ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭدا ئۈچ قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، نۇرغۇن جايدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم-سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا، ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 4 بالدىن 5 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
مەملىكەت بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات خەرىتىسى. سۈرەت \ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى
9-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزدىن 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا، ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا 9بالدىن 10 بالغا ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.
9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بىر قېتىم ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات. سۈرەت \ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن 25 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچىدىن 25-كۈنى كۈندۈزگىچە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئارقىدىن تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا، ئېگىز بولغان تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگەرگەندە، يول تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ ۋە كۆرۈش دەرىجىسى ناچارلىشىپ، ساياھەت ۋە قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مايتاغ-كۇچا تاشيولى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى