تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان «خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى»نى پۈتۈش

− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى جەمئىيەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فەن شى، ۋاڭ يوۋلىڭ، ۋېي خۇڭيى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش

خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى پۇختىلاش

دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، ياشانغانلار ئىقتىسادى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە يۈزلىنىپ، تېبابەت - دورىگەرلىك - ساقلىق ساقلاش، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى يولغا قويۇش؛ دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇش...

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش − 2024 - يىللىق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش كۈز پەسىللىك مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى»نى باشلىدى، پائالىيەت 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى بولۇپ، ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك.

75 يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشتىن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقىچە، ئاندىن پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈشكىچە، دۆلىتىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت بىرقەدەر ئەتراپلىق بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2023 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 740 مىليون 410 مىڭ كىشى بولۇپ، 1949 - يىلىدىكىدىن 3.1 ھەسسە كېڭەيدى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى جەمئىي 140 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى. 2023 - يىلى 2 -، 3 - كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %29.1، %48.1 بولۇپ، 1952 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 21.7 پىرسەنت پوئېنت، 39.0 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

سېلىنما سالمىقى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلىي مەبلەغ چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى: مەركەز مالىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇل مەبلىغى خامچوتىدىن 66 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى؛ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 11 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويدى؛ سىچۇەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ جياڭسۇ ئىجتىمائىيلاشقان ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاز دېگەندە 100 مىڭ ئىش ئورنى ياراتتى؛ گۇاڭشى رەقەملىك ئىقتىساد، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى...

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تورىنى تەدرىجىي زىچ توقۇدى، تولۇق پۇختىلىدى. 75 يىلدىن بۇيان، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلىتىمىز كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ۋە چوڭقۇرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مالىيە كاپالىتىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى 2 تىرىليون 269 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشتى؛ شەھەر - يېزىلاردا مەھەللىلەر چىقىمى 1 تىرىليون 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى؛ مائارىپ چىقىمى 2 تىرىليون 29 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشتى.

«خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىشتا، خەلقتىن ئېلىپ خەلققە ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، مەۋقەنى كەلگۈسىگە قويۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىققا ئىنتىلىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دېدى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇڭ خەيبو.

دىققەتنى «تەقەززا بولۇۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش

خەلق تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش

«داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرگە ھاياتلىق ئۈمىدى ئېلىپ كەلدى.» جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىدىكى فابرېي كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالىنىڭ دادىسى مۇنداق دېدى: بالامغا كېرەكلىك ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېلىشىپ بېكىتىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ، بىر تېلىنىڭ باھاسى 12 مىڭ يۈەندىن 3000 يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈرۈلۈپتۇ. «داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش ۋە جۇڭگو خەلق سۇغۇرتا شىركىتى فۇجوۋ شۆبە شىركىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى سودا تولۇقلىما سۇغۇرتىسى قاتارلىق باشقا سۇغۇرتىلارنى قوشقاندا، بىز بىر يىلدا ئۆزىمىز پەقەت 40 مىڭ يۈەنلا تۆلەيمىز».

داۋالىنىش كاپالىتى خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى باھاسى كېلىشىپ بېكىتىلىدىغان دورىلاردىن قارىغاندا، بۇ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار ۋە ئالاھىدە كېسەللىكلەر، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى قاپلىغان، مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن دورىلارنىڭ سانى 3088 خىلغا يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارغا 720 مىليون ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈلگەن، كېلىشىپ بېكىتىش ئارقىلىق باھاسىنى چۈشۈرۈش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار قوشۇلۇپ، ئاممىنىڭ جەمئىي 700 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلىتىلگەن.

75 يىلدىن بۇيان، يالاڭ ئاياغ دوختۇرلاردىن كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسىگىچە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىدىن ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغىچە، دۆلىتىمىز داۋالاش قوشۇنى ۋە داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە سىجىل ئىلگىرىلىدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داۋالىنىش كاپالىتى تورى بەرپا قىلىنىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قاپلىدى.

ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىشنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دائىرىسى كېڭەيتىلدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شەھەر - يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، «ياشانغانلار - بالىلار»دىن ئىبارەت بۇ ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ گەۋدىلىك بولغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، دۆلىتىمىز نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى.

دۆلەتنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن «ئائىلە بىلەن مەھەللە ئاپپاراتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش» قاتارلىقلار ئارقىلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقىچە؛ ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇشتىن ياشانغانلار ئىقتىسادىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە... تۈرلۈك ئىسلاھات ئەمەلىي تەدبىرلىرى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، 40 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 1 مىليارد 66 مىليون كىشىگە يېتىپ، 1989 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليارد 9 مىليون كىشى كۆپەيدى.

ئادەمنىڭ گۆدەك چاغلىرىدىن باشلاپ ئالغان تەربىيەسى كىشىلىك ھاياتىدىكى بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئاساس سالىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بايلىقىنى كېڭەيتىپ، «يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش» «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش» قاتارلىق ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، كەڭ قاپلىغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، سۈپەتلىك بولغان يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.

خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش

ئەنخۇي فېڭياڭنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدە ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى چېڭ شىبىڭنىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆلچەملەشكەن مايسا يېتىشتۈرۈش زاۋۇتى، ئامبار قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆيى بار بولۇپ، ئوبوروت قىلىدىغان يېرى 700 مودىن ئاشىدۇ. 2023 - يىلى، ئۇنىڭ ئاشلىق ۋە تىجارەت مۇلازىمىتىدىن قىلغان ساپ كىرىمىلا 700 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، 75 يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.

كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، تىرىشىپ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز «تەرەققىيات تورتى»نى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىپ، ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ «ھەميان»ىنى تېخىمۇ تومپايتتى.

2023 - يىلى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 39 مىڭ 218 يۈەنگە يېتىپ، مال باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە 1949 - يىلىدىكىدىن 76 ھەسسە ئەمەلىي ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.0 ئاشتى.

كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش، كەڭ قويۇۋېتىش، بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش... تېخىمۇ باراۋەر بولغان مۇلازىمەت، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان كاپالەت ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىياتتىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەر - يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى 2.88:1دىن 2023 - يىلىدىكى 2.39:1گە كىچىكلىدى.

شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ باب كەلدى.

− يېزا - كەنتلەرگە نەزەر سالساق، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشتىن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقىچە، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

− شەھەرلەرگە نەزەر سالساق، كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىن شەھەرلەرنى يېڭىلاشقىچە، تۇرالغۇ كاپالىتى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلقنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆيسىز كىشىلەرنىڭ تۇرىدىغان ئۆيى بار بولۇپ، ئەمىن ئۆيلەردە، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولدى.

دۆلىتىمىز شەھەر - بازارلىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1949 - يىلىدىكى 8.3 كىۋادرات مېتىردىن 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 40 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇققا يەتتى؛ تۈرلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە ماكانلاشتۇرىدىغان ئۆيلەردىن جەمئىي 64 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەكى سېلىنىپ، 150 مىليوندىن ئارتۇق ئامما ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارزۇسىنى خۇشال ئىشقا ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەرشارىۋى نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ھالەتتە ئىدى. 1978 - يىلىنىڭ ئاخىرى دۆلىتىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات نوپۇس 770 مىليون كىشى بولۇپ، يېزىلاردا نامراتلىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، %97.5كە يەتكەنىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلدى. داۋاملاشما كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ئەڭ مۇھىم. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىگەندە، مۇقەررەر ھالدا خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.