− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دىڭ شياۋشى، فەن سىشياڭ، ۋاڭ مىڭيۈ
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي تۈزۈمدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيەت، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل ئالغا ئىلگىرىلىگەن، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان جانلىق ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى.
تارىخنىڭ بۈيۈك قەلىمى ئارقىلىق يېڭى كۈرەش كوردىنات بەلگىسىنى سېلىپ، 75 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەنە بىر قېتىم يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى −
ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تەڭ كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
پىرىنسىپنى بېكىتىپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەش −
«بىز جەزمەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك»
باش باھاردىكى 3 - ئايدا، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى.
2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالىغا دانالار جەم بولغانىدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى سەمىمىي يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
«ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتىم» دېدى باش شۇجى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.
پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقىچە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقىچە، مائارىپ، داۋالاشتىن ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغىچە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە... ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساھە گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى.
سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇق قەلبلەرنى مۇجەسسەملىدى، كۈچنى ئۇرغۇتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.
2019 - يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
«خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ چېگرادىكى مىللەتلەر رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولدى؛ دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كەڭ خۇاچياۋ، خۇارېنلارنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت كۆرسىتىشكە ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلىدى؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىدى.
2012 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 9دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئىككى مىنىبۇس «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىغا كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن سالماق قەدەم بىلەن چۈشتى.
ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، باش شۇجى نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، سەككىز دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى بىر - بىرلەپ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ زىيارەت قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەربىر يولداش بىلەن چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن كۆرۈنۈشنى چوڭقۇر ھېسسىياتتا ئەسلەپ ئۆتتى؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش كېرەك، قۇلاققا ياقسۇن - ياقمىسۇن، توغرا پىكىر بولسىلا بىردەك ئاڭلاش كېرەك.> بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەدە بولۇشقا تېگىشلىك كەڭ قورساقلىق. <ئومۇمەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشكەندە، پىكىرنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە قاراپ بېكىتىش، ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىقىغا قاراپ بېكىتمەسلىك كېرەك.> بۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەدە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىق».
پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالغاندا سەمىمىي سالام يوللىدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە دوستلۇقنى بايان قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى.
بۇ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەنگەن «ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى» −
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «تەرتىپى مۇۋاپىق، ھالقىلىرى مۇكەممەل بولغان كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش، ھۆكۈمەت كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كېڭىشىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش» تەكىتلەندى؛
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلى بولۇشتىن ئىبارەت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساھە تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش» تەلەپ قىلىندى؛
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا: «تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر كېڭىشىش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلدى؛
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ، ئىجادىي تەرەققىياتنى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتۇرۇۋاتقان «كومپاس» −
تۈپ پىرىنسىپقا قەتئىي ئەمەل قىلىش، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلەندى؛
خاراكتېرى ۋە ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش ئاپپاراتى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى ئىكەنلىكى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛
خاس ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزدە يىلتىزى، مەنبەسى، ھاياتىي كۈچى بارلىقى، «دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتقانلىقى، دېموكراتىيە يولىنى كېڭەيتكەنلىكى، دېموكراتىيەنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى» كۆرسىتىلدى؛
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش» تەلەپ قىلىندى؛
...
بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈم يېڭى دەۋردە قانداق خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت زور تېمىلارغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
ئىدىيە بايرىقى يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلۇغۋار ئىشلاردا يېڭى سەھىپە يارىتىلدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە پائال ئاتلىنىپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.
ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش −
«خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك»
«<جاھاندىكىلەرنىڭ نەزەرى بىلەن قارىغاندا ھەممىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ جاھاندىكىلەرنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاندا ھەممىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ جاھاننى قەلبكە پۈككەندە ھەممە ئايدىڭلىشىدۇ>».
2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى چارىسى ئارقىلىق، سۆز قىلىش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك».
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى ئىسلاھات تەپەككۇرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى.
كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلدى −
2015 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئەمەلىيەت داۋامىدا كېڭىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىش»نى تەلەپ قىلىپ، «ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كېڭىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش»نى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر مۇھىم ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭىشىش قارالمىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، كېڭىشىش دائىرىسىنى ئىلگىرىكى ئاساسلىقى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشتىن «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا كېڭەيتتى.
12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىن بۇيان، يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈش ئارقىلىق نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىلىرىنى بېكىتىش چارىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا، نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىلىرى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېڭىشىش پىلان لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يولغا قويدى.
بۈگۈنكى كۈندە، چوڭ جەھەتتە خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تۈزۈشتىن، كىچىك جەھەتتە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى بويىچە باشقۇرۇش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشتى.
كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش شەكلى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلدى −
2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆپ كۆرۈنۈشلۈك قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» تېمىسىدىكى يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىن نەق مەيدانىدىكى يىراق مۇساپىلىك ئۇلىنىشقا ئىشلىتىلگەن چوڭ ئېكراندا، خۇنەننىڭ خېڭياڭ شەھىرىدىكى بىر يولدا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ يول ئۆلچەش كۆرۈنۈشى ھەر ۋاقىت يوللىنىپ تۇرۇۋاتاتتى، موگۇ ئاپتوموبىل بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە CEOسى جۇ لېي ئەزالارغا بۇنى نەق مەيداندا چۈشەندۈردى.
يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشتە، بوشلۇق ئەمدى توسالغۇ بولماي، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش شەكلىنى بېيىتىشتىكى جانلىق كارتىنىغا ئايلاندى.
قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە؛ مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇشتىن مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشكىچە؛ ساھە ئايرىمىسى بويىچە كېڭىشىش يىغىنىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى تەسىس قىلىشقىچە...
ئون نەچچە يىللىق ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىننى باشلامچى، مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىنى مۇھىم نۇقتا، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش يىغىنى، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى، نىشانلىق كېڭىشىش يىغىنى، تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىقلارنى دائىمىي ھالەت قىلغان كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسى قىلىش ئارقىلىق، چوڭقۇر كېڭىشىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
كېڭىشىش تۈزۈمى سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى −
«كېڭىشىش دېموكراتىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى ۋە قاتنىشىش ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشتا كەڭ، سىجىل، چوڭقۇر قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كېڭىشىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭىشىش خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىجىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نېمىنى كېڭىشىش، كىم بىلەن كېڭىشىش، قانداق كېڭىشىش، كېڭىشىش نەتىجىسىدىن قانداق پايدىلىنىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەرتىپى قېلىپلاشقان، مۇناسىۋىتى راۋان، يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئۈنۈملۈك بولغان كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ، يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى كۈنسېرى تاكامۇللىشىپ، تۈزۈم بولغان ئىكەن ئاساسلىنىش، نىزام بولغان ئىكەن رىئايە قىلىش، قائىدە بولغان ئىكەن ئەمەل قىلىش، تەرتىپ بولغان ئىكەن رىئايە قىلىش تېخىمۇ كۈچەيتىلدى.
«ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشلارنى بار مەسلىھەت كېڭىشىش، ئىشلارنى كېڭىشىشنى بىلىش»
2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، «ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشتا مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئاچقۇچلۇق جايلارنى تۇتۇش، تىرىشىپ كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، تۈرلۈك قىزغىن دېموكراتىيە ئەمەلىيىتى، تۈرلۈك ئىجادىي دېموكراتىيە شەكىللىرى ئارقىلىق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «ئاساسى بار گەپ قىلىش، پىكىرلىرى ئورۇنلۇق بولۇش، قائىدىلىك گەپ قىلىش، سۆزلىگەندە ئاساسى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»قا كۈچەپ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى سىجىل ئۆستۈردى.
− «چوڭقۇر» بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلدى.
پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش»نى چۆرىدەپ قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى؛
دىققەتنى قارا تۇپراق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى، 2021 - يىلى قارا تۇپراقنىڭ چېكىنىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 2022 - يىلى قوغداش سېلىنمىسى، مەبلەغ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ۋە قارا تۇپراق تېرىلغۇ يېرىدىكى سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدى، 2023 - يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، 2024 - يىلى پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى؛
مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى چۆرىدەپ، 2023 - يىلى، مەخسۇس كومىتېت ھالقىغان، ساھە ئايرىمىسى ھالقىغان زور مەخسۇس تۈر تېمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار تېما بەلگىلەپ، رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرى ئۆمەك باشلاپ، «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش» «يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش» «يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، قىممىتى بار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشىغا يوللىدى؛
...
يىلتىز چوڭقۇر بولسا، شاخ - يوپۇرماقلىرى ئاندىن باراقسان بولىدۇ. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چوڭقۇر چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، سىجىل كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئالغا سىلجىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلدى.
− «مەخسۇس» بولۇشنى چىڭ كۆزلىدى.
2023 - يىلى 3 - ئاي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدا، يېڭىدىن كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان مۇھىت - بايلىق ساھە ئايرىمىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.
كېيىنكى يىلى 3 - ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا، «كەڭ مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى زاتلار كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى» دەپ تەكىتلىدى.
بىر يىلدىن بۇيانقى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا نەزەر سالساق، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار كەسپىي ئارتۇقچىلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ساھەسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىي 160 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپ تاپشۇردى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا دائىر 200دىن ئارتۇق ئۇچۇر يوللىدى.
ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن دانالارنى يىغىپ، ھەر ساھەدىكى قابىللارنى توپلىدى.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پائال يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئاساسى بار، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە - ئەقىل كۆرسەتتى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرى تېخىمۇ «مەخسۇس» بولۇش ئالاھىدىلىكى، «مەخسۇس» بولۇش سۈپىتى، «مەخسۇس» بولۇش سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.
− «ئەمەلىي بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
«كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلاش ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتۇق».
2024 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار ئارگىنالى توغرىسىدا بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.
يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، ئارىلاپ سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، كۆپچىلىك داۋاملىق چوڭقۇر ئويلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەھۋاللار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلىك بولغان پىكىر - تەكلىپلەرنى توپلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا پائال تۆھپە قوشسا بولىدۇ».
«دېموكراتىيە بېزەك بۇيۇمى ئەمەس، ئۇنى تىزىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك» «راست گەپ قىلىشقا، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، دادىللىق بىلەن تەكلىپ ۋە تەنقىد بېرىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىشقا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك»...
باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى «سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي كېڭىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياخشى تەكلىپ بېرىپ»، تىرىشىپ دىققەتنى «نېمىلەرنى قىلغانلىقى» «قانچىلىك قىلغانلىقى»غا ئەھمىيەت بېرىشتىن «قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقى»غا ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
كېڭىشىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگىلى، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يۇقىرى سەۋىيەلىك كېڭىشىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىيەگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىيە ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.
ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش −
«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك»
2023 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى زالدا چىراغلار چاقناپ، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.
بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، چىشلىق چاق، بۇغداي باشىقى، خەرىتە ۋە تۆت قىزىل بايراق بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى يىغىن مەيدانىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئېسىلغان بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى يورۇتۇپ تۇراتتى.
«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىپ، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقايلى!» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش بۇرغىسىنى چالدى.
ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى.
نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى شۇنچە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولدى −
2023 - يىلى 10 - ئاي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئۇزاق ئۆتمەي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» باش تېمىسىدا گۇاڭدۇڭنىڭ خۇيجوۋ، دۇڭگۇەن، شېنجېن قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 2024 - يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇنجى مەيدان قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، دىققەت بۇ باش تېمىغا يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشتى.
ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىلانلاش، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش.
14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك كېڭىشىش يىغىنلىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىدىن بۇرۇن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىشقا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردى.
2023 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى، رەئىسلەر يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى 19 قېتىم، 182 پارچە يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى 35 قېتىم ئېچىلىپ، بارلىق 34 ساھە ئايرىمىسىنى قاپلىدى.
سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش.
2023 - يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 17 قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، ئەزالاردىن 202 ئادەم قېتىم قاتناشتى. ئەزالار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
2024 - يىل 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 2024 - يىلى 1 - پەسىللىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى»نى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىك ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىكنى مۇستەھكەملەپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى، خىزمەت ئۈنۈمىدە نامايان قىلدى.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، كەڭ ئەزالار دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى −
بۇ بىر پارچە «رەڭگارەڭ» تەكلىپنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى: قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ، سېرىق رەڭ، يېشىل رەڭ، سۆسۈن رەڭ... A4 قەغەزگە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شەنشى ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ فۇۋېن قايتا - قايتا سىزىپ، قايتا - قايتا ئۆزگەرتىپ، ھەر قېتىملىق ئۆزگەرتىشتە ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردە بەلگە قويدى.
سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپلىرى كۆپ بولمىسىمۇ سەرخىل بولۇشى كېرەك. قىسقىغىنا 1000 خەتتىن ئارتۇق تەكلىپ توغرىسىدا گۇڭ فۇۋېن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 10 نەچچە مەيدان مەخسۇس تېمىدىكى دەلىللەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 100 نەچچە قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى. تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىش باشتىن - ئاخىر ئۇنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قويغان تەلىپى بولدى.
«سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ سۆزلەر ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت مىزانىنى دەل جايىدا يىغىنچاقلىدى.
2023 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ ئورگىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەزالار ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئەزالىرى دەرس سۆزلىدى.
ئۈچ كۈنلۈك مۇھاكىمە كۇرسى جانلىق «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئومۇمىي ساۋات دەرسى» بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.
ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش.
«ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، مەكتەپلەرگە بېرىش، مەھەللىلەرگە بېرىش، يېزىلارغا بېرىش، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا بېرىش، كەڭ ئاممىنىڭ يېنىغا بېرىش...»
14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ چامىنىڭ يېتىشىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.
ئىلىم - پەن دەرسخانىلىرى، تۈرلۈك مەخسۇس پائالىيەتلەر، قېتىم - قېتىملاپ غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىش... كەڭ ئەزالار مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قەلبى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىرادىسى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئۇلۇغۋار ئىشلاردا يەنە يېڭى شان - شەرەپ قازىنىشقا تۈرتكە بولدى −
2023 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرى كوللېكتىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاتتا بىنا بىر تال ياغاچ بىلەنلا پۈتمەيدۇ؛ دېڭىزنىڭ چەكسىزلىكى بىر ئېقىننىڭ قوشۇلۇشى بىلەنلا ھاسىل بولمايدۇ.
خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سۇپا، ۋاسىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىتتىپاقلىق بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.
1949 - يىلى 9 - ئاي، جۇڭنەنخەي خۇەيرېنتاڭ زالى.
ھەيۋەتلىك زەپەر مارشى ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. بارلىق ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك كۈچلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ھىمايە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت قۇرۇشنى كېڭىشىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق يارىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە ئاچتى.
يولداش ماۋ زېدۇڭ باشلىنىش سۆزىدە مەردانىلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ئومۇمىي سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
سانسىز يۇلتۇزلار شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئايلىنىدۇ، تۈمەنلىگەن دەريالار شەرق تامان ئاقىدۇ.
«پەقەت ئومۇمىي خەلق بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىغان بۇ سۆزلەر جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدى.
ھەيۋەتلىك شەرق شامىلىدا يەلكەن چىقىرىپ سەپەرگە ئاتلىنىش، ئۆركەشلىگەن چوڭ دولقۇندا پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)