلار ئېتىزلىقتىكى ئەڭ تەسىرلىك مېلودىيەگە ئايلاندى.
قوناقلىققا كىرگىنىمدە، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى. ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، قاتار - قاتار كەتكەن قوناقلار رەتلىك ئورۇلۇپ، دانلىرى تولغان قوناقلار كوزۇپقا قاچىلىنىۋاتتى، كېلەر يىللىق ئوغۇت قىلىش ئۈچۈن شاخ - شۇمبىلار ئېزىلگەندىن كېيىن ئېتىزغا چېچىلىۋاتاتتى.
«ئائىلىمىزنىڭ بۇ چوڭ كومبايىنىنىڭ كەڭلىكى 3.66 مېتىر، بىر قېتىمدا 10 قۇر قوناقنى ئورۇغىلى بولىدۇ، ئورۇش، دان سوقۇش، دان ئايرىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەرنى قىلغىلى بولىدۇ، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 130 مو يەردىكى زىرائەتنى ئورۇغىلى بولىدۇ!» بۇ بازاردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى لى گوجۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم كومبايىننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا، خۇددى مول ھوسۇل ئالدۇق! دەپ توۋلاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
بۇ مول ھوسۇل پەسلىدە، قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرى بىپايان ئېتىزلارغا چېچىلغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ھويلىلىرىدىكى چوڭ - كىچىك تۆمۈر كالىلار قوزغىتىلىپ، بەس - بەستە خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. كومبايىن ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنلىرى ئىچىدە خۇددى بىر مەيدان قوغلىشىش ئويۇنى ئويناۋاتقاندەك ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈشتى. كومبايىنلار بۇغداي باشاقلىرىنى بىر - بىرلەپ يىغىپ، رەتلىك بۇغداي ئېڭىزلىرىنى قالدۇردى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىراكتور يەرنى پۇختا ئاغدۇرۇپ، كېلەر يىللىق ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچتى؛ ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى بوشلۇقتا يېنىك پەرۋاز قىلىپ، زىرائەتلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى ۋە خىمىيەۋى ئوغۇتنى دەل جايىدا چېچىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى قوغدىدى...
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90كە يەتتى، بۇ سان مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
مول ھوسۇل قەيەردە؟ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىكى ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتقان تېخنىكا يېڭىلاشتا.
ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، رەت - رەت تىزىلغان زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆزگە چېلىقاتتى، بۇ ماشىنىلار بىر بولسا ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك، بىر بولسا ئەپچىل، نازۇك بولۇپ، ھەممىسىدە پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
«بۇ يىل يەنە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ياخشىلاپ، بۇ يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئاشۇردۇق.» ساۋەن شەھىرى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئەنئەنىۋى ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئۇرۇق چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى كىرېست شەكلىدىكى ئۆردەك تۇمشۇقى شەكلىگە ئۆزگەرتتى، بۇ ئۆزگەرتىش ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ يوپۇق ئۈستىگە ئۇرۇق سېلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، كېۋەزنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى ئۆسۈپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا مايسا قويۇش ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەقەت مۇشۇ بىر تۈردىلا ھەر مو يەردىن ئاز دېگەندە 30 يۈەن پەرۋىش تەننەرخى تېجەپ قېلىندى.
تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى مول ھوسۇل ئېلىشقا قانات بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ ئۆزگەرتتى.
ھەرقايسى جايلاردىكى چوڭ - كىچىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ھويلىلىرىدا، يېڭىلىنىش ھەرقايسى تەرەپلەردە ئىپادىلەندى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ دەل جايىدا قىلدى. جابدۇق سېنزورى ۋە كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تۇپراقنىڭ سۇ تەركىبى، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئەھۋالى ھەمدە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپ، دەل جايىدا ئوغۇتلىدى ۋە سۇغاردى؛ ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، تېخىمۇ كەڭ رايونلارنى قاپلاپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كامېرا ئارقىلىق ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلىدى. دېھقانلار تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىدى ھەم مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى قاتارلىقلار.
خې خۇڭتاۋ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەبىئەتكە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، ھوسۇل مۇقىم ئەمەس ئىدى. ھازىر پەن - تېخنىكا تىرەك بولۇپ، ھوسۇل ئېشىپلا قالماي، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى».
مول ھوسۇل قەيەردە؟ دېھقانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان يېزا ئىگىلىك ماھارىتىدە.
«تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلالايدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ھەر كۈنى 500 مودىن ئارتۇق يەردىكى مېۋىلىك دەرەخنى پەرۋىش قىلىش مەشغۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى ئاياغ چارەك كەنتىدىكى دېھقان قۇربان ئەمەت.
«ئىمتىھان بېرىپ پاختا يىغىش ماشىنىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدىم، بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن، ھازىر يەنە ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلدىم.» لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى شوپۇرى سەمى يۈسۈپ مۇنداق دېدى: پاختا يىغىش باشلىناي دەپ قالدى، ھەيدەش بۆلۈمچىسىدە ئولتۇرۇپ مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقىقەتەن تەقەززا بولۇۋاتىمەن.
بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەرقايسى جايلاردىكى دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى مەشغۇلاتچىسىغا ئايلاندى... ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشلەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چوڭ ھويلىلىرى، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلماقتا، بۇ تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كېلەر يىللىق مول ھوسۇل ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ۋە كۈچنى زاپاس ساقلىماقتا.