تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پەيزاۋات شىنمېيسىنى تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن ئاشتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) پەيزاۋات شىنمېيسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، پەيزاۋات شىنمېيسىنى تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 10 مىڭ توننىدىن ئاشتى. 9- ئاينىڭ 18- كۈنى، مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە، پەيزاۋات شىنمېيسىنى پوچتا تېز يەتكۈزۈش يولى ئارقىلىق توشۇش مىقدارى 7 مىليون 510 مىڭ يەشىكتىن، 11 مىڭ 265 توننىدىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 425 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توشۇش مىقدارى %87.75تىن ئاشقان.

جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزگۈچىلىرى يۆجيا شىنمېي زامانىۋى سانائەت باغچە رايونىدا شىنمېي توشۇماقتا. شۈ چياڭ فوتوسى

    پەيزاۋات شىنمېيسى شۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2024- يىلى تېرىلغۇ كۆلىمى 570 مىڭ موغا كېڭەيتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 410 مىڭ موغا يەتتى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پەيزاۋات ناھىيەسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شىنمېي ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش بازىسىغا ئايلاندى، پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدىكى ھەر بەش تال شىنمېينىڭ ئۈچى پەيزاۋاتتىن چىقىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.