تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بىر قاراپلا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ خىلمۇ خىل سالاپىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى − شىنشىجيې شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» دېيىلىدۇ) 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئوڭۇشلۇق پۈتتى ھەم شىنجاڭغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، يىل ئاخىرىدا سىرتقا ئېچىۋېتىش پىلانلاندى، بۇ، كېيىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، جانلىق كۆرگەزمە قىلىش، ھۈنەر - سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، جەمئىيەت تەربىيەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق مەدەنىيەت سورۇنى بولۇپ قالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدا، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىدا 2023 - يىلى 5 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلۇش باشلانغان، شىنشىجيې جۇڭگو يەر - مۈلۈك چەكلىك شىركىتى نىشانلىق ئىئانە قىلغان ھەم بۇ قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ قۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمە سارىيى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىش، يېتەكلەپ چۈشەندۈرۈش، تارقىتىشتىكى مۇھىم سۇپا، ھەمدە شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ قالىدۇ.

ساراي قۇرۇش تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇن - نىزاملارنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، قوغداشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق قۇتقۇزۇش، قوغداشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان جاي، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، تۈرى كۆپ بولۇپلا قالماي، مول مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە، شۇڭا مەركەزلىك، مۇقىم، كەسپىي سورۇنغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش ئۇزاققىچە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۇلارنى زامانىۋى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلدۇرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى گو مېڭيۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىقى يەنىمۇ يېقىنلىشىدۇ.

شىنجاڭدا نۆۋەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن 5607سى بار بولۇپ، ئۇلار ئەنئەنىۋى مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، تىياتىر، ياساش ھۈنەر - سەنئىتى (مەسىلەن، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك، كەشتىچىلىك، بوياقچىلىق، چالغۇ، ساپال بۇيۇم قاتارلىقلار)، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، خەلق ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، 94ى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، 315ى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئۇدا ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ھەپتىلىكى ۋە تۆت نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئادەملەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، ماددىي بۇيۇملار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، تۇرمۇش ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش داۋامىدا زامانىۋى تۇرمۇشقا جىپسىلىشىش دەرىجىسى تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى پۈتۈن جەمئىيەتتە تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەركەزلىك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇش بوشلۇقىغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى كۈچەيگەچكە، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشى قارالمىغا كىرگۈزۈلدى.

13 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە سارىيىدا نېمىنى كۆرگىلى بولىدۇ؟

«ئېتىزغا ئايلاندى پايانسىز دېڭىز، جىلغىغا ئايلاندى تاغلار، ئېدىرلار، دەريا قولتۇقىغا ئايلاندى مۇزلۇق، قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى قارلىق چوققىلار، بارچە شەيئى تۇرماقتا ئۆزگىرىپ، پەقەت قەھرىماننىڭ ھېكايىسى، كەلدى بۈگۈنگىچە تارقىلىپ...» قۇرۇلۇش تاماملاش مۇراسىمى ھەم ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى «ماناس»نىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە مىللىي ئېپوس «ماناس»نى ئېيتىۋاتاتتى.

«شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى ھەم خەلق سەنئەتكارلىرى ئېلىپ كەلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جانلىق كۆرگەزمىسى بۇ جايدا قەرەلسىز كۆرسىتىلىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاڭ يۈن.

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سارايدا شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى (ئىسىملىكى)گە كىرگۈزۈلگەن تۈرلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ھەرقايسى رايون بۆلەكلىرى كۆرگەزمىسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خاتىرىلىرىنى ساقلاش نەتىجىلىرى ھەمدە ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىدە، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇلغان، بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن، كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە نامايان قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسلار جانلىق كۆرگەزمىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسىدىن جەمئىي 6559 كىشىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 548 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ۋارىسىدىن 112 كىشى بار (ئالدىنقى بەش تۈركۈمدە باھالاپ بېكىتىلگەن).

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيە رايونى تۆت كۆرگەزمە زالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆرگەزمە زالى، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ۋاقىتلىق كۆرگەزمە زالى، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش زالى، كۆپ ئىقتىدارلىق زالنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن بار.

جۇڭخۇا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى زالىدا، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى (ئىسىملىكى)گە كىرگۈزۈلگەن قىسمەن تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پىلانلاندى، مەسىلەن، كۇنچۈ تىياتىرى، گۇچىن سەنئىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، تامغا ئويۇش، جىڭجۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق، قەغەز قىيما، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىقلار، بۇ رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكى ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ياراتقان ئادىمىيەت گۆھىرى نامايان قىلىنىدۇ.

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئومۇميۈزلۈك كۆرگەزمە قىلىنىدىغان ئىككى زالدا، پۈتۈن شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پىلانلاندى، مەسىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتى، قازاق مىللىتىنىڭ دومبىرا سەنئىتى، ئوقيا ياساش ھۈنەر - سەنئىتى، ئەنئەنىۋى ئۇن تامىقى تەييارلاش ھۈنەر - سەنئىتى، خوتەن دورىلىق چېيى تەييارلاش ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىقلار، بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماددىي بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئەت كۆرىكى قاتارلىق كۆپ رايونغا بۆلۈنىدۇ.

«شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىغا كىرىپ ئىنتايىن يېڭىلىق ھېس قىلدىم ھەم ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بىز ۋارىسلارنىڭ شىنجاڭ خۇائېرنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلالايدىغان تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كەسپىي بولغان بىر سەھنىسى كۆپەيدى.» شىنجاڭ خۇائېر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ۋاڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: ساراي ئېچىلغاندىن كېيىن كۆرگەزمە زالىدا خۇائېر ئېيتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

كۆرگەزمە پىلانىغا ئاساسەن، كۆرگەزمە زالىدا ۋارىسلار تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ مۇزىكىسى، مەشرەپ، نازىركوم، ئون ئىككى مۇقام، بۈركۈت ئۇسسۇلى، ساماۋەر ئۇسسۇلى، يۆجۈ تىياتىرى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ.

ساراي ئىچىدە يەنە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش زالى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، زامانىۋى تۇيغۇ، چۆكۈش شەكلى، پەن - تېخنىكا ئامىللىرى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ زالمۇ ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى ماھارەت تەربىيەلەش ۋە ۋارىسلىق قىلىش - ئۆگىتىش مەركىزى بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى بۇ يەردە نەق مەيداندا ماھارەت ئۆگەتسە بولىدۇ.

ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىغا «يېشىل» ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيىنىڭ ئاساسىي گەۋدە لايىھەسىنىڭ ئىدىيەسى «جۇڭخۇا گۆھىرى. ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» بولۇپ، ئۇنى خۇانەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ ئاكادېمىكى خې جىڭتاڭ باشچىلىقىدىكى لايىھەلەش ئۆمىكى لايىھەلىگەن، ئۇنىڭدا سالاپەتلىك، سالماق، ۋەزىنلىك جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى ۋە رەڭگى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ماتېرىيال تاللاشتا ئاچ سېرىق رەڭلىك تاش ماتېرىياللىرى ۋە تەقلىدىي مىس مېتاللار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تارىخ بىلەن زامانىۋىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە ئۇچراشقان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىچكى قىسىم كۆرگەزمە لايىھەسى جەھەتتە، لايىھەلىگۈچى تەرەپ پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىقنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ سېزىملىق ھېس قىلىش، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ تېخنىكىسى بىلەن مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇمى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىمۇ «جانلاندۇردى». كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ سۈرەت، نۇر ئالاھىدە ئۈنۈمى، 3Dلىق پۈتۈن كۆرۈنۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش، تېگىش سېزىمىنى تولۇق قوزغاپ، ئەنئەنىۋى كۆرگەزمىنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى «يېشىل قۇرۇلۇش» ئىدىيەسى ئارقىلىق، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا بايلىق تېجەش، مۇھىت قوغداش، بۇلغىمىنى ئازايتىشتا چىڭ تۇردى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساراي ئىچىگە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان سوغۇق رادىياتسىيە تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل ساراي تېمپېراتۇرىسىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە تېجەش ئالدىنقى شەرتىدە، باشتىن - ئاخىر مۇۋاپىق ئۆلچەم دائىرىسىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

«شىنجاڭ جۇڭخۇا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ خەزىنىسى، پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ۋارىسلىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان جاي، شىنشىجېي بۇ كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، جۇڭخۇا مەدەنىيىلىكىنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يېڭى ئېگىزلىكى، ساياھەت يېڭى نام كارتىسىنى بەرپا قىلىش، ھەقىقىي، گۈزەل، رەڭدار شىنجاڭنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.» شىنشىجېي شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى تۈرىنىڭ مەسئۇلى چېن خاۋ مۇنداق دېدى: شىنشىجېي جۇڭگو يەر مۈلۈك چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداشقا سىجىل مەبلەغ سالىدۇ، كەلگۈسىدە شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئىككى جاي ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.