مەنبە: بىڭتۇەن 2-شى تيېمېنگۇەن شەھەرلىك يۇغۇرما تارتقۇ مەركىزى
ئاپتور: سۈن چۇەنۋاڭ
9-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، 2024-يىللىق شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق سەنئىتى پەسلى ھەم جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى تيېمېنگۇەن يىپەك يولى شيۇڭگۇەن جەنۇبىي مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاخىرقى نومۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان خوخۇ ئويۇنى تيېمېنگۇەن شەھىرىنى يورۇتتى، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ كۆزنى چاقناتتى، خوخۇنىڭ سايىسىدىن قىزىقارلىق كۆرۈنۈش ھاسىل بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان كۆرۈش سېزىمى «كاتتا زىياپىتى» سۇندى.
لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كۆزنى قاماشتۇردى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
ئوت ئۇچقۇنلىرى خۇددى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىياھ رەسىمگە ئوخشاش، كېچىدە تېز سۈرئەتتە ئايلىنىپ، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاپ قالدى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
ئويۇن قويغۇچى خوخۇنى بىر سىلكىپ، بىر چېكىپ، بىر چېچىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سامانيولىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى ھاسىل قىلدى.
سۈن چۈەنۋاڭ فوتوسى
ئوت يالقۇنىنىڭ خوخۇدا لاۋۇلداپ كۆيۈشىگە ئەگىشىپ، ئويۇن قويغۇچىلار بوشلۇقتا يارقىن ئىزلارنى سىزىپ چىقتى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
خوخۇدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر مول ھوسۇل ۋە گۈللىنىشكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى، باي-باياشاتلىق، بەخت-سائادەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
ئويۇن قويغۇچىلار خوخۇنى سىلكىگەندە، ئوت ئۇچقۇنلىرى ئەتراپقا چاچراپ، خۇددى چاقناپ تۇرغان چىراغدەك كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
ئويۇن قويغۇچىلار خوخۇنى قاتتىق سىلكىگەندە، ئوت ئۇچقۇنلىرى خۇددى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش ئۇپۇقنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى
ئويۇن قويغۇچىلار تۆمۈر تورنى سىلكىگەندە، ئوت ئۇچقۇنلىرى ئەتراپقا چاچراپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى.
سۈن چۇەنۋاڭ فوتوسى